توشقانچاقنىڭ ھېكايىسى
1-توشقانچاقنىڭ تۇغۇلىشى
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، بىر توشقانچاق تۇغۇلۇپتۇ. بىر كۈنى، ئاپىسى بالىسىغا تاماق ئەكەلگىلى كېتىپتۇ. توشقانچاق ئاپىسىنىڭ تاماق ئەكىلىشنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ، بىردەم ئۆتمەيلا ئاپىسى قايتىپ كېلىپ بالىسىغا مېھرىبانلىق بىلەن سەۋزە بېرىپتۇ، توشقانچاق سەۋزىنى يەپ شېرىن ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. ئاپسىى مەنمۇ ئۇخلاي دەپ ئويلاپتۇ ، ئەمما ئاخىرىدا ئۇيقۇدىن ۋاز كېچىپ ئەڭ ياخشىسى بىر چېدىر ياساي دەپ، چېدىر ياساپتۇ.. «ئۇف! ئاخىرى ياساپ بولدۇم!» دەپتۇ توشقان ئاپا.
ئەتىسى توشقان ئاپا ئويغىنىپ ئۆزى ياسىغان چېدىرنىڭ يېنىدا يەنە بىر چىرايلىق چېدىرنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ ۋە «ۋاھ! يەنە بىر چېدىر تۇردىغۇ؟ بۇنى كىم ياسىغاندۇ؟» دەپتۇ.
— مەن ، چېدىرنىڭ ئىچىگە كىرگۈڭىز بارمۇ؟— دەپتۇ ئاقكۆڭۈل چېدىر ئىگىسى.
— بولىدۇ، ئۇنداقتا چېدىرنىڭ ئىچىگە بىللە كىرەيلى،— دەپتۇ توشقانچاقنىڭ ئاپىسى.
بۇ ئاق كۆڭۈل چېدىرنىڭ ئىگىسىنىڭ ئىسىمى ئايزىن ئىكەن، يەنە بىر توشقاننىڭ ئىسمى لىز ئىكەن.
ئىككى ئانا توشقان بۇ يەردە بالىلىرىنى بىللە چوڭ قىپتۇ، سەھەردە بالىلىرىنىڭ قورسىقى ئېچىپ ئويغانسا، ئۆزلىرى يىغقان سەۋزىنى بېرىدىكەن، توشقان بالىلىرى قورساقلىرىنى تويغۇزۇپ بىللە خۇشال – خۇرام ئوينايدىكەن. ئىككى ئانا بىللە چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىدىكەن. بىر كۈنى چاي ئىچىپ پاراڭلىشىۋاتقاندا، ئايزىن «مېنىڭ بالام چايغا بەك ئامراق» دەپتۇ. لىز ئايزىنىڭ بالىسىغا چاي بېرىپتۇ. لىز «مېنىڭ بالام كەمپۈتكە بەك ئامراق» دەپتۇ. ئايزىن يانچۇقىدىن بىر كەمپۈتنى چىقىرىپ، لىزغا بېرىپتۇ.
2-توشقانچاقنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرى
ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۈچ ئاي تۆت كۈنلۈك بولغان كۈنى، لىز ئورنىدىن تۇرۇپ «ئاپلا! مېنىڭ قىزىم قېنى؟!» دەپتۇ. ئايزىن بىلەن لىز بىرلىكتە توشقانچاقنى ئىزدەپتۇ، ئەمما تاپالماپتۇ. ئەسلىدە، لىزنىڭ بالىسى بالدۇرلا قوپۇپ كېتىپ، ئېرىقتىكى ساندۇقنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەنىكەن، توشقانچاق ساندۇقنىڭ ئىچىدە بىردەمدە ئۇخلاپ قاپتۇ. ئۇ بىر ئۇخلىغىنىچە نەچچە كۈننى ئۆتكۈزۈپتۇ. ساندۇق ئىچىدە ئويغىنىپ زېرىكىپ تۇرغاندا، بىر دولقۇن ساندۇقنى ئۆرۈۋېتىپتۇ. توشقانچاق جان تالىشىپ قانداق قىلىشنى بىلمەيلا قاپتۇ. تەلىيىگە يارىشا، ساندۇقنىڭ كەينىدە بىر باغلاقلىق يىپ بار ئىكەن. توشقانچاق شۇ يىپنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ قىرغاققا چىقىۋاپتۇ. ئۇنىڭ قورسىقى بەك ئېچىپ كەتكەنىكەن. سەۋزە يېمەكچى بوپتۇ، ئەمما بۇ ئورمانلىقتا پەقەت ئوت – چۆپلەر بار ئىكەن. توشقان ئامالىسىز مۇشۇلار بىلەن قورسىقىنى تويغۇزۇپتۇ. ئاندىن ئورمان ئىچىدە ئاپىسىنى ئىزدەپ مېڭىشقا باشلاپتۇ. مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر ئىسكىلىت ئادەم ئۇچراپ قاپتۇ. توشقانچاق قاچماقچى بوپتۇ، ئەمما ئىسكلىت ئادەم بىر سەكرەپلا توشقانچاقنى تۇتۇۋاپتۇ.
