پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قاناتلىرىنى قىرقمايلى!

(ئابدۇللاھ ئارمان)

بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۇ مىللەتنىڭ ياش ئەۋلادلىرىنىڭ قولىدا…

مىللەتنىڭ گۈللىنىشى مائارىپتا، مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرالمىغان مىللەت زاۋاللىققا مەھكۇم…

ئەجەبا بىز ھەر ئولتۇرغان سورۇنلىرىمىزدا ئۇلۇغ شوئار سۈپىتىدە دېيىشىۋاتقان، ئالىملار ۋەز-تەبلىغلىرىدە سۆزلەۋاتقان، زىيالىيلار قەلەم تەۋرىتىۋاتقان ھەر ئەسەرلىرىدە تىلغا ئېلىۋاتقان بۇ سۆزلەرنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمەيۋاتامدۇق؟

ياكى ئىشەنسەكمۇ كاللىمىزغا سىڭىپ كەتكەن بەزى خاتا قاراشلاردىن قۇتۇلالمايۋاتامدۇق؟ ۋەياكى بەزى قېرىنداشلاردا ۋەتىنىمىزدىكى خىتتاي مائارىپدا پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيىلەشتىن قورقۇشتىن ئىبارەت پسىخىك ھالەتنىڭ پەيدا قىلغان سەلبىي تەسىرىمۇ؟

توغرىلىقى ھەققىدە ھىچ شۈبھە بولمىغان بۇ مەسىلىگە قانچىلىك سەل قاراۋاتقانلىقىمىز كۆپىنچىمىزگە مەخپى بولمىسا كېرەك.

3…4 يىل ئاۋال ئابدۇرېھىم دۆلەتنىڭ ھەر قېتىم لېكسىيە سۆزلىگەن ۋاقىتلىرىدا بالىلارنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ھىچ ئۇنۇتماستىن ئالاھىدە تەكىتلەپ كەتكىنىنى كۆرگىنىمدە كۆڭلۈمدە: مۇئەللىمگە ۋەتەندىكى بەزى قېرىنداشلارنىڭ بالىلىرىنى مەكتەپكە بەرمىگەن ئەھۋاللىرى بەك تەسىر قىلىپ كەتكەن بولسا كېرەك ھازىرغىچە ئۇنتۇپ قالماي يەنە شۇنداق ئىشلارنى چەتئەلدە يۈز بىرىدىغاندەك ئويلاپ قالىدىغان ئوخشايدۇ، بولمىسا بۇ چەتئەلدە بالىسىنى مەكتەپتە ئوقۇتمايدىغان ئادەم نېمىش قىلىدۇ؟ ھەتتا شۇنچە كۆپ ئادەم ئالاھىدە بالىلىرىمنى چەتئەلدە ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇتىمەن دەپلا ئانا يۇرتىدىن ئايرىلسا دەپ … ئويلاپ كېتەتتىم.

ئەمما ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تېخىمۇ يېقىندىن سىڭىپ كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندىن كىيىن ئۆزۈم شاھىد بولغان، كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمدا بولسا ئەھۋال دوكتور ئابدۇرېھىم دۆلەتنىڭ تىلغا ئالغىنىدىنمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىدى.

ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا كۇرۇسلاردا ئوقۇتقۇچىلىقنى باشلىغىنىمدا قىسقىغىنە 2…3 يىل ئىچىدە ھەرخىل ئاتا-ئانىلار بىلەن ئۇچراشتىم، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئۆزى كۈتكەندەك تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن بارلىقىنى پەرزەنتلىرىگە ئاتىغان بولسا، بەزىلىرى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەنلا پەرزەنت تەربىيەلىمەكچى بولىشاتتى، يەنە بەزىلىرى ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى بالىسىغا مەجبۇرىي تېڭىپ بالىسى ئۆزى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا زورلايتتى. بۇ ئاتا- ئانىلار ھەر ھالدا مائارىپنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەنگەن ۋە پەرزەنتلىرىنى ياخشى مائارىپ سىستېمىسىدا تەربىيەلەش ئۈچۈن جان كۆيدۈرەتتى.

