توپىلىق يول

ئابدۇلھەكىم ئايدىن ئۇيغۇر

11 يېشىمدا ئايرىلغان بۇ توپىلىق مەھەللەمگە مېھرىمنىڭ قانداق چۈشۈپ قالغىنىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. بەلكى ئىنسان ھاياتىدا ئۆزى باشقۇرالمايدىغان، ئىگە بولالمايدىغان، كونترول قىلالمايدىغان، ئىرق، مىللەت، جىنس ئايرىلمىغان ھالدا ئىنسانىيەتكە ئورتاق بېرىلگەن، يارىتىلىشىدا ئۇنىڭ قان- تومۇرىغا سىڭدۈرىۋېتىلگەن تۇيغۇ ۋە ھېسلاردىن بىرى، ئۆزى تۇغۇلغان ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى ئۆتكۈزگەن يۇرت سۆيگۈسى بولسا كېرەك. توغرا، بۇ يەردە بىز ئىزدىگەن مېھر- مۇھەببەت بار، بىز ئىزدىگەن شەرمى- ھايا، ئىپپەت- نومۇس، ساداقەت، سەمىمىيەت، ۋاپادارلىق بار. ئاددى- ساددا، ئەمما ھوزۇرىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بولغىلى بولمايدىغان، قەلەملەر ئاجىز كېلىدىغان تۇيغۇلار، ئاشۇ لاي تامدا سېلىنغان پاكار ئۆيلەرگە، يوپۇرماقلىرى توپا رەڭگە كىرىپ قالغان دەل- دەرەخلەرگە، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئېقىن سۇلارغا، تاڭ سەھەردە چىللاۋاتقان خورازلىرى، ئاخشاملىرى ھاۋشىۋاتقان ئىتلىرى، كوركىراۋاتقان پاقىلىرى، قاراڭغۇلۇقتا ھېچ نەرسىنى كۆرمەي يورۇقلۇقنى بويلاپلا ئۇچۇپ بەزى سىزگە سوقۇلۇپ كېتىدىغان قىزىل قوڭغۇزلىرى … ئىشقىلىپ ھەممە جانلىقى ۋە جانسىزىنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى ئارىسىغا يوشۇرۇنغان بولسا كېرەك.

ھەرقېتىم ئاپتۇبۇس مەھەللەمدىن خېلى يىراقلىقتىكى بوستانلىققا كەلگىنىدە، ئىختىيارسىز باشقا بىر دۇنياغا كىرىپ كېتىۋاتقاندەك بىر ھېس چىرماشقا باشلايدۇ. يېقىنلاشقانچە ئۇ ھېسمۇ كۈچىيىدۇ ۋە بارا- بارا مېنى سۆزلەۋاتقان سۆزۈمدىن، ئويلاۋاتقان پىكرىمدىن ئايرىپ، پەقەت ۋە پەقەت شۇ تۇيغۇغا قۇلاق سېلىشىمغا، ئۇچقاندەك مېڭىۋاتقان ئاپتوبۇسنىڭ دەرىزىسىدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي قارىشىمغا ۋە ھەر كەلگىنىمدە ئۇنچە كۆپ ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، خۇددى يېڭى كۆرگەندەك تۇيغۇغا غەرق بولىشىمغا ئۈندەيدۇ.

بىلمەيمەن… بىر تۇيغۇ تەكرارلانغاندا ئۇنىڭ تەكرارلانغان تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كېتىش بەلكىم باشقىچە بىر تۇيغۇ بولسا كېرەك.

تۇغۇلغان يېرىمگە قايتا قەدەم باسقىنىمدا خۇددى يېڭىدىن تۇغۇلغاندەك، يېڭى بىر شەھەرگە، يېڭى بىر يېزىغا، يېڭى بىر مەھەللىگە تۇنجى قېتىم قەدەم باسقاندەك بولىمەن.

ئاپتوبۇسنىڭ ئۈچ پەلەمپەيلىك ئېگىز ئىشىكىدىن بۇ قارا تۇپراققا دەسسىگەندە بولسا، ئۆزۈمنى ئاددى بىر يەرگە ئەمەس، مەن تۇغۇلغان چاغدا مېنى ئورىغان ئاشۇ بىر پارچە يۇمشاق پاختا رەختكە دەسسىگەندەك تۇيغۇدا بولىمەن.

