قارا تايغان،بوش كەلمە

ھېكايە

گۈلبوستان مۇئەللىم

 ئاسمان قەرىدە بىر جۈپ سا ئەگىپ يۈرەتتى .

   ئۇزۇنغىنە ئىرغاي  تايىقىنى « جەرەن تاي » ئېتىپ مىنگەن  بالا قامچا ئوينىتىپ تاغ باغرىدىكى يالغۇز ياغاچ ئۆينىڭ ئەتراپىدا چاپاتتى ، دۆڭگە چاپاتتى،ئويغا چاپاتتى، چاپاتتى . «ئات»  چېپىپ كېتىۋېتىپ پات -پات كىشنەپ قوياتتى . بالىنىڭ كەينىدە ئەگىشىپ يۈرگەن بىر -بىرىگە بەكمۇ ئوخشايدىغان ئىككى ئالا كۈچۈك،«ھاۋ،ھاۋ» دېيىشكىنىچە، گاھ «ئاتنىڭ» قۇيرۇقىنى چىشلىسە ، گاھ بالىنىڭ پۇتىغا پۇتلىشىپ دومىلاپ كېتەتتى . شۇنداق بولسىمۇ يەنە ھايال يوق « ئات»قا يېتىشىۋالاتتى .

  مۇنۇ بىر يۈرۈش ياغاچ ئۆي، قورۇ- قوتان ، ئۇ تېخى سانىنى بىلمەيدىغان جىق قوي كالا ۋە يىلقىلار ئاۋۇ كۆكتات قورۇقى ياپيېشىل قارىغايغا تولغان تاغ ، يەنە تېخى يوپۇرماقلىرى سارغىيىپ ئالتۇن رەڭگە كىرگەن ، ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۆز يەتمەس توقاي ، شارقىراپ ئېقىۋاتقان دەريا، تىنماي سايراۋاتقان قۇشلاردىن تارتىپ تېپىشىپ يۈرگەن، جەرەن كېيىكلەرگىچە ئاشۇ بالىغا تەئەللۇق ئىدى . ئۇ، بۇ زېمىننىڭ ھەممىسىگە ئىگىدارچىلىق قىلاتتى ، بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك ئۆيدە يالغۇز قالغان كۈنلەردە، سەگەكلىشىپ تولىمۇ غورۇرلۇق بولۇپ  كېتەتتى .

  چېپىپ كۆكتات قورۇقىغا يېقىن قالغاندا،كونىراپ كەتكەن ، قارا شىلەپىلىك ئاتلىق بىر ئادەمگە يولۇقۇپ قالدى .

– ھوي ، بالا ئېتىڭ نېمە ؟- سورىدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ .

-يولۋاس،- مەزمۇت جاۋاب بەردى بالا .

– سەن كىمنىڭ بالىسى ؟

–  بوۋامنىڭ .

– بوۋاڭنىڭ  ئېتى كىم ؟

– ياخشى بوۋام ،ياش بوۋام .

– بۇ گەپنى كىمدىن ئۆگەندىڭ ؟

– ئۆزۈم بىلىمەن .

–  بوۋاڭ  ئۆيدىمۇ ؟

– ياق .

– نەگە كەتتى ؟

– توقايلىققا چۈشۈپ كەتتى .

– ئۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدۇ ؟

– ئوغرى تۇتىدۇ .

– قانداق  ئوغرى تۇتىدۇ ؟

– خورجېنىدا قاپىقىنى، قوينىدا توزاق بىلەن قىلتىقى بار ، ئوغرىنى  تۇتىدۇ .

– تۇتمىسىچۇ ؟

– ئوغرى توقايدىكى جەرەن ، كىيىك قىرغاۋۇللارنى تۇتۇپ يەۋالىدۇ .

– سىلەر جەرەن ، كىيىك يەمسىلەر ؟

– بىز دېگەن قوي سويۇپ يەيمىز .

– ئۆيۈڭدە كىم بار ؟

– ھېچكىم يوق .

– مە ، ئالما يەمسەن ؟

– ئۇ ئادەم قوينىدىن ئىككى تال قىزىل ئالمىنى ئېلىپ بالىغا سۇندى .

-ياق،- دېدى بالا باش چايقاپ .

– نېمىشقا يېمەيسەن ؟

– ئالما  تېخى پىشمىدى .

– ۋوي ئەخمەق بالا ،تاغنىڭ ئالمىسى پىشمىغان بىلەن باغنىڭ ئالمىسى پىشتى شۇنىمۇ بىلمەمسەن ؟

– مەن بىلىمەن ،ئاپام يېگۈڭ كەلسە لاپاستىكى يېيىقلىق قۇرتتىن ئېلىپ يەۋەر دېدىغۇ .

– بوپتۇ ئالما يېمىسەڭ قۇرۇتۇڭنى يېگىن ، كۆرۈۋاتامسەن ئەقىللىق بالا،ئاۋۇ  قورۇقۇڭدىكى سەۋزىلەرنى ئۇزۇن قۇلاق ياۋايى توشقانلار يەپ بولاي دەپ قاپتۇ. ئېتىڭنى چاپتۇرغانچە تامدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئۇلارنى قوغلىۋەت. بۇنى بوۋاڭغا دېسەم ، بازارلىقىڭغا ، چوقۇم كۈندە ناۋات يەيسەن .

