ئۇيغۇرۇمغا قەلب سۆز

ئاپتورى : نەۋقىران

ئاللاھقا ھەمدە، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇت – سالام يوللاش بىلەن سۆزۈمنى باشلايمەن

تۆۋەندە ئېيتماقچى بولغان بۇ سۆزلىرىم، مۇنداقلا ئېغزىمنىڭ ئۇچىدا قىلىپ قويغان گەپ بولماستىن، ھەقىقى قەلبىمدىن چىقىرىپ ئېيتقان سۆزلەردۇر، ھەربىر ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ بۇ ماقالىنى ئاخىرىغىچە بىر ئوقۇپ چىقىشىنى ۋە بۇ تېمىدا ياخشى تەپەككۇر قىلىپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بېرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن، ئۇيغۇر ياش بالىلىرى توغرىسىدا، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان، ئىچىنى ئېچىندۈرىدىغان ھەرخىل خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ، كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز

ئاشۇ سەبىيلەرنىڭ پاك قەلبلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن زۇلمەت قاراڭغۇلىقلىرىغا تارتىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرۇپتىمىز

ئەلۋەتتە بۇ پاجىئەلەر، بىز ئۇيغۇرلارنى بۇ زېمىندىن پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىشنى نىيەت قىلىپ ۋە ئەمەلىي رىئاللىقتا شۇنىڭغا بارلىق كۈچىنى چىقىرىۋاتقان رەزىل خىتايلارنىڭ سۇيقەستلىرى سەۋەبىدىن بولىۋاتقانلىقى ھەقىقەت بولسىمۇ

يەنە بىر تەرەپتىن شۇلارنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان، شۇلارنىڭ ئاتا – ئانىسى، ئۇرۇق – تۇققانلىرى، يېقىن – يورۇقلىرى ۋە تونۇش – بىلىشلىرىنىڭمۇ شۇ ئىشلارغا ئازراق بولسىمۇ سەۋەپكار بولۇپ قىلىۋاتقانلىقىغا كۆز يۇمالمايمىز ئەلۋەتتە

چۈنكى ئىنساننى زىيادە كەڭرى قويۇپ بېرىش ياكى زىيادە چىڭ سىقىۋېلىپ باشقۇرۇش ئۇنى خاتا يولغا كېتىپ قېلىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ

ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ئەمەلىي رىئاللىققا قارايدىغان بولساق، بۇنىڭدىن 9 – 10 يىللار ئىلگىركى ياشلىرىمىز بىلەن ھازىرقى جەمىيتىمىزدىكى ياشلىرىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاجايىپ چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر بولۇپ كەتتى

ئۇنداقتا بۇ رىئاللىققا قارىتا نىمىش قىلىشىمىز كېرەك؟

ئۇلارنى بۇرۇنقىدەك بىر – ئىككى قېتىم نەسىھەت قىلىپلا، گېپىمىزنى ئاڭلىمىسا يەنە ئۆز ئىختىيارلىققا تاشلىۋېتەمدۇق؟ ياكى خۇددى پەيغەمبىرىمىز كەبى، توختىماستىن ھەقىقەتكە چاقىرامدۇق؟

بۇ ھەقتە ھەقىقەتەن ياخشى ئويلىنىپ بېقىشىمىز ناھايتى زۈرۈر بولۇپ قالدى

ھەممىمىز ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، شۇ ئەۋلادلار، مەيلى بىزنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرىمىزنىڭ بالىلىرى بولسۇن ياكى ئۇنداق بولمىسۇن، يەنىلا بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئەۋلادلىرى، شۇ ۋەتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىزباسارلىرى بولغاچقا، ئۇلار ھەربىر ئۆزىنى «مەن ئۇيغۇر» دىگۈچىلەرگە ۋەتەندە قالغان شۇ مەزلۇم ئاتا – ئانىلار تەرەپتىن ئامانەت ئىدى

ئۇنداقتا قېنى ئويلاپ باقايلى؟، ئاشۇ زالالەت يولىغا كىرىپ كېتىۋاتقان بالىلار ئۈچۈن دىللىرىمىز تىترەپ باقتىمۇ؟

يۇقارقى جاۋاپقا تىتىرمىدى، دەيدىغان بولساق، بۇ بىزنىڭ ۋىجدانىمىزنىڭ تۆۋەنلىكىدىن، ۋەتەن دەپ توۋلىغان نىدايىمىزنىڭ ئاجىزلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ

ناۋادا تىتىردى دەيدىغان بولساق، ئۇنداقتا شۇ ياشلارنىڭ قوللىرىدىن تۇتۇپ ھەقىقەت يوللىرىغا تارتىشىمىز كېرەك بولىدۇ

شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، شۇ ياشلار ۋەتەندىن ناھايتى بۈيۈك ئارزۇ – ئارمانلار بىلەن يولغا سېلىنغان ئىدى، شۇلاردىن زور ئۈمۈتلەرنى كۈتۈپ تۈمەنلىگەن كۆزلەردە ياشلار قېلىپ قالغان ئىدى، ۋەھالەنكى ئۇشبۇ كۈنلەردە شۇ، ياشلىرىمىز ئۆزى بىلىپ – بىلمەي ھالاكەت يوللىرىغا كىرىپ كېتىۋاتماقتا

لېكىن بىز شۇلارنى شۇ يوللاردىن توسىمايدىكەنمىز، پات يېقىندا ھەممىمىز ئۆز بارماقلىرىمىزنى چىشلەپ قېلىشتىن باشقا يول قالمايدۇ

شۇنىسى رىئاللىقكى ئاشۇ ياشلىرىمىز زالالەت باسقان ۋەتەن ئاسمانلىرىدا نۇر بولۇپ پارلاپ، باغلىرىدا گۈل بولۇپ ئېچىلىپ، ۋەتەن ئىچىدە بۇزغۇنلۇق يوللىغا ئېلىپ مېڭىلىۋاتقان شۇ سەبىيلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى ھەقىقەت يول باشچىلىرى بولۇشى كېرەك ئېدى. لېكىن ئۇلارنىڭ شۇ خاتا قەدەملەردە مېڭىپ قېلىشى بىلەن، ئەجەبا قوللىرىدىكى شۇ شۆھرەتلىك كەلگۈسى قولىدىن چىقىپ كېتەرمۇ؟

ئەگەردە، يۇقارقى ئېچىنىشلىق پاجىئەنىڭ يۈز بېرىپ قالماسلىقىنى خالايدىغانلىقىمىزدا راستچىللاردىن بولساق، ھەممىمىز بىردەك ئۇلارنى توغرا يولغا يىتەكلەشكە تىرىشايلى. ھەممىمىز ئۆز – ئارا قول تۇتۇشۇپ، ھىممەت بېلىمىزنى مەھكەم باغلىغان ھالدا، ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭ يوقاپ كېتىۋاتقان ۋىجدان نوتىلىرىنى پەرۋىش قىلىپ ياخشى يول تامان يىتەكلەيلى

ھەممىمىز ئۇشبۇ يولدا ھىممەت كەمىرىمىزنى مەھكەم باغلايلىيكى، روھىيتىمىزنى خورىتىۋاتقان ئاقماس خىياللارنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھەقىقەت تامان دادىل قەدەملىرىمىز بىلەن ئالغا باسايلى

ئاخىرىدا ئەنە شۇ، زالالەت يوللىرىغا بىلىپ – بىلمەي كىرىپ كېتىۋاتقان ياشلىرىمىزغا قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىن چىققان يۈرەك سۆزلىرىمنى ئېيتىش بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن

ئەي جىنىم دوستۇم، ھەقىقەتتىن تايمىغىن

ئۆز مىللىتىڭگە ۋاپادار يىگىتتىن بولغىن

ئەقلىڭنى ئىشلەت، ياخشى ئويلان، ئۆزۈڭنىڭ يىگىتلىك بۇرچۇڭنى ئادا قىلغىن

«خاتاغا كىرىپ بولدۇم، ئەمدى توغرىغا قايتىيالمايمەن ياكى قايتساممۇ ئۇلار مېنى قارشى ئالمايدۇ» دىگەندەك خاتا پىكىرلەردە بولمىغىن

ئىرادەڭ ھەرگىز سۇنمىسۇن، سېنى يوقتىن بار قىلغان ئاللاھدىن دائىم ياخشىلىق تىلە، ئۇ زات بەكمۇ مېھرىباندۇر، ئۇنى ئۆزۈڭغا غامگۇزار قىلغىن

ئەنە شۇنداق قىلساڭ ئىككىلى دۇنيادا ئىززەت تاپالايسەن

ئۇلۇغ ئاللاھ بىزگە ھىدايەتنى بەرگەندىنكىن كېيىن، نەفسىڭ زالالەتكە باشلىسا ھەرگىز ئۇنىڭغا قۇل بولما، ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشقىن ۋە ئۇنى يېڭىپ چىققىن، چۈنكى نەفىس دېگەن بۇ نەرسە ئىنساننى ھەرگىز ياخشى يولغا باشلىمايدۇ

شۇنى ئۇنۇتمىغىنكى پات ئارىدا رەببىمىز بىزلەرگە قازى بولىدۇ، ھەممىمىز بۇدۇنيادا قىلغان ئىش – ئىزلىرىمىز ھەققىدە ھىساپ بېرىمىز

قېنى ئويلاپ باققىن، شۇ كۈندە كىملەر نىجات تېپىپ، كىملەر زىيان تارتىدۇ؟

ئەنە شۇ خىياللارنى قىلغان ھالدا تىرىشقىن، شۇ كۈندىكى نىجاتلىقتىن قۇرۇق قالما

ئۇنۇتمىغىن! ، مەيلى شەيتان بولسۇن ياكى ئىنسان بولسۇن، سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ ساڭا قىلتاق قۇرۇشتىن ھېچقاچان بوشاپ قالمايدۇ