ئسكىلىت ئادەم توشقان بالىىسىنى قانلار ۋە ئۆلۈك ئادەملەر بىلەن تولغان تۈرمىگە ئەكىرىپ سولاپ قويۇپتۇ ۋە «ئىسمىڭ بارمۇ – يوق؟» دەپ سوراپتۇ. «يوق!» دەپتۇ توشقانچاق. ئىسكلىت «ئۇنداقتا مەن ساڭا ئىسىم قويۇپ قوياي، سېنىڭ ئىسمىڭ بۆجۈ بولسۇن!» دەپتۇ. توشقانچاق بۆجۈنىڭ نېمە ئىكەنلكىنى بىلمەيدىكەن، شۇڭا ئۇدۇللا «ماقۇل» دەپتۇ. ئسىكىلىت «ئەمدى ئۇخلايلى! مەن ماۋۇ يوتقاننى ساڭا بېرەي، ئاندىن كارىۋىتىمدا ئۇخلاي» دەپتۇ. توشقانچاقنىڭ كاللىسىغا بىر ئەقىل كەپتۇ – دە، قانلارنى بىر قۇتىغا قاچىلاپ قورسىقىغا تۆكۈپتۇ ۋە «قۇتقۇزۇڭلار!! بىرى مېنى چىشىلىۋالدى!» دەپتۇ. ئىسكىلىت يۈگۈرۈپ كېلىپ «مەن سېنى ھازىر يەيمۇ ياكى دوختۇرخانغا ئاپىرايمۇ؟» دەپتۇ. بۇ ۋاقىتتا توشقانچاق ئۆلۈپ قالغاندەك بولۇپ يېتىۋاپتۇ. ئىسكىلىت ئۇنىڭغا قاراپ «بۆجۈ! بۆجۈ!» دەپ ۋاقىراپتۇ. ئىسكىلىت ئادەم ئەمدى بۇ توشقان ئۆلۈپ قاپتۇ، دەپ ئويلاپ، توشقاننى قازانغا سېلىپ يەۋەتمەكچى بولۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن توشقانچاقنى قازانغا سېلىپ قازانغا سۇ قۇيۇپ، ئوت يېقىپ ئاشخانىسىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. توشقانچاق ئسكىلىت ئادەم چىقىپ كەتكەن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ قازاندىن چىقىپ، ئاشخانىنىڭ ئشىكىنى ئاستا ئېچىپ سىرتقا قېچىپ كېتىپتۇ. ئۇ يۈگۈرەپ قېچىپتۇ، قېچىپتۇ، ئەمما يەنىلا بىر توزاققا چۈشۈپ قاپتۇ. بۇ چاغدا توشقانچاق ئەمدى ئاپامنى ھەرگىز تاپالمايدىغان بولدۇم، دەپ ئۈمىدسىزلىنىپتۇ – دە، توزاق ئېچىدە ئۇخلاپ قاپتۇ. بۇ توزاق ئەسلىدە ئادەملەر ھايۋانلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ياسالغانىكەن. بۇ ۋاقىتتا بىر ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنپتۇ، ئەسلىدە كەلگىنى دەل بۇ توزاقنىڭ ئىگىسى ئىكەن. بۇ ئادەم توشقانچاقنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولۇپتۇ ۋە «مەن بۇ توشقانچاقنى چوڭ قىلىپ ئاندىن پىشۇرۇپ يەي» دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، توشقانچاقنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئەكەپتۇ. ئەتىسى توشقانچاق ئويغىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. بۇ چاغدا، ئۇ ئادەم تام سىرلاۋاتقانىكەن. توشقانچاق بۇ ئادەمنىڭ ئۆيىدىن بىر پارچە رەخت ۋە قەلەمنى ئىزدەپ تېپىپتۇ ھەم رەختنىڭ ئۈستىگە ئۇخلىغان توشقانچاقنى سىزىپ، ئىچىگە پاختا سېلىپ ئاستا ھويلىىدىن قېچىپ كېتىپتۇ. توشقانچاق ئۆزى ئولتۇرغان ساندۇقنى ئىزدىمەكچى بولۇپ، مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ ۋە كۆل بويىدا ئاخىرى ساندۇقنى تېپىپتۇ.
