مۇھاجىرەت ۋە ياشلار


خۇشاللىق، تەمتىرەش ۋە قىزىقىش قاتارلىق مۇرەككەپ ھېسسىياتلار ئىچىدە ئانا يۇرتىمىزدىن ئايرىلغىنىمىزدا بىز تېخى گۆدەك بالا ئىدۇق. ھايات تەرىپىدىن تېخى ئۇنچىلىك تاۋلانمىغان، ئاتا-ئانىمىز خۇددى كۆز گۆھىرىدەك ئاسراپ – ئاۋايلايدىغان بىزلەر ھەر كېتىشنىڭ بىر قايتىشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتۇق. لېكىن بەزى كېتىشلەرنىڭ قايتىشى بولمايتتى. بەزى ئىنسانلارنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرەتتۇق، بەزى ئەسلىمىلەرنى ئەسلا قايتىدىن ياشىيالمايتتۇق. دەرۋەقە، شۇنداق بولدى. ھەربىرىمىز پارلاق كېلەچىكىمىز ۋە ئۇلۇغۋار غايىلىرىمىز ئۈچۈن چىگرا ئاتلاپ ئىلىم ئېلىش يولىنى تاللىدۇق. بۇ يولنىڭ مۇشەققەتلىكلىكىنى بىلەتتۇق، شۇ مەزگىللەردىكى تىنىم تاپماس جۇشقۇنلىقىمىز ۋە پەقەت شۇ مەزگىللەردىلا بولىدىغان دۇنيانى بويسۇندۇرالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىشتەك جاسارىتىمىز بىلەن بارلىق مۇشەققەتلەر ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدىغانلىقىمىزنى ئويلايتتۇق. لېكىن ئىمتىھان بىز ئويلىغاندىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولدى. دۈشمىنىمىز كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە نامەرت، ھىيلىگەر ۋە قورقۇنچاق ئىدى. نەق مۇشۇ قورقۇنچاقلىقى ئۇنى دۇنيادىكى بارلىق رەزىللىكلەرنى سادىر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداشقا ئۈندەيتتى. بۇ رەزىللىكلەرنى سادىر قىلغۇچىلار «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»دە رىۋايەت قىلىنغان بىر توپ ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان گۈزەل كەنتنى تالان-تاراج قىلغان دىۋىلەردەك بەتبەشىرە، مەختۇمسۇلانىڭ تاپىنىنى تېشىپ قېنىنى ئىچكەن يالماۋۇزدەك قانخور، ھەرخىل يالتىراق رەڭلەر بىلەن ئۆزىنى بويىۋېلىپ، يامغۇر ياغقاندا ھەقىقىي ئەپتى – بەشىرىسى ئاشكارىلانغان «تاۋۇس ئەلەيىن» دەك كۆز بويامچىلىقى ئارقىلىق ئۆز جىنايەتلىرىنى ھەرخىل سۈنئىيلىكلەر بىلەن بېزەيتتى. شۇڭا دۇنيا ئەھلىمۇ بۇ رەزىللىكلەرگە قارشى سۈكۈتتە تۇرۇشنى تاللىدى. ۋە بىز كۆز ئالدىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن بۇ پاجىئەلەرگە بىرمۇبىر شاھىت بولدۇق. ئائىلىمىزنىڭ دەقىقىلەر ئىچىدە خانىۋەيران بولۇشى، تېخى تۈنۈگۈنلا ئالاقىلاشقان قەدىردانلىرىمىزنىڭ ھېچ سەۋەبسىزلا پۇت – قوللىرى كىشەنلىنىپ ئاللىقاياقلارغىدۇر غايىب بولۇشلىرى قارشىسىدا خۇددى ئۇۋىسى قاغا – قۇزغۇن تەرىپىدىن خانىۋەيران قىلىنغان قۇچقاچتەك تىپىرلىدۇق. ئىنساننىڭ ئۆز قەدىردانلىرىنىڭ ئازاب چەككىنىنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇرۇقلۇق ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن ھېچنىمە كەلمەسلىكىدىنمۇ ئارتۇق چارىسىزلىك يوق ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇ ئىللىق ماكانىمىزغا قايتىشىمىزمۇ ئىمكانسىزلىقلار ئارىسىغا قېتىلغانىدى. ئائىلىمىز بىلەن بولغان ئالاقىمىز تەلتۆكۈس ئۈزۈلگەن، ماددىي ۋە مەنىۋى تۈۋرۈكلىرىمىز بولغان ئاتا-ئانىمىزمۇ يالماۋۇزلارنىڭ تۈرمىلىرىگە قامالغانىدى. يىغلىدۇق، قاقشىدۇق، لېكىن ھايات بۇنىڭلىق بىلەن بىزگە رەھىم قىلمايتتى. داۋاملاشتۇرىشىمىز كېرەك بولغان بىر ھايات، تاماملىشىمىز كېرەك بولغان دەرسلەر، ماددىي باش قېتىنچىلىقلار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر بىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانىدى. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ پاجىئەلەرگە قارشى چۆچۈش ۋە ئاڭقىرالماسلىق تۇيغۇلىرىمىزنى بىرقۇر باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن رېئاللىققا يۈزلىنىشىمىز كېرەكلىكىنى قارار قىلدۇق. چۈنكى دۇنيا ئاجىزنىڭ كۆز يېشىغا باقمايتتى. يىقىلغان ئات چەيلىنىشكە مەھكۇم بولاتتى. بەزى يارىلار ئەسلا ساقايمايتتى، بەلكى ئىنسان مۇشۇ يارىلار بىلەن بىرلىكتە ياشاشنى ئۆگىنەتتى. بىز بۇ رېئاللىقلارنى بالدۇرلا قوبۇل قىلدۇق. ئەمدىلىكتە ھېيت – بايراملاردا چەكسىز شادلىق ئىچىدە ئويغىنىدىغان ئۇ گۈزەل كۈنلىرىمىز يوق ئىدى، ئاغرىپ – سلاپ قالغان ۋاقىتلىرىمىزدا ئاپىمىزنىڭ ئوخشىغان بىر چىنە سۈيقاشنى كۆتۈرۈپ كۈلۈمسىرەپ كەلگىنىنى پەقەت چۈشىمىزدىلا كۆرەتتۇق. ياقا يۇرتتا ئۇچرىغان ناھەقچىلىكلەر ۋە كۆڭۈلسىزلىكلىرىمىزدە :« باتۇر بولغىن بالام، مەن ھەرۋاقىت يېنىڭدا» دەيدىغان زەبەردەست ئاتىلىرىمىز يالماۋۇزلارغا خار بولۇۋاتاتتى. بەزىلىرىمىز ھەتتا ئاتا – ئانىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتۇق. «ئامان بولساق كۆرۈشەرمىز!» دەيتتۇقيۇ بۇ بىر جۈملىنىڭ كەينىگە قانچىلىك كۆز يېشى ۋە ئىزتىراپنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىر ئاللاھ بىر ئۆزىمىز بىلەتتۇق. بۇ ئېغىر تۇيغۇلارنى توختىماستىن ئىچىمىزگە يۇتۇش بارا – بارا چۈشكۈنلۈك ۋە خامۇشلۇققا يول ئاچتى. ئىنساننىڭ روھى مېھىر – مۇھەببەت بىلەن ئوزۇقلىناتتى. ۋە بىز ھەقىقىي مېھىر – مۇھەببىتىنى ھېس قىلالايدىغان قەدىردانلىرىمىزدىن ناھايىتى بەك ئۇزاقتا ئىدۇق. بىز پەقەت ئائىلىمىزدىلا قىممەتلىك ۋە ئەتىۋارلىق ئىدۇق. بارا – بارا ئۇيقۇ ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشىمىزدىكى بىردىنبىر ۋاستە بولۇپ قالدى. بەزىدە چۈشىمىزدە ئۇلارنى كۆرۈش ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتاتتۇق، ۋە قورقۇش ئىچىدە ئويغىنىپ بۇنىڭ بىر چۈش ئىكەنلىكىدىن ھەم خوشال بولاتتۇق ھەم مەيۈسلىنەتتۇق. ياشلىقنىڭ بوسوغىسىدىن ئەمدىلا ئاتلىغان بىر ئىنسان ئۈچۈن بۇ مۇرەككەپ تۇيغۇلارغا جەڭ ئېلان قىلىش، ھاياتنىڭ كۆرۈنمەس يىپلىرىغا مەھكەم ئېسىلىپ ياشاشقا تىرىشىش ھەقىقەتەنمۇ مۈشكۈل بىر ئىش ئىدى. ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتىتى پىسخولوگىيە بۆلۈمى ئوقۇغۇچىلىرى ئېلىپ بارغان راي سىناش ھەرىكىتىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدا كۆرۈلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر پىسخىكىلىق مەسىلە ئۆزىنى چارىسىز ھېس قىلىش بولۇپ، 66.5%نى ئىگىلەيتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكىلىرى نۆۋەت بويىچە ھېچكىمگە