كىتاب ۋە كىشەن

(ھېكايە)
ئاپتۇرى: ئابدۇسەمەد

ھەممە ياقتا ھۇۋشىۋاتقان رەھىمسىز شىۋىرغان خۇشاللىقنىڭ ھۇزۇرىنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتكەن بۇ مەھەللە خەلقىنىڭ ياداڭغۇ ۋە روھسىز تەنلىرىگە ئاچچىق سانجىلماقتا؛ مۇدھىش قارا بۇلۇتلار ئاي يورۇقىنى توسۇپ، مەھەللە ئاسمىنىنى زۇلمەت پۈركەنجىسى بىلەن قاپلاپ، تولىمۇ ۋەھىمىلىك بىر تۈسكە مەھكۇم قىلماقتا؛ قاياقلاردىدۇر «ماڭە! ماڭ دەيمەن!» دەپ قوپال ۋارقىراۋاتقان ئاۋازلار، «مېنى قويۇۋېتىڭلار! مېنى قويۇۋېتىڭلار!» دەپ توۋلاۋاتقان بىر ئايالنىڭ ئېچىنىشلىق نالىسى، «مېنى نېمە قىلساڭلار مەيلى، ئايالىمنى قويۇپ بېرىڭلار! مانا مېنى تۇتۇڭلار!» دەپ تىركىشىشلەر، «ئانا! ئانا!» دەپ توۋلاۋاتقان يۈرەكنى ئەزگۈدەك دەردلىك پەريادلار بۇنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقان ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ ۋە تىترەك ئولاشتۇرماقتا ئىدى. لېكىن ئەپسۇس! ھەردائىمقىدەك، بۇنىڭغا جۈرئەتلىك ھالدا قارشى تۇرالايدىغان ھېچكىم چىقمايتتى. پەقەت قايسىبىر ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا بىر شائىر قەغەز يۈزىگە مۇنۇ مىسرالارنى يېزىپ ئولتۇرۇۋاتاتتى:

جۇت زىمىستان ۋەھمە ئەيلەپ چاچتى شالىن ھەر تامان،

شۇل زىمىستان ۋەھمىسىدە قالدى ئەنە يۇرت-ماكان.

ۋاقىتسىزلا چۈشتى يەرگە يوپۇرماقلار سارغىيىپ،

ھەم دەسسىلىپ پۇت ئاستىدا بولدى يەنە خەس سامان.

سورىدىم مەن يوپۇرماقتىن: «گۈزەل ئىدىڭ ياپيېشىل،

قېنى ئەمدى شۇ چاغلىرىڭ، نېچۈك ھالىڭ بەك يامان؟»

«ھەي بىلمىدىڭمۇ، ـــ دېدى ئۇ، ـــ زىمىستاننىڭ قەھرىنى،

ھەر تەرەپتە گۈركىرىشىپ ھۇۋلايدۇ ھەم شىۋىرغان.»

ئۆمەر ئاكا ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ ئەتراپقا ئېھتىياتچانلىق بىلەن نەزەر تاشلىۋەتكەندىن كېيىن، ئىشىكنى ئاستاغىنا يېپىپ، ئۆينىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ، ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ ، قاراڭغۇ بۇلۇڭدا شام ياندۇردى ۋە بىر بۇلۇڭغا تىقىپ قويغان كونا قۇرئاننى ئالدى-دە، ئەلەملىك بىر تۆۋەن ئاۋازدا ئوقۇشقا باشلىدى…. «سىلەر تېخى ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟! سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (مۇئمىن) لەر ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۇئمىنلەر: <ئاللاھنىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان) ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟> دېگەن ئىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر»[1] دېگەن ئايەتكە كەلگەندە، ئۆمەر ئاكا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قاتتىق بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. كۆز ياشلىرى قۇرئان سەھىپىلىرىگە سىرغىپ چۈشەتتى. ئۆمەر ئاكا ئىچ-ئىچىدىن كېلىۋاتقان بۇ ئەلەملىك يىغىدا قۇرئاننى داۋاملىق ئوقۇشقا تاقىتى يەتمەي سەجدىگە يىقىلدى. ئىككى يىلدىن بېرى تىمتاسلىق، غېرىبلىق ۋە يالغۇزلۇق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بۇ سوغۇق كەپىدە ئۇ دەردىنى تۆكىدىغان ۋە ئۇنىڭ دەردىنى ئاڭلايدىغان، ئۇنىڭ قەلبىگە تەسەللى ئاتا قىلىدىغان يېگانە ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم قالمىغانىدى. ئۇ بىرھازا قانغۇدەك يىغلاپ، ئىچىدىكى ئېچىنىشلىق ئەلەمنى ئازغىنە بولسىمۇ يېنىكلىتىۋالغاندىن كېيىن، بەش يىل بۇرۇن ۋاپات تاپقان ئايالى بىلەن جەننەتتە بىرگە بولۇشقا نېسىپ قىلىشىنى، ئىككى يىل بۇرۇن ئۆزىنىڭ جانجىگەر دوستى ئابدۇلئەزىزنىڭ ھىجرەت سەپىرىگە قوشۇپ قويغان ئوغلى مۇھەممەدكە ئىككى دۇنيالىق بەخت-سائادەت، تەقۋالىق، ھىدايەت ۋە بەرىكەت ئاتا قىلىشىنى تىلەپ ئاللاھقا دۇئا قىلىپ، ئاندىن ياستۇققا بېشىنى قويدى.

ـــ جېنىم دادا، قارا! مەن بۇ باتۇر مۇجاھىد ئاكىلىرىم بىلەن بىللە، شىجائەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ۋەتىنىمىزنى ئازاد قىلدىم. جېنىم دادا، مەن سېنىڭ ماڭا قىلغان نەسىھىتىڭنى ھېچبىر ۋاقىت ئېسىمدىن چىقارماي، ئىزچىل ھالدا سېنى ۋە مەزلۇم خەلقىمىزنى بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تىنىمسىز تىرىشتىم.

ئۆمەر ئاكا نەچچە مىڭلىغان نۇر يۈزلۈك مۇجاھىدلار سېپىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ئىشىك ئالدىدا تۇتۇپ تۇرغان ئوغلىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىدىن يۈگۈرۈپ بېرىپ ئوغلىنى چىڭ قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى ۋە:

ـــ بارىكاللاھ، يارايسەن ئوغلۇم! سەن ھەقىقەتەن مېنىڭ ئۈمىدىمنى ئاقلاپسەن. مەن مۇشۇ كۈننى كۆرۈش ئۈچۈن يىللاردىن بۇيان قانچە جاپالارغا باش ئەگمەي، سېنىڭ نۇسرەت بايرىقىڭنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈپ ياشاپ كەلگەن ئىدىم. مەن سەندىن پەخىرلىنىمەن ئوغلۇم!

ئۆمەر ئاكا بۇ خاسىيەتلىك چۈشنىڭ لەززىتىگە قانماي تۇرۇپلا ئىشىك قاتتىق تاقىلدىدى. «ئاچە! ئىشىكنى ئاچ دەيمەن. بولمىسا چېقىپ كىرىمىز!» دېگەن قوپال ۋارقىراشلار بىلەن ئۆمەر ئاكا چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى. بۇ قارا كۈننىڭ ئاخىرى ئۆزىنىڭ بېشىغىمۇ كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرىدىغان ئۆمەر ئاكا ئاللاھنىڭ سىنىقىغا تەن بېرىپ، ئىشىكنى ئاچتى. ئىشىكتىن ئۇنىڭغا قورال تەڭلىگەن ھالدا رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇپ كىرگەن بىرنەچچە ياۋۇز ھايۋانلار ئۇنى تېزلىك بىلەن باغلاپ، ماشىنىغا بېسىپ ئېلىپ ماڭدى.

