ئاھ ئۇرغان كۈنلىرىم

ئۇزۇن كېچىنىڭ زۇلمەت-قاراڭغۇلۇقى يوقالدى. كۈن پارلاپ چىقتى. ھەرتەرەپ جىمجىتلىققا چۈمۈلگەن بىر پارلاق ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇردۇم. دەرىزىدىن ئۆي ئىچىگە چۈشكەن قوياش نۇرى، قەلبىمگە قانداقتۇر بىر ھوزۇر بىرىۋاتاتتى، بېشىمغا كۈن چۈشتى. ئەمما ئۇ نۇرلۇق سىماسى بىلەن ماڭا قاراپ: <<قورقما ۋە ئەندىشە قىلما. دائىم مۇسىبەتلىك، ئېچىنىشلىق ۋە پاجىئەلىك ۋەقەلەرگە قاراپ مەيۈسلەنمە،ماڭىمۇ قاراپ بىر ئاز ئويلان !>> دېدى.

قۇياشقا قاراپ ھېچكىم كۈلۈپ باقمىغان بولغىيتى، مەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلدۈم ۋە تەبەسسۈم قىلدىم، ھەيرانلق ئىچىدە قەلىب كۆۈزۈمگە ھەقىقەتلار جىلۋىلىنىشكە باشلىدى، ئەقلىم تەسەللى ئىزدەۋاتقاندا:

ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ھەقىقىي بىر قۇياشى بولغان قۇرئان ۋە رەسۇل ئەكرەمنى تىلغا ئالغان ئەزان ساداسى بىلەن تەڭلا تاڭ ئېتىپ ئويغاندىم. يىغىلىپ قالغان مىڭ يىللىق قېلىن پەردىلەر ئۇ ساماۋى سادا بىلەن ئېچىلغاندەك بولدى.

ئەمما ئىچ ئالىمىدە ھۆكۈم سۈرىۋاتقان ئاجايىپ – غارايىپ ۋە غەلىتە كۆرۈنۈشلەرگە قاراپ باقتىم:

خىيال بىلەن ئۇ ۋەتەن تۇپرىقىغا كەتتىم. كونا مەھەللەمنىڭ بىنالىرى چېقىلغان. ھەرتەرەپتىن توپا-چاڭلار پۇرقىراپ تۇرغان. كۆپلىگەن ئىنسانلار باشقا يەرلەرگە كۆچۈپ كەتكەن ۋە يۈزدە توقساندىن ئارتۇق دوسىت – يېقىنلىرىم تۇپراققا كۆمۈلگەن بىر ۋەزىيەت كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىنسانلار ئىنسانلار تەرپىدىن ئۆلتۈرلىۋاتقان، زۇلۇمغا ئۇچراپ ئېغىر ئىزدىراپ چېكىۋاتقان، نۇرغۇن كىشىلەر تۈرمىگە سولىنىپ ئەزىيەت كۆرىۋاتقان بىر ۋەزىيەت كۆز ئالدىمدا گەۋدىلەندى. دوختۇرخانلار ئېڭراۋاتقان كېسەللەر بىلەن تولغان، ئىچ ئاغرىتىشتىن مەھرۇم بولغان دوختۇرلار ۋە سېستىرالار ئالدىراش جىدىدىي قۇتقۇزۇشتا شۇنداق باش چۈكۈرۈپ ئىشلەۋاتقاندەك ، نالە پارياد چىكىۋاتقان كىچىك نارىسىدە باللارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى….

بىر ئانا ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدىكى بالىسىغا چىدىماي ساراڭ بولغاندەك بىر ئەھۋالغا يولۇقتۇم:

<<ئاھ!  جېنىم بالام، ۋاي مېنىڭ دۇنيالىق قۇزام، بارلىقىم، ئاھ نېمىشقا بالام تېزلا دۇنياغا كىلىپ تېزلا كىتىپ قالىدۇ، ئەي پەلەك سەن جاۋاپ بەر! نىمىشقا، تۈنۈگۈن باغچىدىكى گۈلۈم توزۇپ كەتتى، بۈگۈن بولسا قۇچىغىمدىكى سەبىي بالام، ئەتە يەنە نېمىلەر بۇلار، كىم بىلىدۇ كىملەر قالۇر……يىغا ئاۋازى………نېمىشقا مەرھەمەت قىلىنمايدۇ، نىمىشقا ۋاي ئىسىتى ئەمەسمۇ؟ نېمىشقا بۇ رەھىمسىز ئۆلۈم سەبىي بالامغا مۇساللات بولىدۇ ھە!؟ ئەلەملىك ۋە سوغۇق بىر كەيپىيات شەكىللەنگەن. تەقدىرگە قارشى دەھشەتلىك ئېتىرازلار،قاخشاشلار ۋە شىكايەتلەر ئەۋج ئالغان، ھەتتاكى ئانا مەن ئەمدى بالام كەتسە كۆرۈشەلمەيمەن ئەمەسمۇ؟ دۇنيا ماڭا زىندان بولدى،ھايات ئىشكەنجىلەر بىلەن ئازاپقا تولدى، دەپ مەيۈسلەنگەن ھالدا ئاخىرەتكە ئىمانىنى يۇقىتىپ قويغان قورقۇنۇچلۇق  بىر پەيىتتە بىردىنلا ھەزرىتى خىزىردەك ۋەياكى لوقمان ھېكىمدەك بىر زات پەيدا بولىدۇ، قولىدىكى بىر مەجۇننى بالىغا ئىچكۈزدى، ئۇ سەكراتتىكى بالا بىردىنلا كۆزىنى ئاچتى، ۋە ئۆلۈمدىن قۇتۇلدى، نە قەدەر گۈزەل ۋە ئۇشبۇ دۇنيادا تېپىلماس خۇشاللىققا چۆمدى ئانا.

ئۇ خىزىر سۈپەت زات دېدىكى:

<<شۇنداق، مۇشۇ بالىغا ئوخشاش، ياخشى كۆرگەن، ناھايتى سۆيگەن بېقىۋاتقان باللىرىڭلارغا ئوخشاش، مىليۇنلارچە مەھبۇپ ياخشى ئىنسانلار ئۆتمشنىڭ قەبرىستانلىقىغا كۆمۈلدى دەپنە قىلىندى ئەمەسمۇ؟ سەن ئۇ ئىنسانلار ھەممىسى چۈرۈپ تۇپراققا ئايلىنىپ كەتتى دەپ ئويلاپ قالغان ۋاقتىڭدا بىردىنلا قۇرئاننىڭ نۇرى ئىماننىڭ سىرى، راھمان تائالانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن لوقمان ھېكىمدەك قۇرئاندا تەلىمى چىققان زاتلارنىڭ سۆزلىرى بىلەن تەۋھىد ھەقىقىتى ياردەمگە يىتىشىدۇ-دە: قەلبىڭلار ئىمان نۇرى بىلەن نۇرلاندى ۋە ئۇ ئۆلۈكلەر ئەمدى قاراڭلار تىرىلدى. ۋە دېدىكى، بىز ئۆلمىدۇق، ئۆلمەيمىز، يەنە سىلەر بىلەن كۆرۈشىمىز، دېگەن سادالار بىلەن تولىدۇ، يىغلاۋاتقانلار كۈلۈمسىرەپ، خۇشاللىققا چۈمۈپ، ئىماننىڭ بۇ دۇنيادىمۇ جەننەتنىڭ لەززىتىنى تىتىتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولىدۇ.>>

ھايۋانلاردەك ھەدەپ يەپ ئىچىپلا، ئەۋلاد قالدۇرۇپلا ياشاش ئەمەس ئەسلى ھايات، كەيپ – ساپاغا بېرىلىپ دۇنيا ۋە ئاخىرەت ھاياتىنى نابۇت قىلىش ئەمەستۇر ئەسلا بۇ ھايات.

ھاياتنى بىزگە بەرگەن زات ھاياتتىن ئىمان، مەرىپەت، مۇھەببەت ۋە روھانى لەززەتلەرگە چۈمىدىغان نامازدەك ئىبادەتلەرگە ئوخشاش، دۇنياغا كىلىشىمىزنىڭ يىگانە غايىسى ئىلىم، ئەمەل ۋە ئەدەپ بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭ رىزاسىنى قازىنىپ، جەننەتكە ئېرىشىپ، ئۇ مۇقەددەس زاتنڭ جامالىنى كۆرۈش ئەمەسمۇ!!!