3-توشقانچاقنىڭ ئاپىسى بىلەن كۆرۈشىشى
توشقانچاق ساندۇقنى كۆرۈپ بەك خۇشال بوپتۇ – دە، دەرەخنىڭ بىر تال شېخىنى سۇندۇرۇپ ساندۇقنىڭ پالىقى قىلىۋاپتۇ. توشقانچاق شۇ ئاققىنىچە ئېقىپتۇ، ئېقىپتۇ، ئاخىرى قورسقى بەك ئېچىپ كېتىپ بىر قىرغاققا توختاپ، دەرھال ئوت – چۆپتىن چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئازراق يەپ، يەنە سەپىرىنى داۋام قىپتۇ. توشقانچاق شۇ ئاققىنىچە نەچچە كۈن ئېقىپتۇ، ئاخىرى توشقانچاقنىڭ قورسىقى ئېچىپ، بېشى قېيىپ، تىنىقى ئازلا قاپتۇ. بۇ چاغدا، توشقانچاق يېنىدا قالغان ئاخىرقى ئوت – چۆپلەرنى يەپ، قورسىقىغا نەچچىنى ئۇرۇپ قويۇپ يولىنى داۋام قىپتۇ. ئۇ بىر چىتلاققا كېلىپ شۇ يەردە ئۇخلاپ قاپتۇ. ئۇيقۇسىدىن ئويغانغاندا، ئالدىدا ھېلقى ئاق كۆڭۈل چېدىر ئىگىسى ئايزىننىڭ بالىسىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ ھەيران قالغىنىدىن «ئە… سىز…» دەپ، گېپىنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمەي قاپتۇ. ئۇ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستىنىڭ ئۆزىگە كۈلۈمسىرەپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ «بۇ چۈشۈممۇ؟» دەپ ئويلاپتۇ. بۇ ۋاقىتتا، دوستى «قورقماڭ دوستۇم، مەن سىزنى ئاپىڭىزنىڭ يېنىغا ئاپىرىمەن» دەپتۇ. توشقانچاق ئورنىدىن دەس تۇرۇپ «ئاھ! دوستۇم، قېنى ماڭايلى!» دەپتۇ.
ئۇلار بىللە سەكرەپ، تاقلاپ مېڭىپتۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ماڭار يولىنى بىر دەريا توسۇپ قويۇپتۇ. دەريادا ئۇلار بىر تىمساھنى كۆرۈپتۇ. ئايزىننىڭ بالىسى ئالدىراپ – تېنەپ «تىمساھ ئاكا، خاپا بولماي بىزنى يەنە بىر قىرغاققا ئاپىرىپ قويغان بولسىڭىز» دەپتۇ. تىمساھ «بولىدۇ، لېكىن بىر شەرتىم بار. سىلەر ماڭا ئاۋۇ دەرەختىكى قۇشنى ئېلىپ بېرىسلەر» دەپتۇ.