ئىشەنمەسلىك، ئاسارەت، خامۇشلۇق ۋە چۈشكۈنلۈك قاتارلىق پىسخىك مەسىلىلەر ئىدى. قىزىقارلىق يېرى، مۇشۇنچىۋالا ئازابلار دۆۋىسى ئىچىدە قالغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش نىسبىتى يوق دېيەرلىك ئىدى. نۇرغۇنلىغان تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر زەيپانىلەشكەن ياشلىرىنى ئەيۋاشقا كەلتۈرۈش، ئۇلارنى ئائىلە قۇرۇشقا تەشۋىق قىلىش ۋە تالاي مەبلەغ سېلىش ئارقىلىقمۇ ھەل قىلالمىغان بەزى زور ئىجتىمائىي مەسلىلەرنى ئۇيغۇر ياشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەيران قالارلىق بىر شەكىلدە يېڭىپ، ئۆز يارىمىزنى ئۆزىمىز تاڭالىغانىدۇق. ئۇنداقتا ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى بۇ بوي ئەگمەس كۈچ قەيەردىن كەلگەن؟ مۇھاجىرەتتە تاۋلانغان، يالغۇزلۇق ۋە چۈشكۈنلۈكنىڭ قاينىمىدا ئوبدانلا بوغۇلغان ۋە بۇلارغا باش ئەگمىگەن مىڭلىغان مۇساپىر ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىزدىكى بويۇن ئەگمەسلىكنىڭ سىرىنى قىسقىچە تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلىدىم:

  • ئېتىقاد
    ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان بىر ئائىلىنىڭ تۈركىيەدىكى پەرزەنتلىرى ئىستانبۇلدىكى خىتتاي كونسولى ئالدىدا نامايىش قىلماقچى بولغاندا، نامايىشنى توسماقچى بولغان ساقچىغا ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ شۇ سۆزلەرنى قىلىدۇ: «ئاكا كۆردۈڭمۇ؟ بۇ مېنىڭ ئاپام. بۇ بولسا ئىنىم، بۇلار بولسا سىڭىللىرىم. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئوت ئاپىتىدە ئايرىلىپ قالدىم، ھەتتا يەرلىككە قويۇشقىمۇ بارالمىدىم، مېنىڭ يوقىتىپ قويۇشتىن قورقىدىغان باشقا ھېچنىمەم قالمىدى، ئەگەر مۇسۇلمان بولمىغان بولسام ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالغان بولاتتىم!»
    دۇنيادىكى ئەڭ ئازابلىق ھېسلاردىن بىرى بولغان ئائىلە ئەزالىرىدىن ئايرىلىشتىن ئىبارەت قىيىن ئىمتىھان بىلەن سىنالغان بۇ قېرىنداشلىرىمىز ئائىلىسىنىڭ تور دۇنياسىنى بىر ئالغان رەسىملىرى، ئاپىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ جانسىز يۈزلىرىنى كۆرگەن تۇرۇقلۇق مىسلىسىز دەرىجىدە سەبىر قىلدى. چۈنكى ئۇلار يېگانە ياراتقۇچىمىزنىڭ مەزلۇملارنىڭ ئەڭ مېھرىبان پاسىبانى، ئىنتىقام ئالغۇچىلارنىڭ ئەڭ قەھىرلىكى، رەھمەت ئاتا قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرگەنىدى. جەننەت ۋە جەھەننەمنىڭ خىيالىي بىر تۇيغۇ بولماستىن رەببىمىز ئۆز قولى بىلەن لايىھىلىگەن ماكانلار ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. ئائىلىسى بىلەن شۇ گۈزەل ماكانلاردا ئۇچرىشىشقا، ئايرىلىش ئۇقۇمى ھېچ مەۋجۇت بولمىغان شۇ يەرلەردە مەڭگۈ بىرلىكتە ياشايدىغانلىقىغا، ئۇلارنى دۇنيادا ئورنىنى تولدۇرغۇسىز ئازاب ۋە جۇدالىققا مەھكۇم قىلغان زالىملاردىن ئەنتىنى ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. يالغۇز ئۇلارلا ئەمەس، ھەممىمىز رەببىمىز يار – يۆلەك بولغان ھەركىمنىڭ غالىبلاردىن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتۇق.

