خاسىيەتلىك ناخشا
ھېكايە گۈلبوستان مۇئەللىم
كــۈن نــۇرى دېــرىــزىــدىــن قــىيپاش چــۈشــۈپ تــۇراتــتى، گــۈلــسۈم ئــوتــقاشــتەك گــىلەم ئــۈســتىدە دۈم يــېتىپ ، قــارا مــۈشــۈكــى بىلەن ئويناۋاتاتتى . بۇ چاغدا ئاپىسى سۈت چېلىكىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى . گۈلسۈم ئاپىسىغا قاراپ :
– ئاپا ، قورسىقىم ئېچىپ كەتتى،- دېدى.
– نان يەپ تۇرغىن بالام ،- دېدى ئاپىسى .
– نان يېگۈم كەلمەيدىكەن .
– ناننى قايماققا تەگكۈزۈپ يېسەڭ، يېگۈڭ كېلىدۇ .
– قايماق سېغىز تېتىيدىكەن .
– ئەمىسە بال بىلەن يېگىن.
– بال ئەمەن پۇرايدىكەن . گۈلسۈم گىلەم ئۈستىدە دومىلاپ خاپا سالغىلى تۇردى .
– ئـوھـۇي ، ئـاپـاق پـاقـلىنىم قـايـماق يـېسەڭ سـېغىز تـېتىسا، بـال يـېسەڭ ئـەمـەن پـۇرىـسا،بـۇ چـاتـاق بـوپـتۇ ،يـۈر ئـەمـىسە ،- دېدى ئاپىسى سۈت سۈزۈۋېتىپ .
– نەگە بارىمىز ؟ – كۆكتاتلىققا . – تەرخەمەك پىشمىغان تۇرسا . – سامساقنىڭ قىرىغا چامغۇر تېرىپ قويايلى . – ناننى چامغۇر بىلەن يەمدىمەن ؟ – شورپىنىڭ گۆشىدىكى چامغۇرنى ياخشى كۆرەتتىڭغۇ ؟
گۈلسۈم خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى : – ئەمدى ياخشى بولدى !
ئــــۇلار كــــۆكــــتاتــــلىققا يــــېتىپ كــــەلــــدى، قــــىز ئــــەمــــدىــــلا تــــۆت قــــۇلاق بــــولــــغان تــــەرخــــەمــــەكــــلەر تــــۈۋىــــدە ئــــۆمــــۈلــــىشىپ يــــۈرگــــەن خانقىزلارنى كۆرۈپ ھاياجانلانغانلىقتىن :
-ئاپا،خانقىز،خانقىزلار، ناھايىتى كۆپ خانقىزلار …. – ئاۋايلا ،مايسىلارنى دەسسىۋەتمەي خانقىزلار بىلەن ئويناپ تۇرغىن .
ئـــاپـــىسى كـــەتـــمەن بـــىلەن ســـامـــساقـــنىڭ قـــىرىـــنى بـــوشـــىتىشقا بـــاشـــلىدى. قـــىز چـــۆنـــەكـــتە يـــۈكـــۈنـــۈپ ئـــولـــتۇرۇپ قـــوشـــاق ئېيتىشقا باشلىدى :
خانقىز ، خاننىڭ قىزى ،
بىر چىنە كېپەك بېرەي ،
ئۇچۇپ بېرىڭ .
بىر چىنە ھەلەپ بېرەي ئۇچۇپ بېرىڭ ….
قـــىزنـــىڭ قـــوشـــىقىدىـــن خـــانـــقىزلار كـــىچىك قـــانـــاتـــلىرىـــنى كـــېرىـــپ نـــۇر چـــاقـــنىتىشقا بـــاشـــلىدى . ئـــارىـــدىـــن بـــىرى ئـــۇچـــۇپ كېتىشىگە ئاپىسى قىزىنى چاقىرىپ :
– كــەل قــىزىــم ، ئــەمــدى چــامــغۇر تــېرىــشنى بــاشــلايــمىز ، ئــوبــدان كــۆرۈۋال ،-دېــدى -دە، يــانــچۇقــىدىــن بــىر تــۈگــۈشــنى ئـالـدى ، تـۈگـۈشـتە چـامـغۇر ئـۇرۇقـى بـار ئـىدى . ئـاپـىسى ئـۇرۇقـنى قـاچـىغا سـالـدى ۋە ئـېرىـقتىن ، بـىر سـىقىم قـۇمـنى ئــېلىپ ئــۇرۇقــقا ئــارىــلاشــتۇردى . ئــوتــىغۇچــنى قــىرىــغا ســانــجىپ بــىر چــىمدىــم ئــۇرۇقــنى ســالــغانــدىــن كــېيىن تــوپــا بــىلەن
كۆمۈپ ، ئاندىن ئوتىغۇچنىڭ كەينى بىلەن »پاققىدە «ئۇرۇپ قويدى . گۈلسۈم ئاپىسىنىڭ ئىشىغا زەن قويۇپ قاراپ تۇراتتى ،ئاپسى :
– قىزىم ئۇرۇقنى مانا مۇشۇنداق سالىسەن، مەن كۆمىمەن،- دېدى .