بىر مەزگىلدىن كىيىن كىچىك بالىلارنىڭ ئوقۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر تۈرنى ھازىرلاش خىزمىتىگە ياردەملىشىش جەريانىدا يەنە بىر تۈركۈم ئاتا-ئانىلار بىلەن پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. بۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا تۇتقان يولى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلاتتى.

بۇلارنىڭ بىر قىسمى پەرزەنتلىرىنى ھىچ مەكتەپتە ۋەياكى مەدرىسلەردىمۇ ئوقۇتمايتتى. سەۋەبى چىقىمى كۆپ بوپ كېتىدىكەن ئۇنىڭغا چىقىش قىلىپ بولالمايدىكەنمىز، ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملەشمىسە بولمايدۇ ئىدى.

يەنە بىر قىسمى بولسا پەرزەنتلىرىنى كەسپ ئۆگىتىدىغان كۇرس، مەدرىس ياكى قۇرئان كۇرسىغىلا بېرىپ مەكتەپتە ئوقۇتمايتتى. بۇلارنىڭ بالىلارنى مەكتەپتە ئوقۇتماسلىقىدىكى سەۋەبىنى مۇنداق بەش تۈرگە ئايرىيالىشىمىز مۇمكىن:

1-قۇرئان يادلاپ قارى بولسۇن ياكى دىننى ئۆگەنسۇن، ئىككىنى بىر ئەپ مېڭىپ بولالمايدىكەن.

2-مەكتەپلەردە بالىلارنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلۇپ كېتىدىكەن.

3-قىز ئوغۇللار بىرلىكتە ئوقۇتۇلىدىكەن.

4-مائارىپ سىستېمىسى ياخشى ئەمەسكەن.

5-مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ بىرەر پايدىسى يوق، نەچچە يىل مەكتەپتە ئوقۇغاندىن ياخشى كۇرسلارغا بېرىپ بىرە ھۈنەر كەسىپ ئۆگەنسە كۇپايە.

بۇ يەردىكى ئەڭ خەتەرلىك مەسىلە بولسا يۇقارقى سەۋەبلەر شۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ قارىشىچە شۇنچىلىك مەنتىقىگە ئۇيغۇن پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە بەرمەسلىككە يىتىدىغان سەۋەبلەر، چۈنكى ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئەجىرگە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، ئۆزىنى پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسى، شۇنداقلا دىنىمىز ئىسلام ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ياخشى قارارنى چىقاردىم دەپ ئويلايدۇ ۋە بۇنىڭدىن پەخر ھېس قىلىدۇ. شۇڭلاشقا باشقىلارنىڭ بالىلىرىنى مەكتەپكە بەرگىنىنى ئاڭلىغاندا ئۇلارغا مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى بالىلارنى مەكتەپكە بەرمەسلىككە ھىچ ئىككىلەنمەستىن تەرغىپ قىلالايدۇ.

بالىلارنىڭ مەكتەپ ۋەياكى مەدرىستىمۇ ھېچقانداق يەردە ئوقۇتمايدىغانلار بەك كۆپ ساننى ئىگەللىمىسىمۇ بىزگە ئوخشاش ۋەتىنى ئىشغال ئاستىدىكى بىر مىللەت ئىچىدە بۇنداق كىشىلەرنىڭ چىقىشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ھېسابلىنىدۇ ئەلۋەتتە.

مەدرىسلەردىلا ئوقۇتۇپ مەكتەپتە ئوقۇتمايدىغانلارنىڭ سانى خېلى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ، بۇلارنىڭ گەرچە ھەرخىل ئۆزلىرىگە مەنتىقلىق بىلىنىدىغان سەۋەبلىرى بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە بۇ تەكىتلىنىۋاتقان تەرەققىي قىلدۇرلىشى كېرەك بولغان مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن، ئۇلۇغ گەپنى قويۇپ كىچىكرەك ئويلىغنىمىزدا بولسا شۇ شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن ھىچ سەل قارغىلى بولىدىغان مەسىلە ئەمەس ئىدى.

