مۇكاپاتلىق ماقالە يېزىش پائالىيىتى

قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆمۈلۈپ قالغان قابىلىيىتىنى قېزىپ چىقىش، ئىجادىي مەھسۇلاتلارنى خەلقىمىزگە سۇنۇش ۋە پەرقلىق كۆز قاراشلار بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن فارابى تور دەرسخانىسى نامىدىن پەسىللىك مۇكاپاتلىق ماقالە يېزىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى. بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى پەسىللىك مۇكاپاتلىق ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىدا بىزگە ئەۋەتىلگەن ماقالىلەر فارابى تور دەرسخانىسىنىڭ تور بېكىتىدە بىردەك 8.ئاينىڭ 30.كۈنى ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ ماقالە تېمىسى ۋە ماقالە يازغۇچىنىڭ يېشى چەكلەنمەيدۇ.
ماقالىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تاپشۇرۇلۇش ۋاقتى 7.ئاينىڭ 30.كۈنى.
بۇ مۇسابىقىنىڭ باھالىغۇچىلىرى پۈتۈنلەي خەلقىمىز بولۇپ ماقالىلەرنىڭ ئوقۇلۇش قېتىم سانى، باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش سانى، بېرىلگەن يۈرەك سانى، ئاستىغا يېزىلغان ئىنكاسلارغا ئاساسەن مۇسابىقىگە قاتناشقان ماقالىلەر دەرىجىگە تىزىلىپ چىقىلىدۇ.
1. دەرىجىگە ئېرىشكۈچى بىر نەپەر بولۇپ 3000 تېلى بىلەن،
2. دەرىجىگە ئېرىشكۈچى ئىككى نەپەر بولۇپ 2000 تېلى بىلەن،
3. دەرىجى ئېرىشكۈچى ئۈچ نەپەر بولۇپ 1000 تېلى بىلەن، مۇكاپاتلىنىدۇ.
مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى 10.ئاينىڭ 30.كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ.

يازغان ماقالىنى [email protected] بۇ ئېلخەتكە  ياكى تۆۋەندىكى ماقالە يوللاش جەدۋىلى ئارقىلىق ئەۋەتسەڭلارمۇ بولىدۇ

Please enable JavaScript in your browser to complete this form.
بۇ ماقالىڭىز ئىلگىرى باشقا جايدا نەشر قىلىنغانمۇ؟
Click or drag files to this area to upload. You can upload up to 5 files.
Back to top button