ئاچكۆزلۈكنىڭ ئاقىۋىتىى
مۇستافا مەخمۇت
بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا بىر ئاچكۆز تاشپاقا بولغان ئىكەن ،ئۇ ھەر كۈنى تاغدىن ئالتۇن ئىزدەيدىغان بولۇپ ئۇنىڭ ناھايىنى كۆپ ئالتۇنلىرى بار ئىكەن ،بىراق ئۇ يەنىلا بۇنىڭغا قانائەت قىلمايدىكەن ، بىر كۈنى بۇ تاشپاقا ئۆزى داۋاملىق ئالتۇن ئىزدەيدىغان تاغدىن باشقا بىر تاغقا بارماقچى بولۇپتۇ
ئۇ بارماقچى بولغان تاغنىڭ ئىسمى بولسا ”قويۇن“ ئىكەن ، ئۇ تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ پالتىسىنى ئېلىپ يولىغا راۋان بوپتۇ – دە ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرسىگە قاراپ يۈرۈپتۇ ، مېڭىپتۇ – مېڭىپتۇ ماڭغانسىرى ئۆزىنى يولدىن ئېزىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بوپتۇ، شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئالدىغا قاراپ مېڭىۋېرىپتۇ ، يولدا ئۇنىڭغا بىر ئاغمىخان ئۇچراپ قاپتۇ ۋە ئاچكۆز تاشپاقا دەرھال ئاغمىخاندىن: ”قويۇن ”دىگەن تاغنى بىلەمسەن؟ ئۇ تاغ قەيەردە ؟دەپ سوراپتۇ.ئاغمىخان : قارىغاندا .. ئۇ تاغدا ئالتۇن ئىزدەيدىغان ئوخشىمامسەن؟ ئۇ تاغ شىمالى قۇتۇپتا دەپتۇ.
تاشپاقا ئاغمىخانغا رەھمەت ئېيتىپ يولىغا راۋان بوپتۇ . ئاغمىخان بولسا نىيتىنى ”بۇزۇپ تاشپاقىغا ئەگىشىپ باقايچۇ ”دەپ ئويلاپ دەرھال پالتىسىنى ئېلىپ تاشپاقىغا سەزدۈرمەي ئەگىشىپ مېڭىپتۇ ،ئۇلار مېڭىپتۇ – مېڭىپتۇ ،كېچە -كۈندۈز توختىماي يول يۈرۈپتۇ
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئاخىرى شىمالىي قۇتۇپقا يېتىپ كەپتۇ ،شىمالى قۇتۇپنىڭ سوغاقلىقىدىن ئاغمىخان توڭلاپ دىر- دىر تىترەشكە باشلاپتۇ. لىكىن تاشپاقا سوغاققا پەرۋامۇ قىلماي يولىغا مېڭىۋېرىپتۇ .يولدا تاشپاقىغا بىر قۇتۇپ ئېيىقى ئۇچراپ قاپتۇ .تاشپاقا ئېيىقتىن: «قۇيۇن دىگەن تاغنى بىلەمسەن؟ دەپ سوراپتۇ»ئېيىق بولسا :ھە ،بىلىمەن ئۇ تاغ ئاۋۇ ياقتا دەپ بېشىنى ئىشارەت قىلىپ كۆرسىتىپ قۇيۇپتۇ . تاشپاقا ئېيىققا رەھمەت ئېيتىپتۇ، ۋە ئىچىدە ناھايىتى خوش بوپكىتىپتۇ -دە ئاخىر يىتىپ كىلەي دىدىم دەپتۇ . ئېيىق بولسا ”بۇ تاشپاقا، ئۇ تاغدا نىمىش قىلىدىغاندۇ ؟“دەپ ھەيران بوپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ يولىغا راۋان بوپتۇ ،ئاغمىخان بولسا تاشپاقىغا ئەگىشىپ مېڭىۋېرىپتۇ
ئاچكۆز تاشپاقا بىلەن ئاغمىخان شۇنداق قىلىپ ”قويۇن ”دىگەن تاغقا يىتىپ كەپتۇ،ئەسلىدە ئۇ تاغنىڭ ئىچىدە يوغان بىر ئەجدەرھا بار ئىكەن ،ئۇ ئەجدەرھانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئادەم ئىسكىلىتقا ئايلىنىپ قالىدىكەن ئاچكۆز تاشپاقا بىلەن ئاغمىخان تاغنىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ ، ئۇلار مېڭىپتۇ – مېڭىپتۇ ۋە بىر خورەك ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ ، بۇ ئاۋازدىن ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى شۈركۈنۈپ تىترەشكە باشلاپتۇ .تۇيۇقسىز تاشپاقا ئارقىسىدىن بىر ئاياق ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ – دە ،دەرھال ئارقىغا قارىسا كەينىدە ئاغمىخان تۇرغۇدەك تاشپانىڭ قاتتىق ئاچچىقى كىلىپ :«ھەي ئاغمىخان، سەن بۇ يەرگە نىمىگە كەلدىڭ؟ » دەپ سوراپتۇ .ئاغمىخان خىجىل بولۇپ :«مەن سىنى ئالتۇن ئىزدىگىلى ماڭدىمىكىن ،دەپ سەن بىلەن بىللە ئالتۇن تاپقىلى كەلدىم » دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.