بۇ ۋاقىتتا توشقانچاق «ئامالىم بار!» دېگىنىچە يۈگۈرەپ كېتىپ قاپتۇ. بىردەمدىن كېيىن، ئۇ ھېلقى پالاق قىلغان ياغاچنى ئەكەپتۇ ۋە دەرەخكە تىكلەپ يامىشىپ، ئاستا – ئاستا قۇشقا يېقىنىلىشىپ، قۇشنى كاپلا قىلىپ قۇيرۇقىدىن تۇتۇۋاپ تىمساھقا بېرىپتۇ. تىمساھ ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىپ، قۇشنى مەززە قىلىپ يېيىشكە باشلاپتۇ ۋە ئىككى توشقانچاقنى بىردەمدىلا قىرغاقنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئەكىلىپ قويۇپتۇ. بۇ يەردە سەۋزىلەر سېۋەتلەپ بار ئىكەنيۇ، ئەمما توشقانچاقنىڭ ئاپىسى يوق ئىكەن. قورسىقى ئاچقان ئايزىننىڭ بالىسى بىردەمدىلا سەۋىزىدىن نەچچىنى يەپ بوپتۇ. ئەمما، توشقانچاق ئارانلا بىرنى يەپتۇ.
بىردەمدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئاپىسى كەپتۇ. توشقان ئانا بالىسىنى كۆرۈپ بەك خۇشال بوپتۇ. توشقانچاقمۇ يۈگۈرەپ بېرىپ ئاپىسىغا ئېسىلىپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئۆزىنىڭ دولقۇنغا ئۇچراپ، ئىسكىلىت ئادەمگە تۇتۇلۇپ، يەنە تېخى توزاققا چۈشۈپ قالغانلىقى توغرىسىدا پاراڭ ساپتۇ. توشقانلار ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ھەيران بولغان ھالدا ئاڭلاپتۇ. شۇ ئىشتىن كېيىن، ئۇلار بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. توشقانچاق يەتتە ياشقا كىرگەندىن باشلاپ ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئەقىل – پاراسىتىگە قايىل بوپتۇ. ئۇ ھازىرمۇ ئەقىل ئىشلىتىپ كۆپ نەرسىلەرنى ئىجاد قىپتۇ.
دوستلار، سىلەرچە توشقانچاق ئەقىللىقمىكەن؟ ئۇ شۇنداق خەتەرلەرگە يولۇققان بولسىمۇ، يەنىلا ئاپىسىنى ئىزدەپ تاپتى. سىلەرمۇ توشقانچاققا ئوخشاش باتۇر بولۇڭلار – ھە!
سەئۇدى ئەرەبىستان مەدىنە مۇنەۋۋەر شەھىرى،
فاتىمە مەخمۇت، سەككىز ياش .
ماقالىگە يېزىلغان ئىنكاسلار
بەك ئوماق، بەك قىزىقئارلىق يىزىپىسىز بەك ياقتۇردۇم فاتىمە ….. داۋاملىق تىرىشىڭ ….
بەك ياخشى يىزىپسىز فاتىمە، قەلىمىزگە قۇۋۋەت تىلەيمەن، تىخىمۇ كۆپ گۈزەل ھىكايىلەرنى يىزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
يارايسىز قىزىم، بەك ياخشى يىزىپىسز ، داۋاملىق تىرىشىڭ
ماشائاللاھ ئاللاھ زىھنىڭىزنى تېخىمۇ ئۇچۇق قىلسۇن قىزىم
ھازىرقى ۋەزىيەتتە ۋەتەندىكى بۇ ياشتىكى بالىلارنىڭمۇ بۇنچىلىك ماقالە يازالىشى بەسى مۈشكۈل. چەتئەلدە ساۋادىنى چىقىرىپ، بۇ سەۋىيە ۋە ھەجىمدە ھېكايە يازغان فاتىمە قىزىمىزغا ئاپىرىن. ماشائاللاھ، قەلىمىڭىز توختاپ قىلمىغاي ئوماق قىز
ماشائاللاھ ئۇماق قىزىم فاتىمە دوستلىرى ئۇچۇن مەنىلىك ئەھىمىيەتكە ئىگە بولغان بىر ھېكايە يىزىپتۇ ئاپىرىن قىزىم ، ئاللاھ زىھنىڭىزنى تېخمۇ ئۇچۇق قىلسۇن·❤️❤️❤️🌹🌹
ماشاء الله ئؤماق فا تىمه 👍👍👍 به كمؤ ياخشى يىزىبسىز مباره ك بؤسؤن
ماقالىنى ئوقىۋېتىپ كىچىك ۋاقىتلاردا كۆرىدىغان ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى دېگەن قونچاق فىلىمى ئېسىمگە كەلدى. گۈزەل بىر تۇيغۇغا قايتا چۆكتۈردى.