ھەممە ياقنى سۈر باسقۇزۇپ،  قورقۇنچلۇق ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇپ بېرىپ ماڭغان بۇ تۆت چاقلىق ياۋۇز چىلبۆرە ھەش-پەش دېگۈچە ساقچى ئىدارىسىنىڭ سوراق بۆلۈمىگە كېلىپ توختىدى. ھەرقايسى ئۆيلەردىن ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ئەلەملىك ۋارقىراش-چىرقىراشلار، ۋايجانلاشلاردىن ئۆتۈپ بىر سوراق ئۆيىگە ئېلىپ كېرىلگەن ئۆمەر ئاكا ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق كالتەك-توقماقلارنى راسا يېدى. تاياق زەربىسىدە پۇتىنى سۆرەشكىمۇ ماجالى قالمىغان ۋاقىتتا، يوغان قورساق، كۆزلىرىدىن قان تەپچىپ تۇرىدىغان بىر توڭگۇز تەلەت خىتاي كىرىپ، ئۇيغۇرچىنى بۇزۇپ سۆزلىگەن ھالدا:

ـــ راس گېپىڭنى قىل! ئوغلۇڭ نەدە؟ ـــ دەپ سورىدى. ئۆمەر ئاكا:

ـــ بىلمەيمەن. ئوينايمەن دەپ چىقىپ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىگەن، ـــ دېيىشىگە، ئۇ توڭگۇز تەلەت:

ـــ نېمە؟ سەن مېنى دۆت، ئەخمەق كۆرۈۋاتامسەن؟! ـــ دەپ، كۆز ئىشارەت قىلىشى بىلەنلا، ئۆمەر ئاكىغا كالتەك-توقماقلار يەنە يېغىشقا باشلىدى.

ـــ قانداق، دەمسەن دېمەمسەن؟ بولمىسا بۇ يەردىن ئۆلۈكۈڭ چىقىدۇ!

ئۆمەر ئاكا بۇ قېتىم جاۋاب بەرمەسلىكنى مۇۋاپىق كۆردى بولغاي، كۆزىنى يۇمغىنىچە يەردە تولغىنىپ ياتاتتى.

ـــ دېمەمسەن؟ يەنە خۇپسەنلىك قىلە! ـــ دېيىش بىلەن تەڭ بەدىنىگە يېقىلغان توك كالتىكى بىلەن ئۆمەر ئاكا ھوشىدىن كەتتى.

بىر ۋاقىتتا پۇتىدىكى كىشەننىڭ يېنىك شاراقشىپ، يىغلاۋاتقاندەك ئاۋاز چىقىرىۋاتقىنىنى سەزگەندەك بولدى. ئۆمەر ئاكا بۇ ئوڭىمۇ، چۈشىمۇ ياكى خىيالىمۇ پەرق ئەتكۈدەك ھالى قالمىغان، توغرىسى بېشى ۋە پۈتۈن بەدىنىنىڭ قاتتىق ئاغرىقىدا بۇنى بىلىپ بېقىشقىمۇ رايى بارمايتتى.

ـــ نېمە بولدۇڭ؟ نېمىگە يىغلايسەن؟ ـــ باشقىلار تەرىپىدىن دەسسىلىپ، خارلىنىپ، ۋاراقلىرى تىتما-تىتما بولۇپ كەتكەن، كونا، لېكىن قارىماققا ئىگىسى تولىمۇ قەدىرلەپ ساقلىغاندەك كۆرۈنىدىغان بىر كىتاب ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا تۆكۈۋېتىلگەن كىتاب دۆۋىسىدىن ئاستاغىنا كىشەننىڭ قېشىغا كەلدى.

ـــ ئون يىل بۇرۇن مۇشۇ ئۆمەر ئاكىنىڭ ئايالىنى رەھىمسىزلەرچە ئازابلاشقا مەجبۇرلانغان ئىدىم. بىچارە ئايال پەقەت «ئۇزۇن ياغلىق ۋە ئۇزۇن يوپكا كىيىپسەن. سەندە دىنىي ئاشقۇنلۇق باكەن!» دەپ، بازاردىلا خىتاي ساقچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يالاقچىلىرى تەرىپىدىن سۆرەشتۈرۈلگەندە قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنىپ، قاتتىق تاياق-توقماق، زەربىلەرگە دۇچار بولغان ۋە بەدەنلىرى يالىڭاچلانغان ھالدا تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى. ئۆزىنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىشىنى بىلمەي تۇرغاندا، «ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇدۇڭ!» دەپ بەش يىل كېسىۋېتىلگەن ۋە مېنى بىچارە ئايالنىڭ ياداڭغۇ پۇتىغا بەند قىلىپ قويغان ئىدى. مەن ئۇ بەش يىل جەريانىدا تالاي قېتىملاپ ئۇنىڭ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ خالىغانچە قول ئۇزىتىشلىرىغا، ھەتتا جىنسىي تاجاۋۇزغا زورلانغاندا كۈچىنىڭ بارىچە قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئۇرۇلغان تاياق-توقماق، نازۇك يەرلىرىگە سانجىلغان توك كالتىكى سەۋەبلىك ھوشىدىن كەتكەنلىكىگە شاھىد بولغان ئىدىم. بەش يىللىق قىيىن-قىستاقلار سەۋەبلىك قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتكەن دەرەخ شېخىدەك بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ئۇ بىچارە ئايال تۈرمىدىن چىقىشتىن بۇرۇن مەجبۇرىي يېگۈزۈلگەن دورا سەۋەبلىك بىر نەچچە ئايدىلا ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، ئۆمەر ئاكا داۋالىتىش ئۈچۈن بارچە تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئۈنۈم بەرمەي، ئاخىرى جان ئۈزگەن ئىدى. مانا ئەمدى، يولدىشى ئۆمەر ئاكىنى ئازابلاشقا مەجبۇر بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن.

ـــ شۇنداق، پىچاق سۆڭەككە، ھەتتا سۆڭەكتىن ئۆتۈپ يىلىككە يەتتى. بۈگۈن دۇنيادا ئەڭ خار، ئەڭ مەزلۇم، ئەڭ بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالغان بۇ خەلقنىڭ بېشىدا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە زۇلۇم-ئىستەم، قىرغىنچىلىق، ئازاب-ئوقۇبەت ئۆزىنىڭ رەھىمسىز قامچىسىنى ئويناتماقتا. سانسىزلىغان مەسجىدلەر خانىۋەيران قىلىندى، نەچچە مىڭلىغان قۇرئان ۋە مېنىڭ قېرىنداشلىرىم (دىنىي كىتابلار) خىتايلارنىڭ نىجىس ئاياغلىرى ئاستىدا بۇلغاندۇق؛ پاك-ئەفىفە ئاچا-سىڭىللار مەلئۇن خىتايلار تەرىپىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە پاھىشىخانىغا مەجبۇرىي سېتىلدى، يەنە نۇرغۇنلىرى خىتايلارنىڭ تۈرمىلىرىدە يالىڭاچلىنىپ، ئاۋۋال ئىپپىتىگە تاجاۋۇز قىلىنىپ، ئاندىن ھاياسىزلارچە ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ، بەخت چېچەكلىرى توزىدى؛ مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ بىھۇدە قانلىرى ئاقتى؛ ئۆيلەر خانىۋەيران بولدى، بالىلار يېتىم بولۇپ، خىتايلارنىڭ تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا ئىمان-ئېتىقادسىز، غۇرۇر-ۋىجدانسىز قىلىپ تەربىيەلىنىشكە مەجبۇرلاندى، لېكىن دۇنيا بۇنىڭغا يەنىلا سۈكۈتتە! مىليونلىغان مەسۇم كىشىلەر تۈرمىلەردە دەھشەتلىك قىيىن-قىستاق بىلەن ئازابلانماقتا، بەدەنلىرى كاۋاپ قىلىنماقتا، سانسىزلىغان بوۋاقلار تېخى دۇنياغا كۆز ئاچماستىنلا ئۆلتۈرۈلۈپ، ھاجەتخانا ۋە ئەخلەتخانىلارغا تاشلانماقتا، لېكىن ئىنسانىيەت بۇنىڭدىن بىخەۋەر. بۇ زېمىندىكى ھەربىر كىشىنىڭ بېشىدا تۇتۇپ سولىنىش، خالىغانچە سۆرەپ ئېلىپ كېتىش، قاتتىق قىيىن-قىستاقلار بىلەن ئازابلاش؛ تۈرمىلەردە جان بەرگەنلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تۆھمەت-بۆھتانلار بىلەن ئاپىرىپ سولاپ، سېسىتىپ يوقىتىش ھەر ۋاقىت كۈتۈپ تۇرماقتا. قۇرئاندىكى «مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر»[2] دېگەن ئايەتنى ھەممە تىلاۋەت قىلىشىدۇ؛ «مۇئمىنلەر بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشتە، بىر-بىرىگە رەھىمدىل بولۇشتا، بىر-بىرىگە مېھىر-شەپقەت قىلىشتا ئىنساننىڭ بىر پۈتۈن بەدىنىگە ئوخشايدۇ. ئىنساننىڭ بىرەر ئەزاسى ئاغرىسا، پۈتۈن بەدەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىزىش بىلەن تەڭ دەرد تارتىدۇ»[3] دېگەن ھەدىسنى ھەممە بايان قىلىشىدۇ، لېكىن ھەر ۋاقىت تۈرمە قورقۇنچىسى، ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ئۆلۈم تەھدىتى ئىچىدە بىر مىنۇتمۇ خاتىرجەم ياشاشقا ئىمكان تاپالماي قان-قان يىغلاۋاتقان بۇ خەلقنىڭ زۇلۇمىنى يوقىتىش ئۈچۈن تىرىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا دۇئا قىلىپ قويۇشتىنمۇ ئاجىز كېلىۋاتقان دۇنيا مۇسۇلمانلىرى يەنىلا ئۆزىنىڭ شەخسىي تەلىپى، راھەت-پاراغەت، ئارزۇ-ئىستەكلىرىنىڭ پېشىدە ئالدىراش.