  يولۋاس ھېچ ئىككىلەنمەستىنلا «ئېتىغا» بىر قامچا سېلىپ قىيغىتىپ كېلىپ تىيىندەك چەبدەسلىك بىلەن تامغا ياماشتى . ئۇنىڭ ئارقىسىدىن تىنماي ئەگىشىپ يۈرىدىغان كۈچۈكلىرى،تامغا توسۇلۇپ،قۇلاقلىرىنى دىڭگايتقىنىچە تۇرۇپ قېلىشتى .

  ئۇ بولۇشىغا چېپىپ يۈرۈپ قورۇق ئىچىدىكى توشقانلارنى قوغلىۋەتكەندىن كېيىن قورۇق تامنىڭ  ئۈستى بىلەن ئات سېلىپ كېلىپ ،ھېلىقى كىشىنىڭ يېنىغا كەلدى ، بۇ ئادەمنىڭ چىقىر كۆزلىرى خۇشاللىقتىن چاقناپ تۇراتتى. ئۇ قورۇقنىڭ سۈڭگۈشتىكى ئېرىق ئىچىدە تاغارنىڭ ئاغزىنى ئىككى قوللاپ قاماللىۋالدى .ئۇ، بىر قولى بىلەن تاغارنىڭ ئاغزىنى تولغاپ تۇتۇپ ، يەنە بىر قولى بىلەن يانچۇقىدىن بوغقۇچ ئالغۇچە ئىككى توشقان تاغاردىن ئۈسسۈپ چىقىپ توقايغا تىكىۋەتتى . قالغانلىرى بولسا تاغار ئىچىدە تىپىرلايتتى .

    مەلۇم بولدىكى ،بۇ قارا شىلەپىلىك ،بوۋىسى ئىزدەپ يۈرگەن ئوغرىنىڭ دەل ئۆزىكەن ئەمەسمۇ. ئۇ يولۋاسنى ئالداپ قوغلىغىلى سېلىپ،تاغارنى قورۇققا سۇ كىرىدىغان سۈڭگۈچنىڭ ئاغزىغا ئىلىپ تۇرۇپ، توشقانلارنى تاغارغا سولىۋاپتۇ ئەمەسمۇ . خەپ سېنى قارا شىلەپىلىك ئوغرى، ئەدىپىڭنى قانداق بېرىدىكەنمەن قېنى كۆرۈپ تۇر …!

 قارا شىلەپىلىك بوغقۇچنى تاغار ئاغزىغا يۆگىگىچە بولغان ئارىلىقتا توشقاندىن يەنە بىرنى قاچۇرۇپ قويدى .

   يولۋاس قورۇققا سەكرەپ چۈشۈپ ،تامنىڭ تۈۋى بىلەن ئەگىپ بېرىپ ياغاچ ئۆينىڭ كەينىدىكى دولانە دەرىخىگە باغلاقلىق تۇرغان ئاتنى يېشىۋەتتى ۋە ئاتنىڭ يانپىشىغا قولىدىكى ئات ئېتىپ ئويناۋاتقان ، ئىرغاي تايىقى بىلەن كېلىشتۈرۈپ بىرنى سالدى . ئات تاياق زەربىسىدىن پۇشقۇرغانچە چۇلۋۇرنى سۆرەپ چېپىپ كەتتى .…

    يولۋاس چەبدەسلىك بىلەن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ كەلگەن يول بىلەن يۈگۈرۈپ قاراشىلەپىلىكنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە:

– تاغا قاراڭ ئېتىڭىز بوشىنىپ كەتتى،- دېدى .

 ئۇ چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ دولانە دەرىخىگە قارىدى ، راستىنلا ئېتىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ يۈزىگە يەنە بىر قېتىم كۈلكە يۈگۈرەتتى .

– ئاپاڭ ساڭا پولو ئېتىپ بېرىدىغان سەۋزىلەرنى يەۋالىدىغان ئوغرى توشقانلارنى تۇتۇۋېلىپ ئوبدان قىلدۇق. مەن ئاتنى تۇتۇپ كەلگۈچە سەن مۇنۇ تاغارغا قاراپ تۇر، سېنى ياخشى بالا دەيمەن .

 بۇ گەپنى ئاڭلاپ يولۋاسنىڭ ئاچچىقى كېلىپ زادىلا ئۆزىنى تۇتالماي قالدى .

– مەن دېگەن سېنىڭ بالاڭ ئەمەس ،بوۋامنىڭ بالىسى جۇمۇ !

-شۇنداق ، شۇنداق ، سەن دېگەن بوۋاڭنىڭ ياخشى بالىسى . تاغارغا ياخشى قارا ، بوۋاڭنىڭ ياخشى بالىسى،ئاۋۇ كەپسىز كۈچۈكلىرىڭگە دېگىن، تاغارغا چېقىلمىسۇن .