گـۈلـسۈم كـىچىك قـولـلىرى بـىلەن قـاچـىدىـكى ئـۇرۇقـنى بـىر چـىمدىـم ، بـىر چـىمدىـم ئـېلىپ ئـوتـىغۇچـنىڭ ئـاسـتىغا سـېلىشقا بــــاشــــلىدى . مــــانــــا قــــاچــــىدىــــكى ، ئــــۇرۇق تــــۈگــــەپ قــــالــــدى گــــۈلــــسۈمــــنىڭ قــــورســــىقى كــــورۇلــــداپ ئــــېچىپ كــــەتــــتى .» ئــــۆي يـىراقـتا ،- ئـويـلايـتتى ئـۇ ،- قـايـماق يـىغىدىـغان ، ئـاپـقۇر تـەكـچىدە ، ھـەسـەل قـاچـىسى ئـۈسـتەل ئـۈسـتىدە قـالـدى . ھـازىـر
ئازراق نان بولسىچۇ كاشكى ….«
– قــىزىــم، مــاڭــە، بــۇلاقــتىن ســۇ ئــەكــەل ، قــولــۇڭــنى ھــەم قــاچــىنى پــاكــىز يــۇيــۇۋېــتىشنى ئــۇنــۇتــما،- دېــدى ئــاپــىسى ، قــىز مــۈدۈرۈپ يــۈرۈپ بــىر قــاچــا ســۇ ئــېلىپ كــەلــدى . ئــاپــىسى ئــالــدىــغا يــاغــلىقنى يــېيىپ، ئــىككى تــوقــاچــنى ئــوشــتۇپ ئــۇنــى كـــۈتـــۈپ ئـــولـــتۇراتـــتى ، نـــانـــنى كـــۆرۈپ گـــۈلـــسۈمـــنىڭ كـــۆزلـــىرى چـــاقـــناپ كـــەتـــتى . ئـــانـــا بـــالا ئـــىككەيـــلەن نـــانـــنى ســـۇغـــا تـەگـكۈزۈپ يـېيىشكە بـاشـلىدى . قـىزغـا نـان بـەك تـاتـلىق تـېتىدى ، ئـۇ بـۇنـىڭغا ھـەيـران بـولـۇپ تـۇرغـانـدا قـەيـەردىـندۇ داپ
بىلەن قوشۇلۇپ ناخشا ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى … بېدە تاپساڭ ئاتقا بەر ،
سامان يېسۇن كالىلار . چېكىسىدىن تەر تۆكۈپ ، ئىشلەپ يېسۇن بالىلار ، چىشلەپ يېسۇن بالىلار . …
– ئاپا ، ناخشا ئېيتىۋاتقان كىم ؟
– چېچەك بوۋاي .
– چېچەك بوۋاي دەپمۇ بوۋاي بارمۇ ؟
– ئەلۋەتتە بار .
– كىمنىڭ بوۋىسى ؟
– ئۇ مېنىڭ ھەم سېنىڭ .
– يــالــغان ئــېيتىۋاتــىسەن ئــاپــا، ئــۇ ســېنىڭ داداڭ ، مــېنىڭ بــوۋام ،بــوۋامــنىڭ قــولــى ئــاغــرىــق، ســاقــايــغانــدا ئــانــدىــن داپ چالىدۇ .
– تـوغـرا دېـدىـڭ ئـەقـىللىقىم ، سـاقـايـغانـدا چـالـىدۇ ، مـاڭـا قـارا بـالام، سـەن قىشـتا قـار يـاغـقان بـىر ئـەتـىگىنى كـۆزۈڭـنى ئـۇۋۇلاپ ، ھـويـلىدىـكى قـار بـېسىپ كـەتـكەن بـىر تـۈپ تـوغـاچـنى كـۆرسـىتىپ ،» ئـاپـا ، قـارىـغىنە بـۇ تـوغـاچ ، قـار بـوۋايـغا ئوخشايدىكەن. ئەنە ئاۋۇ قولى، ئاۋۇ ساقىلى« دەپ سەكرەپ كەتكىنىڭ يادىڭدىمۇ؟
– ھەئە ، يادىمدا . – يەنە ئاۋۇ ئۆرۈككە قارا ، چېچەك بوۋايغا ئوخشامدىكەن ؟
ئـانـچە يـىراق بـولمـىغان جـايـدا تـېخى چـېچەكـلەشـكە ئـۈلـگۈرمـىگەن ئـالمـا كـۆچـەتـلىرى ئـارىـسىدا بـىر تـۈپ ئـۆرۈك كـۆچـىتى ئاپئاق چېچەككە پۈركىنىپ، سالقىن شامالدا ئاستا يەلپۈنۈپ تۇراتتى .
– توغرا ، ئوخشايدىكەن ،بەك ئوخشايدىكەن ….
ئــۇلار كــەتــمەن ئــوتــىغۇچــلارنــى كــۆتــۈرۈپ ئــۆيــگە قــايتىشــتى يــولــنىڭ ئــىككى قــىرغــىقىدىــكى ئــېرىــق بــويــلىرىــدا يــاپــيېشىل چــــىملار كــــۈن نــــۇرىــــدا مــــەخــــمەلــــدەك يــــالــــتىرايــــتتى،ئــــېگىز ئــــۆســــكەن تــــېرەكــــلەر ئــــۇچــــىدىــــن كــــاكــــكۇك ئــــاۋازى كــــېلىشكە باشلىدى .
-كاككۇك
ماقالىگە يېزىلغان ئىنكاسلار
ھازىرچە ھېچقانداق ئىنكاس يوق. بىرىنچى بولۇپ ئىنكاس يېزىڭ.