ـــ شۇنداق، مەن يۈز يىل مابەينىدە سانسىز قېتىملاپ ئاياللار، بالىلار، قېرىلار دەپ ئايرىماستىن بوغۇزلاش ۋە ئىچكى ئەزالىرىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ سىناق ئەۋرىشكىسى قىلىش ياكى سېتىشلارغا؛ ھايۋانلار كەبى ئاياقلىرىدىن ئېسىپ قويۇپ، ۋەھشىي ھايۋانلارنىمۇ دەھشەتكە سالىدىغان قورقۇنچلۇق، رەزىل ئۇسۇللار بىلەن بىرسى ھېرىپ قالسا، بىرسى نۆۋەتلىشىپ قىيناشلارغا؛ قولىدىكى كويزىغا دەسسەپ ۋارقىرىتىش، كويزىنىڭ ئۈستىگە كالتەك بىلەن ئۇرۇش؛ تۇرۇبا شىلانكىسى ۋە سىم قامچىلارغا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن ئىتتىك جېنىنى ئالمايدىغان، ئەمما قاتتىق ئاغرىيدىغان جايلارغا ھارغۇچە ئۇرۇش، چاچ-ساقال، تىرناقلىرىنى يۇلۇش، ئىتقا تالىتىش، پۇت قوللىرىغا كويزا-كىشەن سېلىپ سۇ تۈرمىلىرىگە چىلاپ قويۇش، مۇزغا دەسسىتىش، ئايال مەھبۇسلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش… قاتارلىق قەبىھ ۋە رەزىل ئۇسۇللار بىلەن ئازابلاشلارغا؛ ئەگەر ھايات قېلىپ كېسىلگەنلىرى بولسا يۇقىرىقى زۇلۇملاردىن باشقا يەنە ئەمگەك بىلەن «تەربىيەلەپ» ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىغا ئاپىرىلىپ تاغلاردا تاش چوقۇش، گەج-كېسەك، تاش زاۋۇتلىرىدا ئېغىر ئەمگەكلىرىگە سېلىشلارغا شاھىد بولدۇم. مېھىر-شەپقەت ھۈجەيرىسى پۈتۈنلەي ئۆلگەن تۈرمە ئەمەلدارلىرىنىڭ مەھبۇسلارنى تىللىغاندىكى ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان، كىشىنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىغا تېگىدىغان تىل-ئاھانەتلىرىنى ھەتتا مەنمۇ تىلىمغا ئېلىشتىن نومۇس قىلىمەن. مەن ئۆزۈم شاھىد بولۇۋاتقان بۇ زۇلۇملارنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن بارچە تىرىشچانلىقىمنى كۆرسەتكۈم كېلىدۇ-يۇ، لېكىن رەھىمسىز خىتاي قانخورلىرىنىڭ بۇ تۆت تەرىپى پۇختا قورشالغان، مەخپىيەتلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان تۈرمە تاملىرىدىن سىرتقا ھالقىتىشىم مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ. ئەجىبا، بۇ مىللەت مانا مۇشۇنداق قىرىلىپ تۈگەرمۇ؟ بۇلارنىڭ يورۇق تاڭنى كۆرىدىغان كۈنى يوقمىدۇ؟

ئۆمەر ئاكا بۇ سۆھبەتلەرگە ئىنتايىن ھەيران قالدى. كۆزىنى ئېچىپ بۇنىڭ راست ياكى ئۆزىنىڭ خىيالى ئىكەنلىكىنى بىلگۈسى كەلدىيۇ، لېكىن ئەگەر خىيالى بولۇپ قالسا بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن، ئەمەلىيەت بولۇپ بولسا، ئۇ ئىككىسىنىڭ سۆھبىتىنى ئۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇپ، يەنىلا كۆزىنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالماي، ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ مىدىرلىماي ياتتى.

كىتاب كىشەننىڭ سۆزىگە جاۋاب بېرىپ:

ـــ ياق، نۇرلۇق تاڭ ساباسىنڭ ئىللىق نۇرى پات يېقىندا بۇ زېمىن ئەھلىنىڭ قەلبىگە ئۆزىنىڭ سائادەت ھۇزۇرىنى ئاتا قىلىدۇ. بۇ زېمىن ئەھلىنىڭ ۋۇجۇدى پىداكارلىق، زۇلۇمغا باش ئەگمەسلىك؛ ئۆزىنىڭ ئېتىقادى، ۋەتىنى ۋە ئىززەت-نومۇسى ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلىشتىن ۋاز كەچمەيدىغان كۈچلۈك روھ بىلەن يۇغۇرۇلغان. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ خەلقنىڭ ئەزىمەتلىك روھىنى سۈپەتلەپ: «تۈركلەر سىلەرگە چېقىلمىغۇچە، سىلەر تۈركلەرگە چېقىلماڭلار»[4] دېگەن. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئەشەددىي رەقىبى، يەر يۈزىدىكى ئەڭ پەس ۋە نىجىس بولغان خىتايلارنىڭ بېشىدا نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ غەلىبە شەمشىرىنى ئوينىتىپ كەلگەن، ـــ دېدى.

بۇ كىشەننىڭ تۇغۇلغىنىغا تەخمىنەن 140 يىل بولغاچقا، يەنە كېلىپ، تۇغۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەغلۇبىيەت، قىرغىنچىلىق، زۇلۇم-ئىستەملىرىنى كۆرۈپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، بۇ سۆزلەرگە ھېچ ئىشەنگۈسى كەلمىدى.

ـــ ھەقىقەتەن راستمۇ؟ لېكىن مەن تۇغۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا بۇلارنىڭ سولغۇن چىرايى، ئۈمىدسىز كۆزلىرى، پۈكۈلگەن قەددى، ئاجىز ۋۇجۇدىنىلا كۆرۈۋاتىمەن، ـــ كىتاب مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى ۋە:

ـــ سەن پەقەت جىگەر پارىلىرىدىن ئايرىلغان ئانىلارنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرىگە قانمىغان سەبىي بالىلارنى، پاك ۋۇجۇدى تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان ئەفىفە ئاياللارنى، ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ بېشىغا نېمە كۈن كېلىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەۋاتقان چارىسىز ئاتىلارنى كۆردۈڭ خالاس. لېكىن سەن كۈرەش روھى لاۋۇلداپ يالقۇنلاۋاتقان تۈرمە سىرتىدىكى پىداكار ئەركەكلەرنى، بولۇپمۇ باشقا ئەركىن دىيارلاردا ئۆزىنى تاۋلاپ، تەربىيەلەپ ۋە كۈچلەندۈرۈپ، زەپەر دۇلدۇلىنى يۈگەنلەۋاتقان باھادىر ئەزىمەتلەرنى كۆرۈپ باقمىدىڭ. خۇددى مۇشۇ ئۆمەر ئاكىنىڭ ئوغلىغا ئوخشاش، قەلبى قىساسقا تولغان نەچچە مىڭلىغان ئىزباسار ئوغلانلار ئۆزىنى پات يېقىندىكى قاتتىق كۈرەش ئۈچۈن ھازىرلىماقتا، ـــ دېدى.

كىشەن خۇشاللىقىدىن شاراقشىپ كەتتى. ئۆمەر ئاكىنىڭ يېغىر بولۇپ كەتكەن پۇتلىرى كىشەننىڭ شاراقشىشلىرى بىلەن ئېچىشىپ قاتتىق ئاغرىغان بولسىمۇ، يەنىلا چىداپ ئۈندىمەي ياتتى.