كۆرسىتىلىدىغان سەۋەبلىرىنى بىرمۇ بىر تەھلىل قىلىپ ئولتۇرۇشقا ۋاقىت يار بەرمەيدۇ ئەمما ھەقىقىي پەرزەنتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاتا ئانا بۇ دۆلەتتە ئۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ تۇرۇپ پەرزەنتىنى مەكتەپتە ئوقۇتالايدۇ.

مەسىلەن: قۇرئان يادلاتقۇزۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئاتا ئاتا (hafizlik proje okulu)  قارىيلىق بىلەن مەكتەپ دەرسلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن مەكتەپلەرگە بېرىش ئارقىلىق ئۇ ئارزۇسىغا يېتەلەيدۇ. تۈركلەرنىڭكىنى ياقتۇرمىسا ئۇيغۇرلارمۇ ھەم شۇ تۈردىكى پروگراممىلار بىلەن مەكتەپلەرنى ئېچىۋاتىدۇ. يەنى بۇ پۇت تېرەپ تۇرالايدىغان، ياكى بالىنى مەكتەپتە ئوقۇتماسلىق ئۈچۈن كۆرسەتكىلى بولىدىغان سەۋەب ئەمەس.

قىز ئوغۇللار بىللە ئوقۇيدىكەن دېگەن باھانە ئۈچۈن تۈركىيە ھېچ ماس كەلمەيدۇ، چۈنكى ئاللىبۇرۇن دۆلەت ئىمام خاتىپ ناملىرى بىلەن ئاچقان مەكتەپلىرىدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بولغان.

مەكتەپتە بالىلار ئەخلاقسىز بولۇپ قالىدىكەن دەپ باھانە كۆرسىتىدىغان قېرىنداشلار ئەجەبا بالىلار مەكتەپ ئوقۇماي سىرتلاردا ئەخلاقسىز كوچا لۈكچەكلىرى بىلەن بىللە يۈرۈپ بەك ئەدەبلىك بولۇپ كېتەرمۇ؟ ئەمەلىيەتتە تۈركلەرنىڭ ئىچىدىمۇ مۇشۇنداق سەۋەبلەر بىلەن بالىلارنى مەكتەپكە بەرمەيدىغانلار بار، شۇنداقلا بۇنى ھەل قىلغان جامائەتلەر ھەم بار، شۇڭلاشقا ئىسلامىي جامائەتلەر، تەرىقەتلەر ۋەياكى (ئېھسان شەنئوجاق قا ئوخشاش)مەشھۇر ئالىملارنىڭ ئاچقان مەكتەپلىرىگە بېرىش ئارقىلىق بۇ مەسىلنى ھەل قىلغان. بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچقان مەكتەپلىرىنى تاللاش بۇنىڭ ئۈچۈن تامامەن ھەل قىلىش چارىسى بولالايدۇ.

شۇنداق دىيەلەيمىزكى: تۈركىيەدە بالىلارنى مەكتەپكە بەرمەسلىك ئۈچۈن ھېچقانداق بىر سېۋەتتە تۇرغىدەك سەۋەپ تاپالمايمىز. چىقارغان قارارلىرىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق نەتىجىلەرگە سەۋەپ بولىدىغانلىقى ھەققىدە ياخشىراق ئويلىنىپ باقساق بۇ مەسىلىلەر شۇنچىلىك تېز ھەل بولۇپ كېتەتتى. بالىلىرىنىڭ دىندىلا ئوقۇتۇپ ياخشى تەربىيلەپ دىنغا خىزمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ئاتا ئانىلار مۇنداق بىر مەسىلنى ئويلاپ  باقسا بەلكى قارارى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشى مۇمكىن: پەرزەنتىمىز مەدرىستىلا ئوقۇپ ياخشى قارى بولدى دەيلى ، قارىلىقنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۆگەنگەن قۇرئاننى باشقىلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن رەسمىي ئورگانلارغا بىۋاستە كىرىپ خىزمەت قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۇيغۇرلار ئاچقان كىچىك بىر مەدرىستە قۇرئان ئوقۇتقۇچىسى بولۇشقا ئىلتىماس قىلىپ بارغاندا، ئۇنى ئوقۇتقۇچىلىققا قۇبۇل قىلىش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغان ھېچ بولمىسا تۇلۇقنى پۈتتۈرگەن بولۇشنى تەلەپ قىلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان بىرىنى تاللاپ ئۇنىڭغا ئۆگەنگەن قۇرئانىنى ئۆگىتىش پۇرسىتى بەرمەسلىكى مۇمكىن. 

ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن باشقىمۇ كۆپ مىساللار بار…

ھەم دىنىمىزنىڭ تەلىماتى ھەرگىزمۇ بۇ ئەمەس، دىنىمىز زاھىدلىقنى تەرغىپ قىلمايلا قالماستىن، بىر مۇسۇلماننىڭ باشقىلاردىن تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشى ئەمەس، ھەر مۇسۇلماننى ئۆزىدە باشقىلاردىن ھەر جەھەتتىن ئۈستۈن تۇرالايدىغان، باشقىلارغا ئۈلگە بولالايدىغان ئۆرنەك شەخسىيەت يېتىلدۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ. بالىلار مائارىپقا ئەڭ مۇھتاج ۋاقىتلىرىدا مەكتەپتە ئوقۇماسلىق بىلەن نۇرغۇن تەرەپلەردە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرالمايدۇ، ھەتتا بەزىدە تۇغۇلىشىدىنلا ئاللاھ بەزى ئىنسانلارغا ئالاھىدە ئىنئام سۈپىتىدە بەرگەن بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقۇتۇپ قويۇشى مۇمكىن.

پەرزەنت بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە سېلىش ئۈچۈن بېرىلگەن قۇل ئەمەس ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن ئامانىتى، بىز ئۇلارنى ئۆزىمىز خالىغانچە ئىشلىتىشكە، كاللىمىز بويىچە تەربىيىلەشكە ئەمەس، ئۇنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ئويلاشقان ھالەتتە تەربىيەلەپ ئۇنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئامانەت ئىگىسىگە تاپشۇرىشىمىز كېرەك. 

بىر قېتىملىق سۆھبەتتە پەرزەنتىنى مەكتەپتە ئوقۇتمايدىغان بىر ئانا بولغۇچىنىڭ ئىشلەتكەن مۇنداق بىر ئىپادىسى مېنى بەكمۇ بىئارام قىلغان ئىدى: بىز پەرزەنتىمىزنى خالىساق مەكتەپتە ئوقۇتىمىز، خالىمىساق ئوقۇتمايمىز. بۇ بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزدىكى ئىش.

ئەجەبا بۇ ئىدىيە بىلەن ئۇ ئاتا ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى ئادا قىلارمۇ؟ ھەتتا پەرزەنتىمنىڭ مەندە ھەققى بار دەپ قارامدىغاندۇ؟

مېنى تېخىمۇ ئەجەبلەندۈرگەن يەنە بىر ئىش بولسا: پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە بەرمەيۋاتقان ئاتا ئانىلارنىڭ ئىچىدە ۋەتەندە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چىققان خېلىلا ئۇقۇمۇشلۇق ئاتا ئانىلارنىڭ ھەم بولىشى ئىدى، ئەسلىدە ئۇلار مائارىپنىڭ مۇھىملىقىنى ياخشى ھېس قىلىپ يەتكەن بولىشى، بۇ تۈردىكى مائارىپ ھەرىكىتىدە باشقا ئاتا ئانىلارغا ئۈلگە بولىشى كېرەك ئىدى.

