مېنى بىر قېتىم قىزىم دەپ چاقىرغىن
سۇلغان ياپراق
ئەي ئانا، مېنى بىر قېتىم قىزىم دەپ چاقىرغىن، ئانا دەپ باغرىڭغا ئۆزۈمنى ئاتاي !!!!سېنىڭ ھىدىڭنى قانغۇچە ھىدلاي . سەن چاچلىرىمنى سىلىغىن ، مېنى چىن مېھرىڭ بىلەن باغرىڭغا باسقىن. جېنىم ئانا 25يىللىق بۇ سېغىنىشقا ئەمدى بەرداشلىق بېرەلىگۈدەك كۈچ قالمىدى . ھەر قېتىم شۇ ئانا دېگەن سۆزنى ئاڭلىسام كۆزلىرىمدىن چاناقلىرىدىن ئىسسىق ياشلار قۇيۇلىدۇ . گەر 3بالىنىڭ ئانىسى بولساممۇ لېكىن سېنىڭ ئۈچۈن مەن بىر بالا ئىدىم
مېنى بىر قېتىم قىزىم دەپ چاقىرغىن ئانا . بۇ ھايات مەن ئۈچۈن گۈلىستانغا ئايلانسۇن، زىمىستان قىش باھارغا . مېنى بىر قېتىم قىزىم دەپ چاقىرغىن ئانا . شۇ قەلبىدىكى ھەسرەتكە خاتىمە بېرەي . سېنىڭ يولۇڭنى كۈتكەن شۇ ئاجىز كۆزلىرىم ئارام تاپقۇسى . سېنىڭ يوللىرىڭغا قاراپ ھاردىم . سېنى كۈتۈپ بالىلىقتىن ياشلىققا ،ياشلىقتىن ئانىلىققا قەدەم قويدۇم. لېكىن سېنى ھېچ تاپالمىدىم . جېنىم ئانا شۇ بوۋاق تاشلاپ كەتكەن شۇ قىزىڭ 25يىل سېنىڭ يوللىرىڭغا قارىدى. سېنى شۇ ناتونۇش يوللاردىن ناتونۇش ئىنسانلار ئارىسىدىن سېنىڭ سىيمايىڭنى ئىزدىدى. لېكىن ئەپسۇس بۇ ئايرىلىش ئۇزۇن ئايرىلىش بولۇشنى ئۇ نەرسىدە قىزىڭ ئەسلا بىلمەي سېنى كۈتتى كۈتتى چوڭ بولدى ئانا بولدى. لېكىن ئۇ سېنىڭ بىر قېتىم قىزىم دەپ چاقىرىشىڭغا ، بىر قېتىم قىزىم دەپ سۆيۈشۈڭگە ،ئىللىق باغرىڭغا موھتاج چوڭ بولدى، ئانا بولدى. توغرا ئۇ ئانا بولدى. لېكىن ئۆمرىدە ئانىنىڭ قانداقلىقىنى ھېس قىلىپ باقمىغان بۇ قىز بىر ئاجىز ياخشى ئانا بولالمىدى . ئۇ قانداقمۇ ئانا بولسۇن ؟ ئانا مېھرىنى بىلمىگەن بۇ مېھىرسىز قىز قانداقمۇ بىر لاياقەتلىك ئانا بولسۇن؟
جېنىم ئانا جاھاننىڭ نەرىدە بول ، سېنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ چەت بىر تاغلىرىدا بىر قىزنىڭ سېنىڭ قىزىم دەپ بىر قېتىم چاقىرىشىڭغا زار…مەيلى سەن نەدىلا بۇ ساڭا تولىمۇ يىراق بىر يەردە بىر ئانا مېھرىگە تەشنا بىر قىزىڭ سىنى ئەسلەپ سىنى ياد ئىتىدىغىننى ھەرگىز ئۇنتۇما!!!!
جىنىم ئانا قىزىڭنىڭ پەقەت ۋە پەقەت بىرلا ئارزۇسى سېنىڭ بىر قېتىم قىزىم دەپ چاقىرىشىڭ
ماقالىگە يېزىلغان ئىنكاسلار
ھەقىقەتەن بەك ياخشى يېزىلىپتۇ….ماشائاللاھ
بەك گۈزەل يېزىپسىز ماشائاللاھ😘😘😘😘😘
تەسىرلىك يېزىلىپتۇ
ياخشى
بەك ياخشى يېزىپسىز شۇنداق تەسىرلىك
ماشائاللاھ بەك ياخشى يېزىلىپتۇ
چىن ھىسيات تىن يىزىلىپتۇ
تەسىرلىك يېزىلىپتۇ
بەك ياخشى بوپتۇ
ياخشى
ماشا ئاللاھ. ناھايىتى تەسىرلىك ياخشى. يېزىپسىز
ماقالە ناھايىتى ياخشى ۋە تەسىرلىك بوپتۇ
ابدۇۋەلى
ماقالە ناھايىتى ياخشى ۋە تەسىرلىك بوپتۇ
ابدۇۋەلى
ياخشى يېزىلىپتۇ
ماشائاللاھ ياخشى يىزىپ سىز
Çok güzel yazmışsın 👍👍👍♥
Çok güzel yazmışsın canım.
Ağladım resmen
ماشا ئاللاھ. يېزىپسىز…ئاللاھ. بەرىكەت بەسۇن
Esil
bak yahxi buptu
ماشائاللا بەك ياخشى يىزىپسىز
قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن
ياخشى بوپتۇ
ماشائاللا بەك ياخشى يىزىپسىز
بەك ياخشى بوپتۇ
بەك ياخشى بوپتۇ
بەك تەسىرلىك يېزىپسىز. 🥺
بۇ نەسرىي ئەسەر ياخشى يېزىلىپتۇ بىر قىزنىڭ ئانىدىن كۈتكەن ئۈمۈدى نى ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشالمىغان ھېسياتى ياخشى يۇرۇتۇلۇپتۇ.
ئەمما بىر ئىككى ئورۇندا سۆزلەر باغلاشمىغان پەش چىكىت ئورنىدا بولمىغان يەر باركەن شۇڭا بىر يۇلتۇز كەم بەردىم
ماشا ئاللا بەك ياخشى ماقالە يىزىپسىز بەك تەسىرلەندىم
🌹🌹🌹🌹
ياخشى يېزىپسىز 🥰
ماشائاللاھ ياخشى يىزىپسىز
ماشائاللاھ بەك ياىشى يېزىپسىز
بەك ياخشى چىقىپتۇ
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ. رەببىم ئانىڭىز بىلەن جەم قىلسۇن
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ
ماشائاللا ياخشى يېزىپسىز