ئاللاھۇ ھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر . لا ئىلاھە ئىللەللاھ ھۇ ئاللاھ ھۇ ئەكبەر ….ئاللاھۇ ئەكبەر ۋە لىللاھىل ھەمىدۇ سادالىرى يۈكسەلسۇن.

ھايۋان ئۆتمۈشتىن ئەلەم چەكمەيدۇ ئەپسۇسلانمايدۇ، كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلمايدۇ. بەك پەيزى لەززەت ئېلىپ، راھەت ياشايدۇ، ياتىدۇ، خالىق بولغان ياراتقۇچىسىغا شۈكۈر قىلىدۇ، ھەتتا قۇربالىق قىلىش ئۈچۈن ئەكەلگەن بىر قوچقارمۇ ياتقۇزىلغان ۋاقىتتا بىر نەرسە ھېس قىلمايدۇ، پەقەت پىچاق سالغان ۋاقىتتا ھېس قىلاي دەيدۇيۇ، ئۇ ھېسمۇ كىتىدۇ. ئۇ ئەلەمدىنمۇ تېزلا قۇتۇلىدۇ. دېمەك ئاللاھنىڭ چوڭ بىر رەھمىتى ۋە شەپقىتى بولسا ئاللاھنىڭ غەيىپنى بىزگە بىلدۈرمەسلىكىدۇر، يېپىۋىتىشىدۇر.

ئەي ئىنسان ئەقلىڭنى ئىشلەت!

سېنىڭ ئۆتمشىڭ ۋە كىلەچىكىڭ ئەقىل ئىدراك جەھەتى بىلەن غەيىپلىكتىن چىققىنىغا ئوخشاش، ھايۋانلارغا نىسبەتەن غەيىپنى يېپىۋىتىشتىن كەلگەن راھەتلىكتىن تامامەن مەھرۇمسەن.ئۆتمشتىن كەلگەن ئەپسۇسلار، ۋاي ئىسىتلەر، ئەلەملىك ئايرىلىش پىراقلىرى ۋە كەلگۈسىدىن كەلگەن قورقۇ، ئەندىشىلەر  سېنىڭ ئاز بولغان كىچىككىنە لەززىتىڭنى يوققا چىقىرىۋىتىدۇ. لەززەت جەھەتتە ھايۋاندىن تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. يا ئەقلىڭنى چىقىرىۋەت ئات، ھايۋان بول قۇتۇلغىن. ۋەياكى ئەقلىڭنى ئىشلەت، ئىمان بىلەن تولدۇر، قۇرئان ۋە ھەدىسكە قۇلاق سال. يۈز دەرىجە ھايۋاندىن تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشتىن بەكرەك بۇ فانى دۇنيادىمۇ ساپ بولغان لەزەتنى قازان. ۋەتەنگە ۋە مىللەتكە زىيانلىق بولغان بارلىق ھالەتلەردىن قۇتۇلغىن. ئەخمەق، دىنسىز، ئەجنەبى، يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلارغا ئوخشاش دۇنيادا ئازاپ چىكىشتىن، ھەتتا جەھەننەمگە كىتىشتىن ئۆزۈڭنى ساقلاپ قال. مۇستەقىم ۋە شەپقەتلىك بىر رەھبەر بولۇشقا تىرىش. بوش ۋاقتىمىزنى قۇرۇق خىياللار بىلەن ئۆتكۈزىۋېتىشنىڭ ئورنىغا، قۇرئاندىن بىلگەن ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇش،. مەنىلىرىنى بىلىدىغان ئۇستاز دوسىتلاردىن ئۆگىنىش، قازاغا قېلىپ قالغان نامازلار بولسا ئادا قىلىشقا تىرىشىش، بىر بىرىمىزنىڭ گۈزەل خۇي ئەخلاقلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىپ، ئەتراپىمىزنى گۈزەل سەجىيەلەرگە تولغان ئوبدان كۆچەتلەر يىتىشتۈرىدىغان بىر باغچىغا ئۆزگەرتىشىمىز،  سالىھ ئەمەللىرىمىنى كۆپەيتىشىمىز كېرەك.