ـــ ئۇنداقتا ئۇزۇن قالماي ئۇ باھادىر ئەركەكلەر كېلىپ ئۆمەر ئاكىنىڭ پۇت-قوللىرىدىكى مېنى چېقىپ، مېنى بۇ زالىم-قانخورلارغا ھەمشېرىك بولۇشتىن قۇتۇلدۇرغۇدەك؟

ـــ بەلكىم بۇنىڭغا بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.

ـــ نېمىشقا؟ ـــ كىشەننىڭ خۇشاللىقى نەلەرگىدۇر ئۇچۇپ، ھەيران بولۇپ سورىدى، ـــ باياتىن سەن «زەپەر دۇلدۇلىنى يۈگەنلەۋاتقان باھادىر ئەزىمەتلەرنى كۆرۈپ باقمىدىڭ» دەۋاتاتتىڭغۇ؟

ـــ شۇنداق، بۇ بىتەلەي مىللەت ئىچىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر گەرچە زەپەر دۇلدۇلىنى يۈگەنلەۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ تارىخىي كۈچلۈك دۈشمىنىگە قارشى غەلىبە ئامىللىرىنى تېخى تولۇق ھازىرلاپ بولالمىدى، ـــ دېدى كىتاب ئۇلۇغ بىر كىچىك تىنىپ.

ـــ ئۇنداقتا ئۇ غەلىبە ئامىللىرى قايسىلار؟ ـــ دەپ سورىدى كىشەن ئالدىراپ.

ـــ بىرىنچىدىن، قەلبى ساپ ئىمان، تەۋرەنمەس ئېتىقاد، ئاللاھقا بولغان كۈچلۈك تەۋەككۈل روھى بىلەن سۇغۇرۇلغان؛ ئۆزىنىڭ ئەزىز مىللىتى ۋە ئانا ۋەتىنى ئۈچۈن راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇشى، ئۆتكۈنچى ھۇزۇر-ھالاۋىتىدىن كېچەلەيدىغان؛ ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرەشنىڭ جاپا-مۇشەققەت، تىكەن-چاتقاللىرىغا بوي ئەگمەستىن، يېرىم يولدا توختاپ قېلىپ كەينىگە چېكىنمەستىن، دادىل قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدىغان؛ قورقماس يۈرەك، يۈكسەك ساداقەتكە ئىگە بىر تۈركۈم پىدائىي ئەزىمەتلەر كېرەك. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن كۆپلىگەن خۇداگۇي ئۆلىمالار بىرلىكتە جەڭ قىلدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا يەتكەن كۈلپەتلەردىن روھسىزلانمىدى، بوشاشمىدى، باش ئەگمىدى؛ ئاللاھ (ئۆزىنىڭ يولىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا) چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى دوست تۇتىدۇ»[5]. يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاز جامائە كۆپ جامائە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. ئاللاھ چىداملىق كۆرسەتكۈچىلەر بىلەن بىللىدۇر».[6]

ئىككىنچىدىن، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئۆزىنى ئەسكىرىي، سىياسىي، پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپ جەھەتتىن كۈچلەندۈرۈشى، ھەتتا بۇنىڭ ئۈچۈن سىياسىي قۇرۇلما ۋە تەشكىلىي گۇرۇپپىلارنى تەشكىللەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن قولۇڭلاردىن كېلىشىچە كۈچ تەييارلاڭلار»[7]. «سۈرە ئەلەق»تىكى ئايەتلەردە بولسا مۇسۇلمانلارنى ئىلىم-پەن ۋە مائارىپ ئارقىلىق كۈچلىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ: «ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن»[8]، «ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر»[9] دېيىلگەن.

ئۈچىنچىدىن، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى چوقۇم ئىمانىي بىرلىك ھاسىل قىلىشى، ئۆزئارا مېھرىبان، دوستانە بولۇشى ۋە ساپ قېرىنداشلىق مۇھەببىتىنى كەڭ يېيىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار».[10] ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «…ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا (دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن) قورقۇپ قالىسىلەر، كۈچ-قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ».[11]

چەتكە قېقىش، ئۆزىنى چوڭ ساناش، ئايرىمىچىلىق قىلىشتىن ساقلىنىپ، ئۆز دۈشمىنىگە قارشى بارلىق قەۋمى-قېرىنداشلىرى، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىرلىشىشكە تىرىشىشى، يۈكسەك غايە ئۈچۈن ئۆزئارا قۇسۇر-نۇقسانلىرىغا سەۋر قىلىشى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مەزلۇملىرىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ياردەم قىلىشنى خالايدىغان ھەرقانداق سەمىمىي ۋە راستچىل شەخس ۋە كىشىلەر توپىغا ئالدى بىلەن دوستلۇق قولىنى سۇنۇشقا ۋە ئۆزىنى كەمتەر تۇتۇشقا تىرىشىشى كېرەك.

ئەڭ مۇھىم نۇقتا شۇكى، بۇ بىرلىشىش سەمىمىيەت ۋە راستچىللىق ئاساسىدا بولۇشى كېرەك. دۇنيالىق غەرەز، سىياسىي مەنپەئەت ۋە ياكى بىردەملىك ھېسسىيات، ئۆزىنى نامايان قىلىش، كۈچ توپلاپ كۆز-كۆز قىلىش ئاساسىدا بىرلىشىشلەر ئازغىنە قىيىنچىلىق، كۆزلىگەن مەنپەئەتنىڭ ھاسىل بولماسلىقى ۋە سالاھىيەتنىڭ قولدىن كېتىشى بىلەن سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈكچىدەك غايىب بولىدۇ. ھەتتا ۋاقتى كەلگەندە بۆرىدىن قۇتۇلۇپ، يولۋاسقا تۇتۇلىدىغان؛ ئالدىدا قول تەڭلەپ، كەينىدىن تىغ ئۇرىدىغان؛ ئۆزى كۈتكەن پايدا-مەنپەئەتلەر قولغا كەلمىسە، ئەكسىچە خائىنلىق قىلىدىغان ئېچىنىشلىق نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇڭلار»[12].

تۆتىنچىدىن، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئۆز ۋەتىنىنىڭ بۈگۈنكى دەھشەتلىك ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا؛ دۈشمەننى ئازايتىپ، دوستنى كۆپەيتىشكە؛ خىتايلار بىلەن بىرلىشىۋاتقانلارغا خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى تونۇتۇپ، ئۇنىڭدىن ھەمكارلىق قولىنى تارتىشقا ئۈندەشكە؛ ئۇ مەنپەئەتداش ۋە ئىتتىپاقداشلارنىڭ ھېچ بولمىغاندا شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم قىلالمىسىمۇ، خىتاينىڭ زۇلۇمىغا شېرىكلەشمەسلىكى، پايدا يەتكۈزەلمىسىمۇ، زىيان سالماسلىقى ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.

بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان كىشەن بۇ جەرياننىڭ تولىمۇ مۈشكۈل ئىكەنلىكى، تەرتىپلىك ۋە ئاقىلانىلىك بىلەن تۈزۈلگەن بىر سىياسىي پىروگراممىغا موھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ:

ـــ يۈز يىل مابەينىدە ئىمانىي، سىياسىي ۋە دۆلەتچىلىك تەربىيەسىدىن مەھرۇم قالغان ھەمدە چەتئەلدىكى مۇساپىرچىلىق ھاياتىدا بۇنى شەكىللەندۈرۈشى تولىمۇ قىيىن بولۇۋاتقان بىچارە خەلقنىڭ بۇ غەلىبە ئامىللىرىنى تېز پۇرسەتتە ئەمەلگە ئاشۇرالىشى مۇمكىنمۇ؟ ـــ دەپ سورىدى.