يۈك- تاقىلىرىمنى ئاستا ئېلىپ دەرۋازا تۈۋىگە چىققىنىمدا، كىيىملىرى ئادەتتىكىچە، ھەتتا دېھقان سۈپەت كىيىنگەن تاكسى شوپۇرلىرى: نەگە بارىسسا؟ دېگەن ۋاقتىدا، ئانا تىلىمدا سورالغان بۇ سوئالغا ئۆزۈم تۇغۇلغان مەھەللىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىمەن ۋە ھاياتىمدىكى تۇنجى سوئال- جاۋاپ دىئالوگىنى قۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىمەن. سوئالغا توغرا جاۋاب بېرىپ بولۇپ مەغرۇر ھالدا يېشىل تاكسىنىڭ ئىچىگە ئۆزۈمنى ئاتىمەن.

بىزنىڭ مەھەللە ۋەتىنىمىزنىڭ باشقا يۇرتلىرىدىكى مەھەللىلەردىن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، چۈنكى باشقا جايلاردىمۇ شەكىل ۋە قىياپەت جەھەتتە بىزنىڭ مەھەللىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان جايلارنى كۆرگەن ئىدىم، ئەمما ئۇ يەرلەردە مەن دەۋاتقان ھېلىقى ئىپارنىڭ پۇرىقىدەك كۈچلۈك تۇيغۇ يوق ئىدى. سارغۇچ توپىسى، دەل- دەرەخلىرى، ئېرىق-ئۆستەڭلىرى ئۇچار قۇشلىرى، قىش- يازلىرى، تومۇز ئىسسىقلىرى ئوخشاپ كەتسىمۇ، ماڭا بېرىدىغان ئاجايىپ لەززىتى، كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان مەنىۋىي تۇيغۇسى ئەسلا ئوخشىمايتتى.

تاكسى مەھەللىمىزنىڭ بېشىدىكى باسما قۇدۇقتىن ئەگىلگەن ۋاقىتتا، ئۇ قۇدۇقتىن قانچە قېتىم جۈمىكىنىڭ ئېغىزىنى تۇتۇۋېلىپ، سۇ توشقاندىن كېيىن يەرنىڭ تېگىدىن چىققان مۇزدەك سۇنىڭ كېكىردەكلىرىمنى مۇزلىتىپ ئاستا- ئاستا ئاشقازىنىمغا چۈشىۋاتقان ۋە ۋۇجۇدۇمدىكى پۈتۈن ھارارەت ۋە ھارغىنلىقنى يوقىتىپ ئارامبەخىش ۋە جۇشقۇن ھالغا كەلتۈرگەنلىكىنى دەقىقە ئىچىدە ھېس قىلالايتتىم. يول ئېغىزىدىكى قاتار- قاتار ئاق تېرەكلەر بولسا، كىچىك ۋاقتىمىزدا «ئاتماق»[1] ياساش ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ئاچىماق ئىزدەيدىغان ۋە تاپقان ھامان دەرھال سۇندۇرۇپ قەلەمتىراش بىلەن قىرىپ بىردەمدە سۈپەتلىك بىر ئاتماقنىڭ ئاچىمىقىنى پۈتتۈرىۋالىدىغان، ئۆي ئىگىسىنىڭ: ۋوي ! باللا، ياغاچنى ئوشۇتماڭلار![2] دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان بەدەر قاچىدىغان ھېلىقى بېغىشىمدىن تومراق بولىدىغان دەرەخزارلىق ئەمەسمۇ؟ مانا ھازىر ئۆيگە بالا[3] بولغۇدەك چوڭىيىپ كېتىپتۇ… دەپ بالىلىققا قايتىشقا باشلايمەن.

