دادىسىزلىق پىغانى

ئاپتورى : نەۋقىران

ھاياتلىق سەپىرىدە ئىنسان ئۈچۈن دائىما مىننەتسىز مېھنەت قىلىدىغان، قىلغان ئاشۇ مېھنەتلىرى، تۆلىگەن بەدەللىرى، تارتقان جاپا – مۇشەققەتلىرى بەدىلىگە، ئۆز ئائىلىسىدىن ھېچنەرسە تەلەپ قىلمايدىغان پىداكار بىر كىشى باركى—ئۇ، «دادا» نامى بىلەن تۇنۇلغان. ئۇنىڭ، ئۆز ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرىنى دەپ بەللىرى ۋاقىتسىز مۈكچەيگەن.

يۈزلىرىگە نورمىدىن بۇرۇن قورۇقلار چۈشكەن. كۆزلىرى نۇرسىز. پۇت – قوللىرى بولسا، ماغدۇرسىز. ئۇ شۇنداق كۆپ بەدەللەرنى تۆلىگەن تۇرۇقلۇق ئاخىرىدا يەنىلا «بالام، پەرزەنتىم» دېگەننى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. ئاھ ئاتىلار! سىلەردە نىمە دىگەن بۈيۈك  پىداكىرانە قەيسەرلىك روھى بار-ھە؟ بىز پەرزەنتلەر كۆپىنچە سىلەرنىڭ قەدىرىڭلارنى يوقاتقان ۋاقىتلىرىمىزدىلا ئاندىن ھېس قىلىدىكەنمىز . مانا نۇرغۇنلىرىمىز سىلەردىن ئايرىلدۇق، غېرىپ بولدۇق

ئەسلى ئۆتمۈشىمىزدىقى شۇنچە يىللاردىن بېرى نىمە سەۋەپتىن شۇنداق غەمسىز، بىغۇبار چوڭ بولالىغىنىمىزنىڭ سەۋەبىنى سىلەردىن ئايرىلىپ، يەلكىمىزنى قەۋەتلەپ غەم بېسىپ، نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ، شۇلارنى قاتارغا قوشۇش جەريانىدا يەتكۈچە سىناقلارغا يولۇققاندىن كېيىن ئاندىن ھەقىقىي ھېس قىلدۇق

توغرا، سىلەر ھەقىقەتەن بۈيۈك كىشىلەر ئېدىڭلار

سىلەر ئائىلىدە مېھرىبان ،ئىش – ھەركەتتە قەيسەر ،جاپا – مۇشەققەتتە ھېممەتلىك ئىدىڭلار

مۇشۇ ۋاقىتلاردا شۇنى ھېس قىلدىمكى— سىلەرنىڭ بېلىڭلارنى تېڭىۋالغان شۇ ھىممەت كەمىرىڭلار ھەقىقەتەن مەزمۇت ئىكەنتۇق

ئەي ئاتىلار!، سىلەرگە ئېيتىدىغان يۈرەك سۆزلەرنى بۇ ئاددىيغىنە ئىلىمىم ۋە قەلىمىم بىلەن ئېيتىپ بولالمايدىغانلىقىمنى ئىتىراپ قىلىمەن. شۇنداق بولسىمۇ سىلەرنى مەدھىيەلەش ئۈچۈن قەلبىمدىن ۋولقان بولۇپ ئېتىلىپ چىققان بۇ بىرنەچچە كۇبلېت شېئىرىمنى سىلەرگە تەقدىم قىلىمەن

ئاتا دەپ سوقىدۇ ھەردەم سېنىڭدىن ئايرىلىپ بۇ دىل

ۋىسالسىز كۈنلىرىم قېينار دىلىمنى كۆيدۈرۈپ ۋولقان

ئېدىڭ سەن مەن ئۈچۈن ھەردەم پىداكار ئەزىمەت جەڭچى

توساتتىڭ مۇشكۈلاتىمنى مېنىڭچۈن سەن گويا قالقان

يېقىلسام»تۇر بالام» دەيتتىڭ، تىك تۇتقىن قامىتىڭنى دەپ

«قورقمىغىن بەرقەدەم بولغىن» دىگەنتىڭ ھەم غېمىمنى يەپ

شۇچاغلار بىلمىدىم قەدىرىڭ ئايرىلىپ شۇنچە ھېس قىلدىم

كۆرۈشكە ھېچ ئامالىم يوق پەقەتلا قالدىمغۇ ئەسلەپ

ئازاپلار باسقاندا يەلكەم تاپاي دەپ يۆلەنمەككە تاغ

ئايلىنىپ شۇنچە كۆپ جاينى تاپالماي يۈرۈپمەن ھەرچاغ

چۈشەندىم ئاخىرى ئەمدى سېنىڭدىن ئۆزگىگە تاغ يوق

ئاھ! دىدىم يىغلىدىم قالدى يۈرەكتە جاراھەتتىن داغ

جان ئاتا تارتتىمغۇ ھېجران كۆرۈشكە بولارمۇ ئىمكان؟

ھاياتتا يەنە بىر كۆرسەم ئازاپقا بولساڭكى غەمخان

پېشىڭگە باشىمنى قويسام ھېدىڭنى بىر پۇراپ ئالسام تۈگەردى بارچە ئارزۇيۇم يۈتەردى دىلىمدىن پىغان


5.0
Rated 5.0 out of 5
5.0 out of 5 stars (based on 5 reviews)
5 يۇلتۇز100%
4 يۇلتۇز0%
3 يۇلتۇز0%
2 يۇلتۇز0%
1 يۇلتۇز0%

ماقالىگە يېزىلغان ئىنكاسلار

Rated 5.0 out of 5

🥹🥹 güzel olmuş ellerinize sağlık

Avatar for Afra
Afra
Rated 5.0 out of 5

مەن ھەم دادامنى بەك سېغىنىمەن بۇ شېئىر خۇددى مىنىڭ دادام ئۈچۈن يىزىپ بەرگەندەكلا بوپتۇ بەك ياقتۇردۇم 😊

ھەم بۇرۇندىن سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى ياقتۇرىمەن

ئاللاھ قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە بەركەت بەرسۇن

يەردە قالماس تىرىشقان ھەرقاچان

كېرەكتۇر شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىش

تىرىشىش دېمەك ئالغا ئىلگىرلىمە ك

تىرىشقان ئاشار تىرىشمىغان قالار

تىرىشىڭ 🥰

Avatar for مۇھسىنە ئارىف
مۇھسىنە ئارىف
Rated 5.0 out of 5

تەسىرلىك بوپتۇ. دادامنى. ۋە دادىسدىن خاپا بوپ يۈرىدىغان ئوغلۇمنىڭ كەلگۈسىنى ئەسلەپ قالدىم

Avatar for ھەبىبە
ھەبىبە
Rated 5.0 out of 5

ياخشى چىقىپتۇ

Avatar for ئاينۇر
ئاينۇر
Rated 5.0 out of 5

بەك تەسىرلىك يېزىلىپتۇ

Avatar for ئاينۇر
ئاينۇر

بىر باھا

  1. فېيسبۇك ۋە تېلېگرام قاناللىرىدىكى شېئىرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيتتۇم، بۇ نەسىرمۇ ھەم ياخشى يېزىلىپتۇ. ئاللاھ قەلەملىرىگە قۇۋۋەت ۋە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن. بۇنىڭدىن كېيىنكى تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلىرىگە تەشنامىز. 👍💐

جاۋاب يېزىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button