   تاغار ئىچىدىكى توشقانلار تىپىرلىشىپ ،ھە دەپ يىغلاشماقتا ئىدى .«ۋاھ… مۇنۇ قارا شىلەپىلىك ئۆزى ئوغرى تۇرۇقلۇق بىزنى ئوغرى دەپ تىللايدىغۇ تېخى !ھەي، مېنىڭ توشقانلىرىم، بىز ئوغرىمۇ؟ توقاي بىزنىڭ، دەريا بىزنىڭ، يايلاق بىزنىڭ ،ھەممىسى بىزنىڭ، بىزنىڭ، خەپ سېنى كۆرۈپ تۇر .…«

قارا شىلەپىلىك كۆزىدىن يوقۇلۇش بىلەن تەڭ، يولۋاس توشقانلارنىڭ نالە پەريادىغا تولغان تاغارنىڭ بوغقۇچىنى كىچىك بەكىسى بىلەن كېسىۋەتتى .

 قاراق شىلەپىلىك ئېتىنى بۇلاق بېشىدىكى ئوتلاۋاتقان يېرىدىن  ئوڭايلا تۇتۇۋالدى. ئۇ تەييار توشقاننىڭ قىزىقچىلىقىدا قولىدىكى قامچىسىنىڭ نەدە قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالغان ئىدى ، ئەمدى ئات ئۈستىدە قامچىدىن ئايرىلىپ قېلىش يامانلىقنىڭ بېشارىتى ئىدى . دېگەندەك ئۇ ئات چېپىپ ، ياغاچ ئۆينىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ، كۆكتات  قورۇقى تەرەپتىن بىر توپ توشقانلارنىڭ گۆررىدە چېپىشىپ توقايغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ كەتتى .

   مانا، « ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك » دېگەن شۇ.ئارىدىن سەل ئۆتۈپ قورۇ تەرەپتىن بوراندەك ئېتىلىپ چىققان قارا ئىتنىڭ ھۇجۇمى ئۇنىڭغا بەكمۇ ئەلەم بولدى .

   قورۇنىڭ  يېنىدىكى ئۆيچۈكتىن ئىتىنى قويۇۋېتىپ چىققان يولۋاس تونۇرنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ بولۇشىغا ۋارقىرىغىلى تۇردى .

– بوش كەلمە ، بوش كەلمە…

 شۇ تاپ قارا شىلەپىلىكنىڭ يول ئۈستىدە تاشلىنىپ ياتقان ھېلىقى تاغىرىنىمۇ ئۇنىڭ ئىچىدىكى جەرەن تۇتۇش ئۈچۈن ئەكەلگەن ئىككى دانە قاپقاننىمۇ تاشلاپ كەتمەكتىن باشقا يول قالمىغان ئىدى .ئۇ، قارا ئىتىنى ئاتنىڭ چۇلۇرى بىلەن قانچىلىك ساۋۇسۇن ئىتنىڭ قەھرى ئالدىدا ھېچنېمىگە دال بولالمىدى .  ئۇنىڭ ئالدىدا بىرلا ئامال بار ئىدى ، ئۇ ئامال شۇ ئىدىكى ئەلەمگىمۇ ئاغرىق ئازابىغىمۇ چىداپ بولۇشىغا قېچىش .…! ئۇنىڭ ئىتقا تاللىنىپ قىپقىزىل قانغا بويالغان پاچىقى پىچاق تىلغاندەك زىڭىلداپ ئاغرىيتتى . قۇلىقى تۈۋىدە ھېلىقى شۇمتەكنىڭ چوقانلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى :

– قارا تايغان ،بوش كەلمە… !


5.0
Rated 5.0 out of 5
5.0 out of 5 stars (based on 6 reviews)
5 يۇلتۇز100%
4 يۇلتۇز0%
3 يۇلتۇز0%
2 يۇلتۇز0%
1 يۇلتۇز0%

ماقالىگە يېزىلغان ئىنكاسلار

Rated 5.0 out of 5

👍👍

Avatar for Afra
Afra
Rated 5.0 out of 5

ھېكايىگە ئىشلىتىلگەن سۆزلۈكلەر بەك ئۆزگىچە چىقىپتۇ

Avatar for زەينەپ
زەينەپ
Rated 5.0 out of 5

ھېكايىگە ئىشلىتىلگەن سۆزلۈكلەر بەك ئۆزگىچە چىقىپتۇ

Avatar for زەينەپ
زەينەپ
Rated 5.0 out of 5

ماشااللە بەك ياخشى چىقىپتۇ

Avatar for ئابدۇرەھىم
ئابدۇرەھىم
Rated 5.0 out of 5

ھېكايە ناھايىتى ياخشى يېزىلغان ،بالىلىقىمنى ئەسلەتتى .

Avatar for گۈلزار
گۈلزار
Rated 5.0 out of 5

ماقالىنىڭ تىلى ئۆزگىچە خوددى «چىڭغىز ئايتماتۇپ»نىڭ ھېكايىلىرنى ئوقۇغاندەك تۇيغۇ

Avatar for سۈمەييە
سۈمەييە

جاۋاب يېزىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button