شۇ ئەسنادا شوپۇرنىڭ: ئەستا! بالدۇر دېسىڭىز بومامتا؟ ماي باسماغلىق كەنيا بۇ يولغا؟ ماشىنىنى ئەتىگەن يۇغان مىنە… خېلى ماڭامتىمىزا ئۇكام ئىچىگە؟ دەپ غودۇراشلىرى چىقىشقا باشلايدۇ، ئەمما ماڭا ئۇ گەپلەر تەسىر قىلمايتتى، ھازىرقى كەيپىياتىمنى ھېچكىم بۇزالمايتتى ۋە شوپۇرغا سىلىق- ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويغاندىن كېيىن خىياللىرىمنى داۋاملاشتۇراتتىم.

ئالدىمىزدا بىر باغ كۆرۈندى، مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن دەم ئېلىش كۈنلىرىدە مۇشۇ باغدا قويلىرىمىزنى باقاتتۇق، قويلار يېغىلىپ بولغاندا ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنەتتۇق. بىر گۇرۇپ قويلارغا قارايتتى ۋە ئارىدىن قوچقارلارنى تاللاپ سوقۇشتۇرۇپ ئوينايتتى، يەنە بىر گۇرۇپ بولسا، باغنىڭ ئەتراپىدىكى چاتقاللىقلاردىن ياۋا توشقان ئوۋلايتتى، ئاخىرىدا تۇتۇلغان توشقانلار سويۇلۇپ باغنىڭ ئوتتۇرىسىغا يېقىلغان گۈلخاننىڭ ئەتراپىدا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەممىمىزگە ئورتاق تەقسىملىنەتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا « چاقىرىلمىغان مېھمان» لارنىڭ كېلىپ قېلىشىدىن بەك قورقاتتۇق، ئاران تۇتقان توشقاننى ئەمدى يەيلى دەپ تۇرساق كەلگەن بۇ مېھمانلارغا ئازراق بەرمەي ئامال يوق دە ! كۆڭلىمىز ئۇنىمايتتى. كەچتە يوللارنى توسۇپ رەت بويىچە قويلارنى ھەيدەپ ئۆيگە قايتاتتۇق.

ئەمدى كەلدۇق تاغامنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا، بۇ تاغامنىڭ ئۆيىنىڭ تاملىرى ئانچە ئېگىز ئەمەس ئىدى، ئەمما دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىدىكى سورتلۇق ئۆرۈك بۇ مەھەللىدە پەقەت مۇشۇ يەردىلا بار ئىدى، شۇڭا غورا چېغىدىن باشلاپلا بىزنىڭ تامدىن يامىشىپ چىقىپ يانچۇقلىرىمىزغا توشقۇزۇپ، تاغام كېلىپ بولغۇچە قېچىپ بولىدىغان«جەننەت» ماكانىمىز ئىدى. ئۇ ماڭا: ئۇكام، يېگۈڭىز بوسا ماڭا دىمەمسسا؟ نېمىشقا ھەممە باللىنى باشلاپ كېلىپ ئوغۇلاپ يەيسسا؟ ئ‍ۆزىڭىزنىڭيا قالاڭ؟ دەيتتى، ئۇنداق دېگەن بىلەن كىرسەم بىر قانچە تال قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قوياتتى، سىرتتىكى دوستلىرىمغا يەتمەيتتى، شۇڭا ئامالسىز بىز مۇشۇ چارە بىلەن سوقاتتۇق.[4]

ئەمدىكىسى كەنت باشلىقىنىڭ ئۆيى، مەھەللىمىزىدىكى بىردىنبىر تېلېۋىزور مۇشۇ ئۆيدە بار ئىدى، مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن ياكى دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋاقتىمىز مۇشۇ ئۆينىڭ ھويلىسىدا ئۆتەتتى، كىمنى تاپالمىساق ئۇدۇل ئىزدەپ مۇشۇ يەرگە كېلەتتۇق ۋە مۇشۇ يەردە قوناق ۋاقتىدا قوناق ئاقلاۋاتقان، قوناق پىشقاندىن كېيىن ئۇۋۇۋاتقان[5]، ئاقاغ[6] يۆگەۋاتقان … ئىشقىلىپ بىر ئىش ئۈستىدە تاپاتتۇق، كەنت باشلىقىنىڭ ئايالى كەمسۆز بولسىمۇ، ئىش ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئېپى بار ئايال ئىدى، بەزى كۈنلىرى تامىقىمىزمۇ مۇشۇ ئۆيدە بولاتتى.