ـــ  شۇنداق، بۇ ھەقىقەتەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش تولىمۇ مۈشكۈل بولغان، لېكىن بۇ دىيارنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ھالىتىگە نىسبەتەن ئىنتايىن زۆرۈر ۋە جىددىي بولغان بىر ۋەزىپىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى يۇقىرىقى غەلىبە ئامىللىرىنى تېز پۇرسەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن چىن ساداقەت بىلەن تىرىشىدىغان ۋە شۇنىڭ قابىلىيىتىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان پىشقان بىر يېتەكچى رەھبەرگە موھتاج، ـــ دېدى كىتاب. كىشەن بۇ رەھبەرگە تەشنا بولغان ھالدا:

ـــ ئۇنداقتا ئۇ رەھبەردە قانداق قابىلىيەت ۋە سالاھىيەت ھازىر بولۇشى كېرەك؟ ـــ دەپ سورىدى. كىتاب:

ـــ بىرىنچىدىن، قول ئاستىدىكىلەرگە ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، مېھىر-شەپقەتلىك، ئەپۇچان، ئۇلارنى ھەر ۋاقىت دۈشمەنلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداپ ھىمايە قىلالايدىغان؛ لېكىن دۈشمەنگە شىددەتلىك ۋە باتۇر، قەلبىگە قورقۇنچ سالالايدىغان بولۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ھەقىقەتەن (كىشىلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا، (جىمى خەلققە) ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ».[13] ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار ئەتراپىڭدىن تارقاپ كېتەتتى. ئۇلارنى ئەپۇ قىل، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن».[14]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئەمىر بىر قالقاندۇر، ئۇنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن قوغدىنىلىدۇ. ئەگەر ئۇ ئاللاھ ئەززە ۋە جەللىگە تەقۋادارلىق قىلىشقا بۇيرۇسا ۋە ئادالەت بىلەن ئىش قىلسا، ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىرگە ئېرىشىدۇ؛ ئەگەر ئۇنىڭدىن باشقا ئىشقا بۇيرۇسا، گۇناھى ئۆزىگە بولىدۇ».[15]

ئاللاھ تائالا پادىشاھ تالۇتنىڭ قوماندانلىق سۈپىتىنى بايان قىلىپ: «ئاللاھ ئۇنىڭ ئىلمىنى زىيادە، بەدىنىنى بەستلىك قىلدى» دېگەن. [16]

ئىككىنچىدىن، دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىشنى بىلەلمىگەن ۋاقىتتا سەمىمىي ئىلىم ئەھلى ۋە تەجرىبىلىك كىشىلەرگە كەمتەرلىك بىلەن مەسلىھەت سالىدىغان بولۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالا ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىىسسالامغا مۇنداق دېگەن: «ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن».[17]

ئۈچىنچىدىن، ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ماھىر ۋە تەمكىن، دىپلوماتىك مۇئامىلىنى توغرا ھەل قىلالايدىغان، ئۆزىنى خار تۇتمايدىغان، ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالايدىغان، ھەرخىل سىياسىي ۋە ئەمەلىي كۈرەشلەرنىڭ مەنپەئەت ۋە زىيانلىرىنى توغرا ئايرىپ چىقىپ، ئەڭ پايدىلىق ھۆكۈم چىقىرالايدىغان، كۆپ ئىسسىق-سوغۇقلاردا تاۋلانغان، تەجرىبىلىك، سەگەك، زېرەك، كۈچلۈك سىياسىي ئاڭغا ۋە پەم-پاراسەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. قۇرئان كەرىمدىكى بىر ئايەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتى بايان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇلارنىڭ بىرى ئېيتتى: <ئى ئاتا، ئۇنى سەن ئىشلەتكىن، بۇ سەن ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، كۈچلۈك، ئىشەنچلىكتۇر>»[18]. يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «ئاللاھ ھېكمەتنى (ياخشى ئەمەلگە يېتەكلەيدىغان پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ، ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ»[19].

تۆتىنچىدىن، دۈشمەنگە قارشى تەييارلىق ۋە كۈچ-قۇۋۋەت توپلاش ئۈچۈن لازىم بولغان بارلىق تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان؛ ھەربىر ساھەدىكى ئىلىملىك، قابىلىيەتلىك ۋە ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى چەتكە قاقمايدىغان ۋە يەكلىمەيدىغان، ئۇلارنىڭ خىزمىتى ۋە تۆھپىلىرىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «رەببىڭنىڭ يولىغا ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز-نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن»[20]. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر»[21].

بۇنى ئاڭلىغان كىشەن بىردەم سۈكۈتتە تۇرۇپ كىتابنىڭ سۆزلىرىنى ئويلىنىپ كەتتى ۋە بۇ سۈپەتلەرگە لايىق رەھبەرنىڭ چىقىشىنىڭ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەسلىكىنى؛ ئەگەر ئاللاھ تائالا شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا رەھمەت قىلىپ، مۇشۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان بىر يېتەكچى رەھبەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ بەرسە، خەلقنىڭ ئۇنى قەدىرلەپ، قولىدىن كېلىشىچە ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ بېرىشى كېرەكلىكىنى؛ توغرا يولغا يېتەكلىسە ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپ قۇرۇپ، كۈچلۈك قۇۋۋەت شەكىللەندۈرۈشى، ئەگەر خاتالىشىپ قالسا نەسىھەت قىلىپ، ھېكمەتلىك ئۇسلۇب بىلەن سۆھبەتلىشىپ، كۈرەش تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ تېز، ساغلام ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى. كىشەن كىتابنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى ھەققىدە بىردەم پىكىر قىلغاندىن كېيىن:

ـــ ئەجىبا بۇ خەلقنىڭ يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە يېتەكچى رەھبىرى يوقمۇ؟

ئۇلارنىڭ سۆھبىتى دەل مۇشۇ يەرگە كەلگەندە سوراقخانىنىڭ ئىككى چاكىرى كىرىپ، يەردە دۆۋىلىنىپ ياتقان قۇرئانلار، دىنىي ۋە ئۇيغۇرچە تارىخىي، سىياسىي كىتابلارنى گۈرجەك بىلەن تاغارغا ئۇسۇشقا باشلىدى. شۇ قاتاردا ئۇ كىتابنىمۇ بىر كونا تاغارغا قاچىلاپ ئەپچىقىپ كەتتى. كىشەن ئەلەملىك بىر ئۇھسىنغان ھالدا ئۇ تاغاردىكى قۇرئان ۋە كىتابلارنىڭ كەينىدىن قاراپ قالدى.

يۇقىرىقى سۆھبەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېنىق ئاڭلاپ تۇرغان ئۆمەر ئاكا باياتىنقى ئۇ دانا كىتاب ئېيتقان «زەپەر دۇلدۇلىنى يۈگەنلەپ، پات يېقىندا ئۆزىنىڭ پۇت-قوللىرىدىكى كىشەننى چېقىش ئۈچۈن كېلىدىغان ئوغلى ۋە مىڭلىغان پىداكار ئوغلانلار»نىڭ تېزراق يېتىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىپ، ئۈمىدلىك كۆزلىرىنى تۇرۇسقا تىككىنىچە خىيالغا چۆمدى.

…..

ئارىدىن ئون نەچچە يىللار ئۆتتى. تۈرمىنىڭ رەھىمسىز قىيىن-قىستاق،  ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ئۆمەر ئاكىنىڭ بەقۇۋۋەت قەددى-قامىتىنى ئېگىپ، يىگىتلىك پەسلىنى خازان قىلىپ، پەقەت شۇ ئۈمىدلىك قەلبى ۋە روھىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان بىر تېرە، بىر ئۇستىخىنىنىلا قالدۇرۇپ قويدى.

بىر كۈنى ئەتىگەن ئىللىق بىر قۇياشنىڭ تەپتى تۈرمە تېمىنىڭ كىچىككىنە بىر تۆشۈكىدىن ئۆتۈپ ئۆمەر ئاكىنىڭ مەڭزىگە ئۆز نۇرىنى خۇش تەبەسسۇم بىلەن چاچتى. ئۆمەر ئاكا ئىنتايىن ھەيران قالدى، چۈنكى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان تۈرمىنىڭ بۇ رەھىمسىز تېمى قۇياش نۇرىنىڭ كىرىشىگە ھېچ يول قويمىغان ئىدى. كۈچ-ماغدۇردىن پۈتۈنلەي كەتكەن ئۆمەر ئاكا سېخىي قۇياشنىڭ ئۆزىگە بېرىۋاتقان مېھىرلىك نۇرىدىن ھۇزۇرلىنىپ سوزۇلۇپ ياتقاندا، قاتتىق بىر زەربىنىڭ ئاۋازى بىلەن تەڭ چۇقان-سۈرەن، خۇشاللىق سادالىرى ياڭراشقا باشلىدى. ئۆمەر ئاكىنىڭ يۈرىكى خۇشاللىقتىن قاتتىق سوقۇشقا باشلىدى: «ئەجىبا، راستتىنلا ئاللاھنىڭ نۇسرىتى…».