ئۆزىمىزنى تەربىيلەش ھەم ماددىي جەھەتتىن يۈكسىلىش ۋە مەنىۋىي جەھەتلەردىنمۇ تەرەققىي قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ئەلۋەتتە. پەننى ۋە كەسپى بىلملەرنى ئىگەللەش ۋە دىنى ئىلىملەرنىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىش كېرەك. چۈنكى ئۆزىنى تەربىيە قىلىپ ئۆزگەرتەلمىگەن، باشقىلارنى تەربىيلەپ ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

قۇرقماڭلار! سىلەرنىڭ ئەبەدى بىر ياشلىقىڭلار، بار، ئەلۋەتتە كېلىدۇ. پارلاق بىر ھايات چەكسىز بىر ئۆمۈر سىلەرنى ساقلاپ تۇرىدۇ. ئۆلۈپ كەتكەن ئەۋلاد ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىڭلار بىلەن كۆرۈشۈپ سۆيىنىپ كېتىسىلەر. قىلغان ھەربىر ياخشىلىقىڭلارمۇ ساقلىنىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر، ئاخىرەت ھەقدۇر،ئاللاھ ھەقتۇر، قۇرئان ھەقتۇر، مەلەئىكەلەر ھەقتۇر،پەيغەمبەرلەر ھەقتۇر،ياخشى ياماننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بولىدىغانلىقى تەقدىر ھەقتۇر…….

تەكبىر سادالارى ياڭرايدۇ….

ئاللاھۇ ھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر . لا ئىلاھە ئىللەللاھ ھۇ ئاللاھ ھۇ ئەكبەر ….ئاللاھۇ ئەكبەر ۋە لىللاھىل ھەمىد. (ئۈچ قېتىم)

بىردىنلا چىراغ يۇرىقى ئەتراپنى قاپلايدۇ، خۇشاللىق كەيپىيات شەكىللىنىدۇ، ئاھ ۋايجان ۋايساشلىرى بىردىنلا ئۇھ ئەلھەمدۇلىللاھ قا، يىغلاشلىرى خۇشاللىققا، ۋاي ئىسىت، ئاپلا دىىيىشلىرى بولسا ماشائاللاھ بارەكەللاھقا ئالمىشىدۇ.

مۇئمىنلەرگە خۇش بىشارەت!

اللەنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ!

وَعَدَ اللّٰهُ الَّذ۪ينَ اٰمَنُوا مِنْكُمْ وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَيَسْتَخْلِفَنَّهُمْ فِى اْلاَرْضِ كَمَا اسْتَخْلَفَ الَّذ۪ينَ مِنْ قَبْلِهِمْۖ وَلَيُمَكِّنَنَّ لَهُمْ د۪ينَهُمُ الَّذِى ارْتَضٰى لَهُمْ وَلَيُبَدِّلَنَّهُمْ مِنْ بَعْدِ خَوْفِهِمْ اَمْنًۜا يَعْبُدُونَن۪ى لاَ يُشْرِكُونَ ب۪ى شَيْئًۜا وَمَنْكَفَرَ بَعْدَ ذٰلِكَ فَاُو۬لٰٓئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ{٥٥}

