فارابى تور دەرسخانىسى ھەققىدە: فارابى تور دەرسخانىسى 2020 - يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئوبۇلقاسىم فارابى باشچىلىقىدىكى بىر قانچە نەپەر ئوقۇتقۇچى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئىلىم-مەرىپەت ساھەسىدە زامان ۋە ماكانغا باغلىنىپ قالماستىن خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. فارابى تور دەرسخانىسىنىڭ بارلىق دەرسلىرى سۈرەتكە ئېلىنىپ، پەقەتلا فارابى تور دەرسخانىسنىڭ يوتۇب قانىلىدا تارقىتىلىدۇ. فارابى تور دەرسخانىسى ھېچبىر زامان ئىقتىسادىي كىرىم مەنبە يارىتىشنى مەقسەت قىلمايدىغان بولۇپ، پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلەپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ، قىلغان، قىلىۋاتقان ۋە قىلماقچى بولغان ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلغاي!
فارابى تور دەرسخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇنىۋېرستېت ئوقۇش مەقسىتىدە تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ، مارمارا ئۇنىۋېرستېتى ئىنگلىزچە ئىقتىساد بۆلۈمىگە قوبۇل قىلىنغان. شۇنداقلا ئ‍وقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقتىن 2017-2018 يىللىرى ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن گوللاندىيەگە بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن. ئۇنىۋېرستېت ئوقۇش جەريانىدا بىلتېز دەرسخانىسى، ھىرا تىل تەربىيىلەش مەكتىپى، ۋە ساماۋەر چايخانىسىدا ماتېماتىكا ۋە ئېنگلىزتىلى ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. 2020-يىلى مارمارا ئۇنىۋېرستېتى ئىنگلىزچە ئىقتىساد بۆلۈمىنى بىرىنچىلىك بىلەن تاماملاپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئىلىم-مەرىپەت ساھەسىدە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى سەپداشلىرى بىلەن فارابى تور دەرسخانىسىنى قۇرۇپ چىققان. ئۆي-مۈلۈك ساھەسىگە بولغان چوڭقۇر ئىشتىياقى ۋە بۇ ساھەدە كۈچلۈك بىر كارخانا قۇرۇپ چىقىشنى نىيەت قىلغان ئوبۇلقاسىم مۇئەللىم، ئىستانبۇلدىكى پەرقلىق ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىدە مول تەجرىبە توپلىغاندىن كېيىن فارابى ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشماقتا.
فارابى تور دەرسخانىسى مېدىتسىنا دەرسى ئوقۇتقۇچىسى، سەھىيە بىلىملىرى ئۇنىۋېرستېتى خەلقئارالىق دوختۇرلۇق كەسپى ئوقۇغۇچىسى. 2013-2016 دا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تىل - ئەدەبىيات، خىمىيە ۋە ماتېماتىكا دەرسى بەرگەن. 2016-2019 دا بىلتېز دەرسخانىسىدا ئۇنىۋېرستېتقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكا ۋە ئايكۇ دەرسى ئۆتكەن. ياشلار مەركىزىدە زەھەرلىك چېكىملىكلەر ھەققىدە دەرس ئۆتكەن. 2020-2021 ئۇيغۇر سىتەم ئېكرانىدا خىزمەت قىلغان. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە قۇتادغۇبىلىگ ئېنستىتۇتى ئەزاسى. ئۈنچىلەر گۇرۇپپىسى ئەزاسى. يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ئىدارى ھەيئەت ئەزاسى. ياشلاردىن تەركىپ تاپقان پەرقلىق تەرەپلەردە مۇستەقىل خىزمەت قىلىۋاتقان بىر قانچە گۇرۇپتا خىزمەت قىلىش بىلەن بىرگە ئاتلاسنوۋ ئىجتىمائىي تاراتقۇ گۇرۇپىسىدا پروجەكت يۈرگۈزمەكتە.
فارابى تور دەرسخانىسى تەجۋىد دەرسى ئوقۇتقۇچىسى سەھىيە بىلىملىرى ئۇنىۋېرسىتىتىدا ساقلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىدە باكلاۋۇرلۇقنى پۈتتۈرگەن. قۇرئان يېتەكچىسى، ئۈنچىلەر ئاۋازلىق ئەسەر گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى روندو تەخەللۇسى بىلەن ئاۋازلىق ئەسەر ئوقۇپ كەلمەكتە ۋە ياشلار مەركىزىدە زەھەرلىك چېكىملىك ھەققىدە مەسلىھەت بېرىپ كەلمەكتە.
2005~2010- يىلىدا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپىدە باكلاۋۇرلۇقتا ئوقۇغان. 2013~2016- يىلىدا ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپىدە ماگىستىرلىقتا ئوقۇغان. 2019- يىلىدىن بۇيان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ ۋە دوكتورلۇق دېسىرتاتسىيە يېزىش باسقۇچىدا. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ئۇيغۇر سەرخىللار مائارىپ ۋە تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى؛ ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى تەتقىقاتچىسى؛ سەرخىللار مائارىپى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى؛ ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى سەرخىللار مائارىپى ئانا تىل ۋە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى؛ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قۇتادغۇبىلىگ ئىنستىتۇتى ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەن ژۇرنال تەھرىرى قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانماقتا.
بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى پىسخولوگىيە كەسپىدە باكلاۋۇرلۇقنى پۈتتۈرگەن. فاتىھ سۇلتان مەھمەد ئۇنىۋېرستېتى ۋە بەزمى ئالەم ئۇنىۋېرستېتى بىرلەشمە پىروگراممىسىدا ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن. 2016-يىلىدىن باشلاپ« ئايبىلىگ مائارىپ ۋە يارەم دەرنىكى»نىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى بولۇپ، پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇش، مەسلىھەت بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتۈپ كەلدى. «چىۋەر قىزىم ئۇنىۋېرسال تەربىيلەش مەركىزى»دە پروجەكت پىلانلاش،يۈرگۈزۈش، تەشۋىقات ۋە دەرس ئۆتۈشكە مەسئۇل بولۇپ كەلدى. «چىۋەر قىزىم ئۇنىۋېرسال تەربىيلەش مەركىزى» دە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۆز ئالدىغا پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.
2017-2021 يىللىرى ئاراسىدا ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنجىنىرلىق كەسپىدە باكلاۋۇرلۇقنى ، رادىئوئاكتىپلىق داۋالاش كەسپىدە تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن. راك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە بىلىم ئاشۇرغان. ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى تېكنوپارك مەركىزىدە ئىگىلىك تىكلەش دائىرىسىدە پائالىيەت يۈرگۈزگەن. شەخسى بىر شىركەتنىڭ كالىبراسيون تەجرىبىخانىسىدا مۇتەخەسىسلىك يۈرگۈزگەن. 2019. يىلىدىن ئىتىبارەن بالىلارغا ئالگورىتما كودلاش دەرسى بېرىپ كەلمەكتە ، كوچ خولدىڭ تېخنولوگىيە پروجەكتىسىدە سۈنئىي ئىدراك ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.
Back to top button