ئۆمەر ئاكا پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىك ئالدىغا بارغۇسى كەلدىيۇ، لېكىن شۇنچە تىرىشسىمۇ ياتقان يېرىدىن ئولتۇرۇشقا ئاران مادارى يەتتى. بىردىنلا ئۆزى ياتقان كامېرنىڭ ئىشىكىمۇ قاتتىق زەربە بىلەن ئۇرۇلدى. ئىشىك ئېچىلىشى بىلەن، ئۆمەر ئاكا ئالدىدا تۇرغان قەددى-قامەتلىك، نۇر يۈزلۈك يىگىتنى كۆرۈپ يۈرىكى توك سوققاندەك جىغغىدە قىلىپ، داڭقېتىپلا قالدى. غۇۋا ئىشىك ئالدىدا ئۆزىنىڭ 20 نەچچە ياشلار ۋاقتىدىكى چىرايى ۋە تەقى-تۇرقىغا چاپلاپ قويغاندەك ئوخشايدىغان، قاملاشقان، زەبەردەس ۋە بەردەم بىر يىگىت ئۆزىگە قاراپ قېتىپ قالغاندەك تۇرۇۋاتاتتى. ئۇ يىگىتمۇ كۆز ئالدىدىكى گەرچە ئورۇقلاپ ھەم ئاجىزلاپ، ئورنىدىنمۇ تۇرالمىغۇدەك كۈچ-ماغدۇرسىز ھالغا كېلىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن چىرايى ئۆزىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىر كىشىنى كۆرۈپلا، يۈرىكى ئەلەملىك بىر ئاغرىق ئازابىدا مۇجۇلۇپ كەتتى.

ـــ ئوغلۇم، مۇھەممەدمۇ سەن؟

ـــ دادا! ـــ دېگەن چەكسىز خۇشاللىق بىلەن تەڭ ئېتىلىپ چىققان بۇ ئۇلۇغ نامنى توۋلىغانچە، مۇھەممەد ئۆزىنى دادىسىنىڭ قۇچىقىغا ئاتتى.

2023- يىلى 7- ئاينىڭ 16- كۈنى

مەنبەلەر

[1] سۈرە بەقەرە 214- ئايەت

[2] سۈرە ھۇجۇرات 10- ئايەت

[3] بۇخارى ۋە مۇسلىم توپلىغان

[4] ئەبۇ داۋۇد، نەسائى ۋە بەيھەقى توپلىغان، ئەلبانى «سەھىھ» دېگەن.

[5] سۈرە ئال ئىمران 146- ئايەت.

[6]  سۈرە بەقەرە 249- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[7] سۈرە ئەنفال 60- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى.

[8] سۈرە ئەلەق 1- ئايەت.

[9] سۈرە ئەلەق 3- ئايەت.

[10] سۈرە ئال ئىمران 103- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[11] سۈرە ئەنفال 46- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[12] سۈرە نىسا 102- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[13] سۈرە نەھل 90- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[14] سۈرە ئال ئىمران 159- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[15] بۇخارى ۋە مۇسلىم توپلىغان.

[16] سۈرە بەقەرە 247- ئايەت.

[17] سۈرە ئال ئىمران 159- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[18] سۈرە قەسەس 26- ئايەت

[19] سۈرە بەقەرە 269- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[20] سۈرە نەھل 125- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[21] سۈرە ئال ئىمران 104- ئايەت.

چۈشۈرۈشpdf


4.8
Rated 4.8 out of 5
4.8 out of 5 stars (based on 69 reviews)
5 يۇلتۇز93%
4 يۇلتۇز2%
3 يۇلتۇز1%
2 يۇلتۇز4%
1 يۇلتۇز0%

ماقالىگە يېزىلغان ئىنكاسلار

Rated 5.0 out of 5
ئۆكتەبىر 17, 2023

ماشائاللاھ بەك ياخشى يىزىلىپتۇ .

Avatar for مەۋلۇدە
مەۋلۇدە
Rated 5.0 out of 5
ئۆكتەبىر 16, 2023

ماقالە بەك چىن رىئال بوپتۇ .

ماشا اللە.قەلىمىڭىزنىڭ توختاپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋەتەنگە قايتقاندەك بولدۇم

Avatar for مۇخلىسە
مۇخلىسە
Rated 5.0 out of 5
ئۆكتەبىر 16, 2023

ماشائاللاھ بەك ياخشى يىزلىپتۇ ئاللاھ ئىلىملىرنى زىيادە قىلىپ بەرسۇن.

Avatar for ئىلمىنۇر
ئىلمىنۇر
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 25, 2023

ماشائاللا بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ،

Avatar for ئىھسان
ئىھسان
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 25, 2023

ماشائاللا بەك ياخشى يېزىلىپتۇ

Avatar for ئىھسان
ئىھسان
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 21, 2023

تىلى راۋان ، مەزمۇنى ياخشكەن

Avatar for Muhammad Qong
Muhammad Qong
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 18, 2023

ناھايىتى ياخشى يىزىلىپتۇ ئاللاھ ئىلىمىڭزنى زىيادە قىلسۇن

Avatar for ھەلىمە
ھەلىمە
Rated 2.0 out of 5
سېنتەبىر 8, 2023

ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ ، ئوقۇپ بەك تەسىرلەندىم ، قەلەم قوۋۋىتىڭىزغا ئافېرىن !

Avatar for Shehideili
Shehideili
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 7, 2023

بەك ياخشى يىزىلىپتۇ، ئاللاھ بەرىكەت بەرسۇن!!!

ئوقۇش جەريانىدا كۆز ياشلرىمغا ئىگە بولالمىدىم…..

راببىم ئەڭ گۈزەل نەتىجە بەرسۇن….

Avatar for B. Muhammad
B. Muhammad
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 6, 2023

شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ.

Avatar for يامغۇر
يامغۇر
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 5, 2023

بەك ياخشى يېزىلغان ئەسەر بوپتۇ. يول خەرىتىسىدىكلا

ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن قەلىمىڭىزنى قۇۋۋەتلىك قىلىپ بەرسۇن

Avatar for پاتىمە
پاتىمە
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 5, 2023

بەك ياخشى يېزىلغان ئەسەر بوپتۇ. يول

خەرىتىسىدىكلا

ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن

Avatar for پاتىمە
پاتىمە
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 5, 2023

ھىكايە بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ،بۇنى ئۆزگەرتىشنىڭ يوللىرى ناھايىتى ياخشى يورۇتۇپ بېرىلىپتۇ. باش -ئاخىرى ھەم شۇنداق ماسلاشقان .ئادەمگە ئۈمىد بېغىشلايدىكەن .

ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە ، قەلىمىڭىزنى قۇۋۋەتلىك قىلىپ بەرسۇن .

Avatar for پاتىمە
پاتىمە
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 5, 2023

مەزمۇنى بەك ياخشى بوپتۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن بەك مۇۋاپىق پايدىلنىپتۇ.

Avatar for Şehide
Şehide
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 4, 2023

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاللاھ ھىم ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇشۇ غەلىبىنى كۆرۈشكە نېسىپ قىلسۇن.ئامىن!!!ئاجايىپ ياخشى ئەسەر بولۇپتۇ.ئۈمىتتىكى مۇشۇنداق ئوخشاش ئەسەرلەرتىخىمۇ جىق چىقسا،ئۇخلاپ قالغان ۋە ئۇخلاش ئالدىدا تۇرغان بىزلەرنى ئويغۇتۇشقا نېسىپ بولسا،ھەممىز بىرلىكتە كۈچلۈك سەپ بولۇپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن!!!!

Avatar for ئەزىرە مۇھەممەھ
ئەزىرە مۇھەممەھ
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 2, 2023

بەك پاساھەتلىك چىقىپتۇ ماشااللە

Avatar for ئارزۇ
ئارزۇ
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 2, 2023

بەك پاساھەتلىك چىقىپتۇ ماشااللە ،ئاللاھ شۇ كۈنگە تېزرەك ئۇلاشتۇرغاي

Avatar for ئارزۇ
ئارزۇ
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 2, 2023

بە ياخشى بوپتۇ 🥰

Avatar for مەريەم
مەريەم
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 2, 2023

بۇ ماقالىنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم، چىن رىئاللىق ناھايىتى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ. پاساھەتلىك، جانلىق تىل بىلەن يىزىلىپتۇ. ئىملا خاتالىرىغا دىققەت قىلىشى، پايدىلانغان مەنبەلەرنىڭ ئەسكەرتىلىشى …ھەر تەرەپتىن ياخشى يىزىلىپتۇ. ھەتتا ھىكايىدىكى شەخسلەرنىڭ دۇچ كەلگەن پاجىئلىرى بىزنىڭ تۈركىستاننىڭ چىن رىئاللىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپتۇ.