ماقالە تىلىنىڭ شۇنچىلىك تەبىئلىكى، بۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىدىن ھالقىغان بولىشى كىشىنىڭ مەستىلىكىنى كەلتۈرىدۇ.
تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە نېسىپ قىلسۇن.
ماشائاللاھ 👍🌹🌹🌹 ئاللاھ زىھنىڭىزنى تېخىمۇ ئوچۇق قىلسۇن
ماشائاللاھ بەك ياخشى يىزىپسىز 👍🌹🌹🌹 ئاللاھ زىھنىڭىزنى تېخىمۇ ئوچۇق قىلسۇن
يات ئەللەردە يات تىل مۇھىتىدا ئۆسۈپ يىتىلگەن ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن قىزىمىزنىڭ قەلىمىگە ئاپىرىن! مەيلى ۋەقەلىك بولسۇن ۋە ياكى تىل جەھەتتىكى ئىپادىلەش بولسۇن يېشىدىن ھالقىغان بىر قابىلىيەتنى كۆردۈم! ئاللاھ زېھنىنى دائىم ئوچۇق قىلسۇن
فاتىمە تەسەۋۋۇر قىلىشقا بەك يامانكەن، ھەر بىر ۋەقەلىك شۇنداق مول تەسەۋۋۇر بىلەن تەسۋىرلىنىپتۇ. بىر توشقانچاقنىڭ ھىكايىسى بىلەن بالىلارغا قورقماس بولۇشنى ۋە ھەرقانداق خەتەردىمۇ ئەقىل پاراسىتىنى ئىشلىتىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بولۇدىغانلىقىنى كۆرسۈتۈپ بېرىپتۇ. بارىكاللاھ! تېخىمۇ كۆپ ھىكايىلىرىڭىزنى ساقلايمىز! سىزنى مۇشۇنداق ئەقىللىق تەربىيلىگەن ئاتا- ئانىڭىزغىمۇ بارىكاللاھ !
ماشائاللاھ…سەككىز ياشلىق بۇ ئوماقنىڭ يازغان ھېكايىسى بەكمۇ ياخشى چىقىپتۇ.
ماشائاللاھ 👍👍👍ئۇماق فاتىمە سىزگە ئاپىرىن 💐💐💐💐تەسەۋۋۇر كۈچىڭىزگە ھەقىقەتەن قايىل بولماي تۇرالمىدىم . سىز بەك قالتىسكەنسىز👍👍👍
يۇمران مايسىلار ئۆسۈپ بۈك -باراقسان دەرەخكە ئايلىنىشى ئۈچۈن مەدەتكە ، ئۈمىدكە مۇھتاج ….
سىز دەل بىزنىڭ مەدىتىمىزگە مۇھتاج ..
يارايسىز . تېىخمۇ گۈزەل ئەسەرلەرنى يىزىشقا اللە نىسىپ قىلسۇن ، ئاميىن ئامىين ئاميىن .. كۆز تەگىمسۇن
ماشائاللاھ ئوماق فاتىمە ،بەك ياخشى يېزىپسىز، تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىڭىزنى ساقلايمىز .