  • ئۈمىد
    بىز ئەڭ ئۈمىدسىز ۋاقىتلىرىمىزدىمۇ < ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى > دەپ بىر – بىرىمىزگە تەسەللى بېرەلەيتتۇق. دۇنيا خارابلىشىشقا قاراپ يۈز تۇتۇۋاتقان بۇ ئەسىردە ئۈمىد بىزنىڭ قەلبىمىزدە يېلىنجاپ تۇرۇۋاتقان يورۇق بىر شام ئىدى. خۇددى لەھەڭ قارنىدىكى يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلتىجاسىدەك كۈچلۈك، قۇدۇق ئاستىدىكى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىدەك تەسىرلىك ئىدى. مەيلى ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتسۇن، مەلۇم بىركۈنى چوقۇملا بىر مۆجىزە يۈز بېرىدىغانلىقىغا، رەببىمىزنىڭ «كۇن فە يەكۇن» ئەمرى بىلەن ئىمكانسىز دەپ ئويلىغان بارلىق ھادىسىلەرنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىغا، بارلىق قەدىردانلىرىمىز بىلەن قايتىدىن يۈز كۆرۈشىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنەتتۇق.

  • تەۋرەنمەس روھ
    رەببىمىز يەر يۈزىگە ئەۋەتكەن ھەر قەۋم ئوخشىمىغان ئىمتىھانلار بىلەن ئەۋەتىلگەندۇر. ئاسارەت ئاستىدا قالغان ھەر قەۋمگە ئوخشاش بىزمۇ ئۇزۇن يىللىق زۇلۇم ئاستىدا ياۋغا قارشى تەۋرەنمەس ۋە چىداملىق ئىرادە ھاسىل قىلغانىدۇق. ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ۋە قان – قېنىمىزغا سىڭگەن قەيسەرلىك ھۇرۇنلۇققا، بوشاڭلىققا ۋە ئۈمىدسىزلىككە ئەسلا يول قويمايتتى. بۇ گۈزەل نېمەتلەرنى بىزگە ئاتا قىلغان رەببىمىزگە ھەمدۇ – سانالار بولسۇن! بارلىق گۈزەل دۇئالىرىمىز بۇ نېمەتلەرنى بىزگىچە يەتكۈزۈپ بەرگەن قەھرىمان مىللىتىمىزگە يەتسۇن.
    مېنىڭ يۇقىرىقى يەكۈنلىرىم مۇھاجىرەتتىكى مىڭلىغان قەيسەر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئالدىدا دېڭىزدىن بىر تامچە خالاس. رەببىمىزنىڭ ئالىي ھىممىتى، ھەركۈنى بىزنى قوغداش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ساناقسىز پەرىشتىلەر ۋە يىراقتىكى ئاتا – ئانىمىزنىڭ تۈرمىلەرنىڭ قاراڭغۇ كامىرلىرىدا شىۋىرلاپ تۇرۇپ قىلغان دۇئالىرىلا بولىدىكەن، بىز بۇ قېيىن سىناقلاردىن رەببىمىزنى رازى قىلغان بىر شەكىلدە ئۆتۈپ كېتىمىز. رەببىمىزنى رازى قىلغان ئەمەللىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ھەم جەننەتنى ھەم ۋەتىنىمىزنى قازىنىش بىزنىڭ ئەڭ ئالىي ئارزۇيىمىزدۇر. مۇھاجىرەتتىكى ھەربىر ياشنىڭ ھاياتى بىر روماندۇر. ئۇلارنى يېزىپ چىققان ھەربىر ياش بىر قەھرىماندۇر. ئەلۋەتتە، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ۋە بىز بۇ كۈنلەرنى ھېكايە قىلىمىز، خۇددى بۇرۇنقىلار قىلغاندەك. ئەمما بىزنىڭ ھېكايىمىز غەلىبە، خۇشاللىق ۋە بەخت – سائادەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، ئىنشائاللاھ!


جاۋاب يېزىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button