ئاخىرىدا ئىنسانغا ئۆمىد بەخىش ئەتكۈچى گۈزەل بىشارەتلەر بىلەن ھىكاينىڭ ئاخىرلاشمىسى ھىكاينى ئوقۇغان كىشىنى كەلگۈسىگە بولغان ئۆمىدىنى تىخىمۇ كۈچەيتىدىكەن.

ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ، يازغۇچىنىڭ قوللىرى دەرت كۆرمۈسۈن، ئاللاھ ئىلمىنى تىخىمۇ زىيادە قىپ بەرسۇن.

Avatar for مۇساپىر
مۇساپىر
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 2, 2023

ماشائاللا ماشائاللا بەك ياخشى يېزلىپتۇ.

بىزنىڭ غەپلەتتە قالغان ۋە ھازىرقى بىرلىشەمەي قالغان.

ۋە پۈتۈن تۇركىستان مۇسۇلمانلىرى بىرلەشكەندە ئاندىن ۋەتەن ئارزۇيىمىزنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى بەك ياخشى بايان قىلنىپتۇ 👍👍👍👍👍 ئاللاھ ئىلمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن

بىز تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ تېزراق بىرلىشىپ بىربىرىنى قوللايدىغان ياخشى بىر ئۈممەت بۇلۇشىنى ئاللاھتىن سورايمەن ئامىن ئامىن ئامىن 🤲

Avatar for Hatice
Hatice
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 2, 2023

ماشائاللاھ بەك ياخشى يېزىلىپتۇ .

Avatar for مۇھەممەد
مۇھەممەد
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 2, 2023

ماشائاللاھ! تەسىرلىك يېزىلىپتۇ .ئاللاھ ۋەتىنمىزگە غەلبە نۇسرەت بىلەن كىرگىلى نىسىپ كىلسۇن

Avatar for سېھران
سېھران
Rated 3.0 out of 5
سېنتەبىر 2, 2023

ماشائاللا ئەھۋالىمىزنى ئەينەن بايان قىپتۇ …ئاللاھىم ئىلمىڭىزغا بەركەت ،زىھنىڭىزغا قۇۋۋەت ،ئۆمرىڭىزگە بەركەت ئاتا قىلسۇن ،سىلەردەك ئەقلى ئويغاق كىشىلەرنى ئاللاھىم ھەرۋاقىت ئامان ئىسەن قىلسۇن ،سىلەر سەۋەپلىك ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننى ئازاد قىلىشقا نىسىپ قىلسۇن …ئاللاھىم دۇنيا ئاخىرەتتە مەنپەئەتلىك قىلسۇن …ئامىن ئامىن

Avatar for Nefıse
Nefıse
Rated 2.0 out of 5
سېنتەبىر 1, 2023

ناھايتى پاساھەتلىك چىقىپتۇ، ماشائاللاھ !!! ئاللاھ شۇ كۈنلەرگە تىزرەك يەتكىلى نىسىپ قىلسۇن!!!

Avatar for ئارزۇ
ئارزۇ
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 1, 2023

👍👍👍

Avatar for رۇقىيە
رۇقىيە
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 1, 2023

ماقالە بەك ياخشى يىزىلىپتۇ بولۇپمۇ كىيىنكى يىتەكچى توغۇرلۇق قىلغان نەسىھىتى دەل جايىغا تەكككۇدەك يىزىلىپتۇ

Avatar for ئابدۇللاھ يەركەن
ئابدۇللاھ يەركەن
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 1, 2023

مەن ياقتۇرغان جۈملىلەر:

1. ـــ ياق، نۇرلۇق تاڭ ساباسىنڭ ئىللىق نۇرى پات يېقىندا بۇ زېمىن ئەھلىنىڭ قەلبىگە ئۆزىنىڭ سائادەت ھۇزۇرىنى ئاتا قىلىدۇ. بۇ زېمىن ئەھلىنىڭ ۋۇجۇدى پىداكارلىق، زۇلۇمغا باش ئەگمەسلىك؛ ئۆزىنىڭ ئېتىقادى، ۋەتىنى ۋە ئىززەت-نومۇسى ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلىشتىن ۋاز كەچمەيدىغان كۈچلۈك روھ بىلەن يۇغۇرۇلغان. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ خەلقنىڭ ئەزىمەتلىك روھىنى سۈپەتلەپ: «تۈركلەر سىلەرگە چېقىلمىغۇچە، سىلەر تۈركلەرگە چېقىلماڭلار»[4] دېگەن. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئەشەددىي رەقىبى، يەر يۈزىدىكى ئەڭ پەس ۋە نىجىس بولغان خىتايلارنىڭ بېشىدا نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ غەلىبە شەمشىرىنى ئوينىتىپ كەلگەن، ـــ دېدى.

2. خۇددى مۇشۇ ئۆمەر ئاكىنىڭ ئوغلىغا ئوخشاش، قەلبى قىساسقا تولغان نەچچە مىڭلىغان ئىزباسار ئوغلانلار ئۆزىنى پات يېقىندىكى قاتتىق كۈرەش ئۈچۈن ھازىرلىماقتا

3. بىر كۈنى ئەتىگەن ئىللىق بىر قۇياشنىڭ تەپتى تۈرمە تېمىنىڭ كىچىككىنە بىر تۆشۈكىدىن ئۆتۈپ ئۆمەر ئاكىنىڭ مەڭزىگە ئۆز نۇرىنى خۇش تەبەسسۇم بىلەن چاچتى. ئۆمەر ئاكا ئىنتايىن ھەيران قالدى، چۈنكى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان تۈرمىنىڭ بۇ رەھىمسىز تېمى قۇياش نۇرىنىڭ كىرىشىگە ھېچ يول قويمىغان ئىدى. كۈچ-ماغدۇردىن پۈتۈنلەي كەتكەن ئۆمەر ئاكا سېخىي قۇياشنىڭ ئۆزىگە بېرىۋاتقان مېھىرلىك نۇرىدىن ھۇزۇرلىنىپ سوزۇلۇپ ياتقاندا، قاتتىق بىر زەربىنىڭ ئاۋازى بىلەن تەڭ چۇقان-سۈرەن، خۇشاللىق سادالىرى ياڭراشقا باشلىدى. ئۆمەر ئاكىنىڭ يۈرىكى خۇشاللىقتىن قاتتىق سوقۇشقا باشلىدى: «ئەجىبا، راستتىنلا ئاللاھنىڭ نۇسرىتى…».

4. ئۇ يىگىتمۇ كۆز ئالدىدىكى گەرچە ئورۇقلاپ ھەم ئاجىزلاپ، ئورنىدىنمۇ تۇرالمىغۇدەك كۈچ-ماغدۇرسىز ھالغا كېلىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن چىرايى ئۆزىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىر كىشىنى كۆرۈپلا، يۈرىكى ئەلەملىك بىر ئاغرىق ئازابىدا مۇجۇلۇپ كەتتى.

ـــ ئوغلۇم، مۇھەممەدمۇ سەن؟

ـــ دادا! ـــ دېگەن چەكسىز خۇشاللىق بىلەن تەڭ ئېتىلىپ چىققان بۇ ئۇلۇغ نامنى توۋلىغانچە، مۇھەممەد ئۆزىنى دادىسىنىڭ قۇچىقىغا ئاتتى.

Avatar for ئىدرىس
ئىدرىس
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 1, 2023

مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ھالىتى….. شۇلارنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرشنىڭ يۇلى…. قەلىپنى لەرزىگە سالدىغان ئاخىرقى گۈزەل نەتىجە….. ھەم جەلىپ قىلارلىق سۆز جۈملىلەر… 💐 💯

Avatar for ئىدرىس
ئىدرىس
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 1, 2023

👍

Avatar for لەيلا
لەيلا
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 1, 2023

ماشائاللاھ….. ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ

Avatar for نۇر
نۇر
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 1, 2023

بەك ياخشى چىقىپتۇ ماشاءالله

ئاللاھ بىزنى ئوز يولىدا بىرلەشتۈرۈپ بەرسۇن

Avatar for مۇھەممەت
مۇھەممەت
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 1, 2023

ماقالە ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ تىز پۇرسەتتە ۋەتىنىمىزنىڭ ئازاد بولغىننى كۆرگىلى نىسىپ قىلسۇن

Avatar for ئەلى
ئەلى
Rated 5.0 out of 5
سېنتەبىر 1, 2023

ۋەتىنىمىزدىكى مۇسۇلمان قىرىندازلىرىمىزنىڭ ھايات كارتىنىسىدىن بىر كۇرۇنۇشنى كۆرگەندەك بۇلدۇم .