 «ئەي شانى ئەڭ ئۈستۈن رەسۇل! ئىنسانلارغا خىتابەن دېگىنكى: (اللە سىزلەردىن ئىمان ئېيىتقان) مۇئمىن ھالدا دۇنياغا كەلگەن ۋە مۇئمىن بولۇپ ياشىغان ۋەياكى كۇفىرىنى تەرك قىلىپ ئىسلامىيەتنى راستچىللىق بىلەن قوبۇل قىلغان(ۋە سالىھ ئەمەللەرنى قىلغانلارغا) ئىمانلىرىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ ۋە گۈزەل ھالەتلىرىگە ھۆسۈن قوشۇپ، ياخشى ئىبادەتلەر بىلەن داۋاملاشتۇرغانلارغا(ۋەدە قىلىغان بولۇپ، ئەلۋەتتە ئۇلارنى) ئۇ مۇئمىن سالىھ قۇللىرىنى(يەردە خەلىپىلىككە تەيىن قىلىدۇ) ئۇلارنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قائىم قىلىپ تۇرغۇزۇپ، كۆپ يەرلەرگە ھاكىم قىلدۇرىدۇ. ئۇلار يەر زېمىندا ئىلاھى ئەھكاملارنى ئىجىرا قىلىدۇ ۋە تەتبىقلايدۇ. (ئۇلاردىن بۇرۇنقىلىرىنى خەلىپەلىككە تەيىن قىلغىنىغا ئوخشاش)» ئۇلاردىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەر ئارىسىدا ئاشۇنداق خەلىپىلىك بەرپا قىلىنغان. مەلۇمدۇركى، پىرئەۋىننىڭ ۋە بىر قىسىم زالىم جاببارلارنىڭ ھالاكىتىدىن كېيىن، بەنى ئىسرائىلنىمۇ مىسىرغا ۋە شام تەرەپلەرگە ھاكىم قىلپ، ئۆزلىرىنى ئۇ ھالاك بولغان كىشىلەرنىڭ ئورنىغا خەلىپە قىلغان. ئۇنڭدىن بۇرۇنمۇ نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋىملىرىنىڭ ھالاكىتى بىلەنمۇ ئۇلارنىڭ ئورنىغا باشقىلىرىنى قائىم قىلغان. بىر توپ دىندار بولغان قەۋىملەر، ئۇ دىنسىزلارنىڭ يەرلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۇ زېمىنلاردا ھۆكۈمران بولغاندۇر. (ۋە ئەلبەتتە ئۇلارغا) ئۇ مۇئمىن، سالىھ قۇللارغا(ئۆزلىرى ئۈچۈن) جانابى ھەقنىڭ(رازى بولغان دىنلىرىنى،) يەنى ئىسلام دىنىنى(تەمكىنلەشتۈرىدۇ) ئۇ دىنى مۇبىننى ئۇلارنىڭ قەلىپلىرىدە ۋە ھاياتلىرىدا سابىت قىلىدۇ ۋە قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ مۇبارەك ئەھكاملىرىغا رىئايەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمرى بىل مەئرۇپ(شەرئى ياخشىلىققا بۇيرۇپ) ۋە نەھيى ئەنىل مۇنكەر(شەرئى يامانلىقتىن تۇسۇش) ۋەزىپىسىنى ھەقىقى تۈردە ۋە لايىقىدا ئۇرۇندايدۇ. (ۋە ھەقىقەتەنمۇ ئۇلارنى) ئۇ خالىس مۇئمىنلەرنى دۈشمەنلىرىگە قارشى(قۇرقۇنچلىرىدىن كىين بىر خاتىرجەملىككە ئېرىشتۇرىدۇ.) ئۇ قورقۇنچتىن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلار كامىل خاترجەملىك بىلەن ۋە قەلىپ ھۇزۇرى سۈرۈپ ياشايدۇ. نىتەكىم بۇ ئىلاھى ۋەدە، بىر ئاز مۇددەتتىن كىيىن تەجەللى قىلغاندۇر. (سۇرە نۇر:55)

  رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا شۇنداق بۇيىرىغانىكەن:

” ئەي مۇئاز، ۋاللاھى مەن سېنى بەك ياخشى كۆرىمەن! ۋاللاھى مەن سېنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ساڭا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن:’ ھەر قېتىمقى نامازدىن كېيىن

اللَّهُمَّ أَعِنِّي عَلَى ذِكْرِكَ وَشُكْرِكَ وَحُسْنِ عِبَادَتِكَ

(يا رەببى، سېنى زىكىر قىلىشىمغا، ساڭا شۈكۈر قىلىشىمغا ۋە ياخشى ئىبادەت قىلىشىم ئۈچۈن ماڭا ياردەم قىل) دېيىشىنى تەرك قىلما. “

(سەھىھى جامى، 3/7969)


4.0
Rated 4.0 out of 5
4.0 out of 5 stars (based on 1 review)
5 يۇلتۇز0%
4 يۇلتۇز100%
3 يۇلتۇز0%
2 يۇلتۇز0%
1 يۇلتۇز0%

ماقالىگە يېزىلغان ئىنكاسلار

Rated 4.0 out of 5

ئاللاھ ئىلىمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن

Avatar for ئىمران
ئىمران
Rated 4.0 out of 5

ئاللاھ ئىلىمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن

Avatar for ئىمران
ئىمران

جاۋاب يېزىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button