ئاچكۆز تاشپاقا ئۇھسىرغان ھالدا :«بوپتۇ ،ئەمدى كەپبوپسە، ئىككىمىز بىللە ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە كىرەيلى »دەپتۇ، ئاغمىخانمۇ بۇ گەپكە قوشۇلۇپتۇ ، ئۇلار ئۆڭكۈرگە كىرىپتۇ ، كىرىپتۇ ۋە ئالدىغا ناھايىتى چوڭ بىر ئالتۇن ئۇچراپتۇ ،ئىككەيلەن بولسا بۇ ئالتۇننى تالىشىپ قاپتۇ ،ئاچكۆز تاشپاقا: (بۇمېنىڭ دىسە) ئاغمىخان:( بۇ مېنىڭ) دەپ تازا ئۇرشۇپتۇ، دەل بۇ ۋاقىتتا ئەجدەرھا ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇپتۇ ۋە ئىككىسىنى قوغلاشقا باشلاپتۇ، تاشپاقا بىلەن ئاغمىخان پۈتۈن كۈچى بىلەن قېچىشقا باشلاپتۇ بىراق ئەجدەرھا بوسا ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئۇلارنى قوغلاپ تۇتىۋاپتۇ ۋە ھاپپىدە قىلىپ ئاغزىغا بىر سېلىپلا ئىككەيلەننى يۈتىۋېتىپتۇ ، شۇنداق قىلىپ تاشپاقا بىلەن ئاغمىخان ئاچكۆزلۈكى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىپتۇ
ماقالىگە يېزىلغان ئىنكاسلار
ماشائاللاھ ،بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ،تېخىمۇ تىرىشىڭ
بەك ياخشى يېزىپسىز تېخىمۇ تىرىشىڭ
ماشائاللاھ يارايسەن. مۇستافا شۇنداق مەنىلىك بىر ھېكايە بوپتۇ . مەن ئابدۇللا بىلەن ئابدۇراھمانغىمۇ ئوقۇپ بەرگەنتىم شۇنداق ياخشى كۆرۇپ ئاڭلىدى. تېخىمۇ كۆپ مەزمۇندا توختاپ قالماي ئىلگىرىلەپ يېزىشىڭنى ساقلايمىز.
مۇقەددەس شەھەر مەدينە مۇنەۋۋەردە ئۆسۈپ يىتىلگەن بۇ كىچىك يازغۇچى يىگىتنىڭ يازغان ئەسىرىنى ئوقۇپ، شۇنداق ھاياجانلاندىم، دىمەك ئاچكۆزلۈك ، قانائەتسىزلىك دىگەن بۇ يامان ئىللەت ئىنسانىيەتكىلام ئەمەس ، بەلكى ھايۋاناتلارغىمۇ ياراشمايدىغان يىرگىنىشلىك ، قەبىھلىك ھىساپلىندىكەن.
بۇ ئوماق ئوغلىمىز ھايۋاناتلار ئوبرازى ئارقىلىق بىزگە ياخشى بىر ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپتۇ. ئاففىرىن سىزگە پەخىرلىك ئوغلىمىز مۇستافا . سىلەردەك پەخىرلىك ئوغلانلارغا كۆپ ئىھتىياجىمىز بار.
بەك ياخشى يىزلىپتۇ ، تىخىمۇ تىرشىڭ، كۆپلىگەن گۈزەل ھىكايىلەرنى داۋاملىق يىزىڭ..
ماشائاللاھ مەزمۇنى چوڭقۇر يىزپسىز
ماشائاللاھ بەك ياخشى يېزىپسىز
ماشائاللاھ مۇستاپا ئوغلۇم بەك ياخشى يېزىپسىز ئاللاھ زېنىڭىزنى تېخىمۇ ئۆتكۈر قىسسۇن
بارىكاللا
تېخىمۇ تىرىشىڭ
ئېسىل 👍
ماشائاللاھ ياخشى يېزىپسىز
ئاچكۆزلۈكتىن ئىبارەت يامان ئىللەتنى قىزىقئارلىق بىر ھېكايە بىلەن تەسۋرىرلەپ بېرىپتۇ … يارايسىز
يارايسىز ، مۇستاپا .
تېخىمۇ تىرىشىڭ
بارىكاللاھ
بەك قىزىقارلىق ھەم مەزمۇنلۇق يېزىپسىز
ماشاء الله تبارك الله
تېخىمۇ تىرىشىڭ، يارايسىز
قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن
گۈزەل
ماشاء الله ، بارك الله فيك
Dawamliik tirixing
ئېسىل
Yahxi yezipsiz
ماشائاللاھ،
ياخشىكەن
ئۆزگىچە تەپەككۇر بىلەن يېزىلىپتۇ ، ماشائاللاھ
ياخشى يېزىلىپتۇ
ياخشى مەنىلىك يېزىلىپتۇ….ئاللاھ زېھنىڭىزنى تېخىمۇ ئۇچۇق قىلسۇن….ئۇتۇقلار تىلەيمەن….تېخىمۇ تىرىشىڭ
ماشا ئاللاھ بەك ياخشى يېزىپسىز
ماشائاللاھ مۇستافا بەك ياخشى يېزىپسىز شاكىرە بىلەن ئۇقۇپ بەك خوشال بولدۇق داۋامىنى كۈتىمىز ، ئاللاھ زېھنىڭىزنى ئۇچۇق قىلسۇن
ماشائاللاھ مۇستافا بەك ياخشى يېزىپسىز
داۋامىنىمۇ كۈتىمىز
ئاللاھ زېھنىڭىزنى تېخىمۇ ئۇچۇق قىلسۇن !
ماشا ئاللاھ بەك ياخشى يېزىلىپتۇ
ماشائاللاھ مۇستافا، بەك ياخشى يېزىپسىز، تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن . ئابدۇللاھنىڭ ئاپىسىدىن