بەك تەسىرلەندىم

Avatar for ئۇمىرە غالىپ
ئۇمىرە غالىپ
Rated 2.0 out of 5
سېنتەبىر 1, 2023

ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز!

Avatar for تو مار
تو مار
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.، ھەممىمىز كاللىمىزنى سىلكىۋېتەيلى

Avatar for ئاينۇر
ئاينۇر
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

ماقالە ناھايىتى مەزمۇنلۇق،، ئىخچام بوپتۇ،، ھەم بۇ ماقالىدىن پۈتۈن شەرقى تۈركىستان ۋەقەلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرگىدەك تەلەپپۇز ۋە تىل بايلىقى بىلەن يېزىلىپتۇ، ئاللاھ قەلىمىڭىزنى ياخشى قىلسۇن،، ياخشى ئنەتىجىلەرنى قازانغىلى نېسىپ قىلسۇن 👍👍👍👍👍

Avatar for رازىيە
رازىيە
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

ھەقىقەتەن بەك ياخشى يېزىلىپتۇ. ئاللاھ شۇ كۈنلەرگىمۇ يەتكۈزەر …

Avatar for ئەھمەد
ئەھمەد
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ. ئاللاھ ئىگەم، شۇ تەلپۈنگەن يۈرەكلەرنى، سىغىنغان قەلبلەرنى مۇرادىغا يەتكۈزسۇن!

Avatar for ئەھمەد
ئەھمەد
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

ماقالىنىڭ تىلى يەڭگىل ، مەزمۇنى ئىخچام بايان قىلىنىپتۇ . ئەڭ مۇھىمى غەلبىگە تەشنا قەلبلەرگە مەلھەم بولغۇدەك ، ئۈمىد نۇرلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەپ بولغۇدەك بىر ئاخىرلاشتۇرۇش بولۇپتۇ .

Avatar for ئارزۇگۈل
ئارزۇگۈل
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

خو

Avatar for مەردان
مەردان
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

ئالامەت چىقىپتۇ

Avatar for فۇرقان
فۇرقان
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلار ياخشى ئىشلىتىلىنىپتۇ

Avatar for ئابدۇللاھ
ئابدۇللاھ
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز

Avatar for مەرھابا ھاكىم
مەرھابا ھاكىم
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

ياخشى يېزىلىپتۇ.

Avatar for بۇغرا
بۇغرا
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

Yahşi yizliptu

Avatar for Yoluqi
Yoluqi
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

ياخشى بۇلاپتو

Avatar for يۇلۇچى
يۇلۇچى
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

ياخشى يېزىپسىز،ماشائاللاھ.

قېرىنداشلىرىمغا تەۋسىيە قىلىپ قويدۇم.

Avatar for ئاسىم
ئاسىم
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن .

قەلىمىز قۇرىمىسۇن .

Avatar for ئابدۇسالام
ئابدۇسالام
Rated 4.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

ھەقىقى ئەھۋالىمىزنى يۇرۇتۇپ بىرىپتۇ… بەكلام تەسىرلەندىم ھەم ئۆزۈمگە قايتا سۇئال قۇيدۇم.

Avatar for رازىيە
رازىيە
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

ئاللاھ ئېلىمىڭىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغاي.

قوللىرىغا دەت كەلمىگەي.

Avatar for نىجات
نىجات
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

ماشائاللاھ ، ئاللاھ ئېلانىڭىزنى يەنىمۇ زىيادە قىلسۇن!

Avatar for ئالىمجان
ئالىمجان
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

ماقالىنى ئوقۇپ كۆزلىرىم نەملەندى، دەل بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ھالىتىمىزنى ئىنتايىن ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىپتۇ

Avatar for گۈلىستان
گۈلىستان
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

ماشائاللاھ ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن

Avatar for ئامىنە
ئامىنە
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

ما شاء الله

Avatar for Asma
Asma
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

ھەقىقەتەنمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ .

ئوقۇۋىتىپ كۆز ياشلىرېمنى تۇتالمىدىم.

ئاللا شۇنداق كۈنلەرنى كۆرگىلى نەسىپ قىلسۇن!

Avatar for ئابدۇللاھ
ئابدۇللاھ
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

ماشائاللاھ بەك ئېسىل يېزىپسىز، ناھايىتى جانلىق ۋە ئوبرازلىق چىقىپتۇ، ئاللاھ مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن. ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.

Avatar for مۇھەممەد
مۇھەممەد
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

ناھايىتى ياخشى بوپتۇ

Avatar for باتۇر
باتۇر
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

قالتىس

Avatar for سسدد
سسدد
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

قالتىس

Avatar for سسدد
سسدد
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

قالتىس يېزىپسىز

Avatar for Sakina
Sakina
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

اللە قەلىمىڭزنى تىخىمۇ كۈچلەندۈرسۇن، ۋەتەن ،مىللەت ئۈچۈن پايدىلىق قىلىپ بەرسۇن، شەرقىي تۈكىستاننىڭ مۇستەققىلقنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆرسەتسۇن .

Avatar for رازىيە
رازىيە
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

ماشائاللاھ…ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ.ئاللاھ تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىشقا نىىسپ قىلسۇن .

Avatar for ئىبراھىم
ئىبراھىم
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

اللە قەلىمىڭزنى تىخىمۇ كۈچلەندۈرسۇن، ۋەتەن ،مىللەت ئۈچۈن پايدىلىق قىلىپ بەرسۇن، شەرقىي تۈكىستاننىڭ مۇستەققىلقنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆرسەتسۇن .

Avatar for تەلئەت
تەلئەت
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

ياخشى يېزىپسىز. بۇ ئەسەرنىڭ ژانىرىنى نېمە دەيمىز؟

Avatar for ئۆمەر
ئۆمەر
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

ماشائاللاھ, بەك ياخشى چىقىپتۇ. ئاللاھ ئىلمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن. بىر تەرەپتىن ۋەتىنىمىزنىڭ پاجىئەلىك رىئاللىقى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈلسە, يەنە بىر تەرەپتىن ھەل قىلىش چارىللىرى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. ئاللاھ تېز پۇرسەتتە غەلىبىگە ئېرىشىشنى نىسىپ قىلسۇن ئامىن.

Avatar for فاتىمە
فاتىمە
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 31, 2023

ماقالە ئىسىل چىقىپتۇ.

قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.

Avatar for ئەھمەت
ئەھمەت
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 30, 2023

ياخشى يىزىلىپتۇ. ئاللاھ ئىلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن

Avatar for ئۇيغۇر
ئۇيغۇر
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 30, 2023

ماشائاللاھ ئوبدان يىزىپسىز..ھارمىغايسىز…

Avatar for ئامىنە
ئامىنە
Rated 5.0 out of 5
ئاۋغۇست 29, 2023

نېمە دېگەن ئېسىل يېزىلغان ئەسەر، ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىكى، مۇنازىرە خاراكتېرىدە ئېلىپ بارغان ھەقىقەت، ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسى ئوتتۇرىسىدا پۈتۈن بىر كارتىنىنى ئۇستىلىق بىلەن ئىپادىلىشى شۇنداقلا ئۈمىد بېغىشلىغۇچى دېئالوگلار بىلەن ئەسەرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلىرىمىزنى دادىللىق بىلەن ئىپادىلىشى ھەقىقەتەن ئىنساننى نۇرغۇن نەرسىلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلغۇزىدۇ. بارىكاللا، قالتىس يېزىپسىز، ھارمىغايسىز 👍🏻👏🏻🌸

Avatar for دىلنۇر ئۆزتۈرك
دىلنۇر ئۆزتۈرك

بىر باھا

  1. ماشائاللاھ ياخشى يېزىلىپتۇ،
    ئۇلۇغ ئاللاھ ئىلمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن.
    مەن بولۇپمۇ ئاخىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «گۈزەل نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشقان» ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا بەك ئامراق.
    ئۇلۇغ رەببىم خۇددى مۇشۇ ئەسەردە ئىپادىلەنگەندەك، تىز كۈندە، شۇ ۋەتىنىمىزدىكى خىتاي تۈرمىلىرىدە ياتقان بارلىق مەزلۇملارغا ئاشۇ « نۇرلۇق قۇياش» تەپتىنى كۆرسەتسۇن.
    أمين.

جاۋاب يېزىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button