ماشائاللاھ پاتىمە بەك ياخشى يېزىپسىز ، ئاللاھ زېھنىڭىزنى ئۇچۇق قىلسۇن تاتلىق قىزىم
ماشائاللاھ پاتىمە بەك ياخشى يېزىسىز ئاللاھ زېھنىڭىزنى تېخىمۇ ئوچۇق قىلسۇن
ماشائاللاھ بەك ياخشى يىزپتۇ ،تىلى راۋان ،تەسسەۋۇرغا مول بوپتۇ 👍👍👍
ماشائاللاھ ، ماش ئاخىرى ماسلاشقان ، گىراماتىكىلىق قائىدىلەرگە ئۇيغۇن ، كۇچلۇك تەسەۋۋۇر كۇچكە ئىگە فانتازىيىلىق بىر كىچىك ھىكايە بولۇپتۇ …توشقانچاقنىڭ خاراكتىرى ئېنىق گەۋدىلىك يارىتىلىپتۇ . ۋە بىزگە روشەن بىر مەركىزى ئىدىيە گەۋدىلەندۇرىلىپتۇ ،، 8 ياشلىق ئوماق فاتىمەنىڭ بۇ قەدەر تەسەۋۋۇر كۇچكە ئىگە ماقالە يىزىشى مېنى بەك قايىل قىلدى ، ماشائاللاھ قىزىمغا …
ماشائاللاھ فاتىمە قىزىم بەك ياخشى يېزىپسىز داۋامىنىمۇ كۈتىمىز ئاللاھ زېھنىڭىزنى تېخىمۇ ئۇچۇق قىلسۇن !
ھېكايە مەزمۇنى مول تەسەۋۋۇرغا باي ، تىلى راۋان ،ياخشى يېزىلىپتۇ .
تەسەۋۋۇرغا باي ، ئىجابىي دۇنيا قارىشىنى تەكىتلىگەن.
ماشائاللاھ قىزىم زېھنىڭىزنى ئوچۇق بوسۇن بۇندىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق ھېكايىلەرنى يېزىپ تۇرۇڭ
ماشائاللاھ ،ئاللاھ زىھنىڭىزنى ئوچۇق قىلسۇن
ۋەتەندە پۈتۈن ئانا تىلدا ئوقۇغان نۇرغۇن چوڭلىرىمىزمۇ بۇنداق ماقالە يازالمايدۇ. پەقەتلا ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە مۇشۇ دەرىجىگە كەلگەن فاتىمە بىزگە ئائىلە مائارىپىنىڭ ناھايىتىمىز مۇھىم ۋە نەتىجىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
بۇ ھېكايۈ قىسىملىق ئىكەن. بالىلار رەسىملىك كىتابى قىلىپ ئىشلىتىپ قويىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ماشائاللاھ
ياخشى يېزىلىپتۇ ، ئاللاھ زېھنىڭىزنى تېخىمۇ ئۆتكۈر قىلسۇن.
ماشائاللاھ، سەككىز ياشلىق قىز ئۆزى يازدى دېسە ئىشىنەلمىگۈدەكلا يېزىۋېتىپتۇ. ئاللاھ زېھنىنى تېخىمۇ ئوچۇق قىلسۇن، قەلەملىرى تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن. كۆز تەگمىسۇن.
ماشائاللاھ…. ئاللاھ زىھنىڭىزنى تېخىمۇ ئوچۇق قىلسۇن
مۇھاجىرەتتىكى بالىلىرىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزدا بۇنداق ياخشى ماقالىلەرنى يېزىشىدىن بىز كۆپ ئۈمىدكە تولىمىز. تىرىشچانلىقى ئۈچۈن ئاپىرىن ئېيتىمەن.
ماشائاللاھ ،كىچىڭ ۋاقتىمدا ئوقۇيدىغان تارىم غۇنچىلىرىدىكى چۆچەكلەردەكلا تۇيغۇ بەردى .ئەدەبىي ۋاستىلەرنىڭ نەخ ئورنىغا ئىشلىتەلىشى ،تەسەۋۋۇرىنى ئەركىن ئىپادىلىيەلىشى ۋەتەن سىرتىدا چوڭ بولغان بىر قىزىمىزغا ۋە بۇنىڭغا يىتەكچىلىك قىلغان ئاتا ئانىسى /مۇئەللىملىرىگە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمىدىم .
ماشائاللاھ، 8ياشلىق قىزنىڭ ۋەقەلىكى ئۇزۇن ،تىلى راۋان بۇنداق ھېكايىنى پۈتكۈزۈپ چىقىشى قولاي ئەمەس ،تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ،تەربىېيلىگەن ئاتا ئانىسىنىڭ ھەم ئەجرى زىيادە بولغاي!
مەن بۇ ماقالىگە تولۇق بەش نۇمۇر بەردىم.
چۈنكى ، يازغۇچى ئەمدىلا 8 ياش.
بۇ يىشى بىلەن ۋەقەلىكتىكى بايانلارنى ، باشلىنش ، كولمىناتسيە ۋە ئاخىرلىشش نوقتىلىرىنى شۇنداق جانلىق يورۇتۇپ بىرەلەپتۇكى.
مەنمۇ ھەيران قالدىم.
فاتىمە قىزىمىز يارايسىز.
بۇنىڭدىن كىيىنكى ماقالە ۋە ئەسەرلىرىڭىزگە تىخىمۇ ياخشى ئۇتۇقلار يار بولسۇن.
ماشائاللاھ ئۇماق قىزىمىز فاتىمە نىمە دىگەن ئەقىللىق، ئاللاھ زېھنىڭىزنى تېخىمۇ ئېچىۋەتسۇن، ئىككىلى دۇنيادا مەنپەئەتلىك ئىلىم ھاسىل قىلغىلى نېسىپ قىلسۇن،
بەك گۈزەل ھىكايە بۇپتۇ، يېشىدىن خېلىلا ئۈستۈن سەۋىيەدە يېزىلىپتۇ.
ماشائاللاھ ئوماق فاتىمە قىزىمىزنىڭ بۇ ھىكايىسى بەكلا ياخشى يىزىلىپتۇ. ھىكايىنىڭ تىلى ئوماق ، ھەم جانلىق ، تىخىمۇ تېرىشىڭ قىزىم.
مەن ئالدىدا بۇ ئوماق قىزىمىزغا باھا يازغان باردىمۇ بىلمىدىم ئەمما يەنە بىر قىتىم بۇ قىزنى تەربىلىگەن ئانىسى ئۈچۈن يازغۇم كەلدى . مۇساپىرچىلىقتا ئانا بولۇش ئاسان ئەمەس ،ئەمما ئانا بولۇپ تۇرۇپ بىر بالىنى بۇ يىشىدا بۇ سەۋىيەدە يىتىشتۈرۈش تىخىمۇ ئاسان ئەمەس ، ئانا بالا ئىككىسىگە ماشاللاھ ،ئاللاھ نىيەت مەقسەتلىرىگە يەتكۈزسۇن،شۇ ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ئىزباسارلىرى بالىلارنى ئاتا ئانىسىغا ۋاپادار قىپ بەرسۇن . داۋاملىق تىرىشىڭلار ، ئىشەنچتە ئۈمىد بار .
ئانا تىلدىن يىراق ۋەتەندىن ئايرىلغان مۇھىتتا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بىر قىزنىڭ بۇنچە بىر ماقالىنى سۇنالىشى ھەقىقەتەن ئىژتاھات تەلەپ قىلدىغان ۋە ئەجىرقىلغىنىنىڭ ئىپادىسىدۇر . ھەقىقەتەن مۇنداق تىرىشچان باللارمىللەتنىڭ نەسلىمىزنىڭ كۆۋرۈكى ،بۇنىڭدەك ئوماقلارنى تەقدىرلەش ،ئىلھام بىرىش كىرەك .
Ma sha Allah bak yahxi yizeptu
Mazmunni bak yahxi kudum
Allah elmini tehemu zeyada kip basun
ماقالىنىڭ تىلى راۋان، چۈشىنىشلىك يېزىلىپتۇ. تەسۋىرلەر بەك جانلىق قوللىنىپتۇ. بىر كارتۇن فىلىم كۆرۈپ چىققاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم. توشقانچاقنىڭ ھەر بىر سەرگۈزەشتىسى كۆز ئالدىمدا جانلاندى. بەزى يەرلىرىدە دەپ جىددىيلىشىپ كەتكەن يېرىممۇ بولدى.