كەنت باشلىقىنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدىكى كوچا ئەسلا ئېسىمدىن چىقمايدۇ، بۈك- باراقسان دەرەخلەرگە ئورالغان كوچىنىڭ بېشىدىكى كىچىك كۆۋرۈك ناھايىتى تار ئىدى، ئېشەك ھارۋىسى ئاران- ئاران پاتاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ يول ئېگىزرەك دۆڭ بولۇپ، ئەگەر كوچىدىن ھارۋىنى ئىتتىرىپ چىقماقچى بولساق، ئەڭ ئاز 20 مېتىر ئارىلىقتىن يۈگۈرۈپ كەلمىسەك چىقىرالمايتتۇق، ھەتتا كۆۋرۈكنىڭ تارلىقىدىن ئازراقلا مايماق كەتسە ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتەتتۇق. لىق ئوت بېسىپ كېلىپ چىقىرالماي كەينىگە نەچچە يېنىپ ئاران چىقارغان، كۆۋرۈكتە مايماق كېتىپ ئېشەكلىرى بىلەن قوشۇپ ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتكەن ئىشلارنىمۇ كۆرگەنمەن. كوچىنىڭ ئىچىگە ئازراق كىرسەك كەنت باشلىقىنىڭ بېغى بار ئىدى، چوڭ ۋە ئېگىز ئۆسكەن ياڭاق ۋە ئۆرۈك دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدا قاتار ئوينايتتۇق، قارت ئوينايتتۇق، بىز يېغىلىدىغان ماكانلارنىڭ بىرى شۇ ئىدى، ھەي بالىلىق…

تاكسى مېڭىپ بىزنىڭ ئەيسانىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلدى، مەھەللىمىزنىڭ ئەڭ نامراتلىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدىغان بۇ ئائىلە بىز ئەڭ كۆپ ئوينايدىغان ماكان ئىدى. چۈنكى بۇلارنىڭ ھويلىسىدا بۇرۇنقى تاشلاندۇق ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىنى ئېچىپ، بالالىرىنى ئىشلىتىپ تاشلاپ قويغان «خارابىلىق» بار ئىدى، خۇددى «يارغول قەدىمىي شەھىرى» گە ئوخشايدىغان بۇ لاي تاملار بىزنىڭ ئۈستىدە خاتىرجەم يۈگۈرۈپ ئ‍وينىيالايدىغان، زۆرۈر تېپىلغاندا تامدىن سەكرەپ چۈشۈپ كېتەلەيدىغان «پاركۇر» ماكانىمىز ئىدى. بۇ ئۆيدە ھەر كۈنى دېگۈدەك ئوينايتتۇق.

ئەمدىكىسى بىر قورقۇنچلۇق كوچا، بۇ كوچىدىن كېچىسى ئەمەس، كۈندۈزىمۇ يالغۇز مېڭىش تەس ئىدى، چۈنكى بۇ كوچا ناھايىتى تار بولغاندىن سىرت، قويۇق تال بىلەن كۈن نۇرى چۈشمىگۈدەك دەرىجىدە قاپلىنىپ تۇراتتى. كوچىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا غەلىتە بىر بوۋاي ياشايتتى، بىز ئۇنى «رەجەپ جىنكەش» دەيتتۇق. ئۆيى ۋە ھويلىسىدا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەشيالىرىنى يېغىۋالغاندەك قالايمىقان ۋە مەينەت ئىدى. مەھەللىدە ئاياللار بالىلىرىنى: «ئەگەر يەنە خاپا قىلساڭ، رەجەپ ئاخۇننىڭ ئۆيىگە ئەچىقىۋېتىمەن» دەپ قورقۇتاتتى. گەرچە ھېچكىمگە زىيان يەتكۈزمىسىمۇ، مەھەللىدە ئۇنىڭدىن ھەممىمىز قورقاتتۇق، ھازىر شۇ ۋاقىتنى ئويلىساممۇ تىنىم شۈركىنىدۇ.