ئۇلارنىڭ قىلتاقلىرىغا چۈشسەڭ، سېنىڭ پاك قەلبىڭنى بۇلغايدۇ، سېنىڭ ئۈچۈن دىنىڭنى سەت كۆرسىتىشكە، مىللىتىڭنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا تىرىشىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بېشىڭنى سىلكىۋەت

شۇنچە ئازغۇنلۇقلاردىن كېيىن قەيەرگە بارىمەن؟ دەۋاتامسەن؟

قېنى كەل!، ياخشى كىشىلەر باغرى ساڭا دائىم ئوچۇق، ئۇلارنىڭ شۇ كەڭ باغرى سەن ئۈچۈن ناھايتى ئىللىق ماكاندۇر

شۇلارنىڭ قولىنى چىڭ تۇتقىن

ھەقىقەت ئارغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلغىن

كىمىكى ھەقىقەت ئارغامچىسىغا چىڭ ئېسىلىدىكەن، ئەنە كىشى ھەقىقى نىجات تاپقان ۋە غەلبە قىلغان كىشى بولالايدۇ

ئەي دوستۇم، مېنى قۇرۇق سۆز قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىمىغىنكى، بۇ سۆزلىرىم چىن قەلبىمدىن چىققان سۆزلەردۇر

يەنە قايتا ئېيتاي، خاتادا يۈرگەن كىشى ئىككىلى دۇنيادا ھەرگىز نىجاتلىققا ئېرشەلمەيدۇ. ئەمما رەببىمىزنىڭ ۋەدىسى شۇكى — توغرا يولدا ماڭغان كىشىنىڭ ئاخىرەتلىك نەتىجىسى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتتۇر، ئەنە شۇ ئىنسانغا ھەقىقى غەلبىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتنىڭ باغچىلىرىدىن گۈل ئۈزۈش شەرىپىدىن مەھرۇم قالمىغىن

ساڭا بەخت – ۋە ئامەت تىلەيمەن، ئەي ئەزىز دوستۇم

ئاخىرىدا يەنە قايتا ئېيتاي، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى سەن ۋە سەن كەبىي ياشلىرىمىزنىڭ قولىدا، ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ھەممىمىزنىڭ باش تارتالماس مەجبۇرېيىتىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن توغرا يولغا قايتىپ كەل

سېنى ھەردائىم قارشى ئالىمىز

قېنى كەلگىن ھەممىمىز بىرلىكتە ئېزىلگەن مەزلۇم ئۈممەتنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرۈش يولىدا دادىل قەدەملەرنى باسايلى

ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنىڭ مەدەتكارىمىز ۋە نىجاتكارىمىزدۇر

ۋەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھ

2023 – 6 – 3


4.7
Rated 4.7 out of 5
4.7 out of 5 stars (based on 7 reviews)
5 يۇلتۇز86%
4 يۇلتۇز0%
3 يۇلتۇز14%
2 يۇلتۇز0%
1 يۇلتۇز0%

ماقالىگە يېزىلغان ئىنكاسلار

Rated 5.0 out of 5

بەك ياخشى يىزىپسىز 👍👍

Avatar for Afra
Afra
Rated 5.0 out of 5

ماشائاللاھ

Avatar for ئامىنە
ئامىنە
Rated 5.0 out of 5

ھازىرقى ئاز سانلىق ياشلىرىمىزنىڭ رىياللىقىنى يازىپسىز بۇ زەھەر خەندىلىكتە ئۇيغۇر تىللىق خىتتاي غالچىلىرىنىڭ قۇلى بار

Avatar for ئابلىكىم ئابلىز
ئابلىكىم ئابلىز
Rated 5.0 out of 5

جەمىيئەتنىڭ ئەڭ توغرا ۋە مۇھىم تەقەززاسى بۇ ماقالىدە ئورنىنىى تىپپىتۇ.

Avatar for ھەبىبە قاراخان
ھەبىبە قاراخان
Rated 5.0 out of 5

ئاللاھ رازى بولسۇن. ئاللاھ كۆپ كىشىلەرنى مەنپەئەتلەنگىنى نىسىپ قىلسۇن.

Avatar for سابات
سابات
Rated 3.0 out of 5

ياخشى يىزپسىز ..ھارمىغايسىز

Avatar for سۈمەييە
سۈمەييە
Rated 5.0 out of 5

ئاللاھ رازى بولسۇن، بۇ ھازىرقى ۋەزىيەتتە ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولىۋاتقان مەسىلە، شۇڭا ھەممىمىز تەڭ كۈچ چىقىرىپ، ياشلىرىمىزغا ئىگە چىقايلى

Avatar for سالىم
سالىم

جاۋاب يېزىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button