ھەقىقەتەن تەسەۋۋرۇغا باي ئىكەن بۇ قىزىمىز. ئىجادىي بىر ئەسەر بوپتۇ.
ما شا ئاللاھ…ئاللاھ زېھنىڭىزنى تېخىمۇ ئۇچۇق قىلىپ بەرسۇن ئۇماق فاتىمە قىزىم…
توشقانچاقنىڭ ھېكايىسىنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ يېزىپ چىقىپسىز …ئوقۇپ بەك ياخشى كۆردۈم…ئاللاھ چوڭ ئۇتۇقلارنى بەرسۇن ….داۋاملىق تىرىشىڭ….
ماشائاللاھ ،مۇھاجىرەتتە تۇغۇلۇپ ، ئانا تىلدا ، بۇنداق گۈزەل بىر ئەسەرنى يىزىپ چىققىنىڭىزىدىن تىل بىلەن تەسۋىلىگۈسىز ئۈمۈد ئۇچقۇنلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم ، ئىنشائاللاھ ، مىڭلىغان ئۇيغۇر باللىرى سىزدىن ئىلھام ئالغۇسى ئەقىللىق قىزىم ، ئۇقۇش ھاياتىدا ھەممىنى ھاڭ تاڭ قالدۇرغىدەك گۈزەل نەتىجىلەر بىلەن ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئۇقىغان ئاپىڭىزنىڭ سىزدەك ئەقىللىق قىزنى تەربىيلەپ چىققىنىغا يەنە بىر تۇرۇپ ھەيران قالمىدىم ، ئىنشائاللاھ ، بىر كۈنى نەشىر قىلغان كىتاپلىرىڭىزنى ئۇقۇشىمىز نىسىپ بولغاي زېرەك فاتىمە !
ماشائاللاھ ،
يېشىغا ماس كەلمىگەن ھالدا ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەدە يېزىلغان ماقالە بۇلۇپتۇ، ئاللاھ زېھنىڭىزنى تېخىمۇئوچۇق قىلىپ بەرسۇن
ماشائاللا بەك مەزمۇنلۇق، ھەم تەسەۋۋۇرغا بار بىر ھېكايە بوپتۇ، 8 ياشلىق قىزنىڭ يازغىنىغنىغا ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەكلام زادى، ئەقلىگە بارىكاللا. ئاللا تېخىمۇ زېھىنى ئوچۇق قىلسۇن 🩷
ھەجىمى چوڭ ، ۋەقەلىك خىلىلا مۇرەككەپ، ئىجادىيلىقى كۈچلۈك بوپتۇ .
ماشائاللاھ، 12 يىل ئۇيغۇر مەكتەپتە ئوقۇغان مەنمۇ بۇنچىلىك ھىكايە يازالمايمەن. ئاپىرىن سىزگە فاتىمە قىزىم. سىزگە ئەجىر قىلغان ئانىڭىز ھەم ئانا تىل ئۇستازلىرىڭىزغا ھەم ئاپىرىن.
بەك تەسەۋۋۇر كۈچى بايكەن ئوماق قىزنىڭ
ماشاءالله بەك ياخشى ماقالە بوپتۇ ئاپىرىن سىزگە
ماشا ئاللاھ ،, يېشىغا نىسپەتەن بەكلا ياخشى يېزىپتۇ ، تەسەۋۋۇر كۈچىگە بايكەن .
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، تەسەۋۋۇر كۈچىگە تويۇنغان، كىشىنى شۇ ۋەقەنىڭ ئۆزىگە باشلاپ كىرىپ، ھەر خىل قىيىنچىلىق ۋە خىلمۇخىل توسالغۇلارنى باشتىن كەچۈرسىمۇ، شۇ توسالغۇلارغا قىلچە باش ئەگمەستىن ئۆز مەقسەت ۋە نىشانى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىدىغان بىر روھنىڭ كۈچىنى ھەقىقىي تۈردە نامايەن قىلىپ بېرىپتۇ😍🎈🌹