بۇنىڭدىن ئۆتكەندىن كېيىن بىزنىڭ مەھەللىنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن كەنتنىڭ «بالىلار ئارامگاھى» غا كېلىمىز. يازدا سۇغا چۆمۈلىدىغان، قىشتا چانا ئوينايدىغان، مۇز تېيىلىدىغان، ئۇزۇنلۇقى 8 مېتىر، كەڭلىكى 3 مېتىرچە ئەتراپىدا كېلىدىغان، ئاستى سىمۇنتلاپ ئىشلەنگەن، ئەتراپىغا تاش تىزىلىپ، يېرىمى سىمۇنت لاي بىلەن سۇۋالغان بۇ شارقىراتما ياز ۋاقىتلىرى بەكمۇ ئاۋات ئىدى. مەكتەپتىن قايتقان بالىلار بىر پەس سۇغا چۆمۈلىۋەتكەندىن كېيىن، كالپۇكلىرىغا توپا سۈركىۋېتىپ ئۆيلىرىگە قايتاتتى. سۇدىن چىققاندىن كېيىن ئالدى تەرەپتىكى دۆڭلۈكتە توپا ئىسسىناتتى، بالىلىرىنى تاپالمىغان ئاتا- ئانىلارنىڭ قوللىرىدا ئۇزۇن تاياقنى كۆتۈرگىنىچە كېلىپ، بالىلىرىنى ھەيدەپ كېتىشەتتى. يەنە سۇغا چۈشتۈڭمۇ؟ دەپ تىللاشلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇراتتى، (ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىزمۇ بار ئىدۇق). قىش ۋاقىتلىرى بولسا، قاتتىق مۇز تۇتقاندىن كېيىن بالىلار قىشلىق چاپانلىرى، ئۆتۈك- تۇماقلىرىنى كېيىشىپ، چانىلىرىنى كۆتۈرۈپ بۇ يەرگە كېلەتتى ۋە ئېگىزدىن  پەسكە سېيرىلىپ تازا ئوينايتتى. ھەي گۈزەل بالىلىق.

خىيال بىلەن بولۇپ بىزنىڭ چوڭ ئۆيدىن ئۆتۈپ كېتىپ قاپتىمەن، بىزنىڭ ئۆي مۇشۇ شارقىراتمىدىن تەخمىنەن 50 مېتىر ئۈستى تەرەپتە بولۇپ، ياز ۋاقىتلىرى باغقا سۇ باشلىغىنىمىزدا، سۇغا چۈشىۋاتقان بالىلار چىقىپ تولا ئېچىۋېتەتتى، بىز سۇنى ئېتىۋالغان ھامان شارقىراتمىنىڭ سۈيى ئازلاپ كېتەتتى ئەمەسمۇ؟ بەزى سۇ ئاز ۋاقىتلاردا، ئۆينىڭ ئالدىنى بىردەم توسۇپ، سۇ يېغىلغاندىن كېيىن بىر قويۇپ بەرسەك شاقىراتمىدىكى بالىلار خۇشال بولۇپ كېتەتتى…

شۇنداق قىلىپ بالىلىقىمنى ئۆتكۈزگەن مەھەللەمدىن بىر يولنىڭ يېرىمىنى ئەسلەپ چىقتىم، شاقىراتمىدىن كېيىن، يارلىقدا ئېگىزدىن سەكرەپ ئويناش، توشقان تۇتۇش، سازلىقتا بېلىق ۋە قارا قۇمۇچاق تۇتۇش، مازارلىقتا سالما قوغلاش… ئىشقىلىپ بالىلىق دەۋرىمىزدىكى ئاجايىپ غارايىپلار ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس. ئىشقىلىپ سۆزلىسەك گەپ تولا، گېپىمنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي.

09-12-2022


3.7
Rated 3.7 out of 5
3.7 out of 5 stars (based on 3 reviews)
5 يۇلتۇز34%
4 يۇلتۇز33%
3 يۇلتۇز0%
2 يۇلتۇز33%
1 يۇلتۇز0%

ماقالىگە يېزىلغان ئىنكاسلار

Rated 5.0 out of 5

بەك تاتلىق، ئوماق يېزىلىپتۇ.

Avatar for مەريەم
مەريەم

جاۋاب يېزىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button