ئەجىبا ئۇلار پەرزەنتلىرى چوڭ بولۇپ مېنى نېمىشقا مەكتەپتە ئوقۇتمىغان دېگەن سۇئالىغا نىمە دەپ جاۋاپ بىرەلەرـ ھە؟ ئەڭ ئاددىيسى ماشىنا پراۋىسى ئېلىش ئۈچۈنمۇ ئۇلاردىن تۇلۇق ئوتتۇرا دىپلومى تەلەپ قىلىنغاندا ئۇلار ئۆزىنىڭ  بۇ مەسىلىگە دۇچ كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان ئاتا ئانىسىغا كۆڭلىدە نېمىلەرنى ئويلا؟ بەزى يۇقىرى سۈپەتلىك شەخسىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلش شەرتلىرىدە ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ھەم ئاساس قىلىپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ، پەرزەنتلىرىنى كۆڭلىدىكى مەكتەپتە ئوقۇتالماسلىقىغا ئۆزىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇمىغانلىقى سەۋەپ بولغاندا بۇ پەرزەنت بۇلارنىڭ سەۋەبكارى بولمىش ئاتا ئانىسىدىن خۇرسەن بولارمۇ؟

ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مەۋجۇت بىر قىسىم ئەھۋاللار ھەم ئاتا ئانىلارنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش قارارنى راھەت چىقىرىشىغا، پەرزەنتلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالماسلىقىدا مەلۇم رول ئويناۋاتىدۇ، بەزى مەدرىسلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئۈچۈن بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇماسلىقنى شەرت قىلىشى، بەزىلىرىنىڭ بولسا بۇنىڭغا تەرغىپ قىلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر ھەم بۇ قاباھەتكە ھەسسە قوشماقتا.

تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى شۇنچىلىك كۆپ مەدرىسىلەر، قارىخانىلارنىڭ بولىشىغا قارىماي قۇرئاننى يادلاپ تۈگەتكەن قارىيلارنىڭ سانى تولىمۇ ئاز بولماقتا، ھالبۇكى ۋەتىنىمىزدە كىيىنكى ۋاقىتلاردا شۇنچىلىك قىيىن شارائىتلاردا ھەر يىلى  ھەر ئۆيدىن بىر نەچچىلىگەن قارىلار چىقالايتتى. ئەمما مۇھاجىرەتتە بولسا قۇرئان كۇرۇسلىرىنىڭ كۆپ بولىشى، قۇرئان يادلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ بولىشىغا قارىماي يىللاردىن بېرى چەتئەلدە ئۇيغۇر مەدرىسلىرىدىن يىتىشىپ چىققان قارىيلارنىڭ سانى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدۇ.

ھالبۇكى بىز قۇرئانغا شۇنچىلىك ئەھمىيەت بېرىپ بۇ كۇرۇسلارنى ئاچقان ئىدۇق، ئاتا ئانىلار پەرزەنتلىرىنى قارى قىلىش ئۈچۈن مەكتەپلەردىن يىراقلاشتۇرۇپ ئۇ كۇرسلارغا تاپشۇرغان ئىدى. بۇ يەردىكى ئەسلى مەسىلە قەيەردە، بۇ ھەقتە ھەم ياخشى ئويلىنىپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ.

بۇ مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ئاللىبۇرۇن ھېس قىلىپ يەتكەن ماڭا ئوخشاشلار ئىنتايىن كۆپ بولىشى مۇمكىن، ھەتتا بېشىدا تىلغا ئالغانغا ئوخشاش نەچچە يىل ئاۋاللا بايقاپ ھەل قىلىش چارىلىرى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان، ھەتتا ئاللىبۇرۇن بۇنىڭ ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەرنى ئېلىپ بولغان، مائارىپ ئىسلاھاتىدا مەلۇم قەدەملەرنى بېسىپ بولغان كىشىلىرىمىز ئەلۋەتتە مەۋجۇت، ئەمما بۇ بىر كوللېكتىپنىڭ مەسىلىسى بولغاچقا بىر قانچە ئادەمنىڭلا كۈچ چىقىرىشى، بىر نەرسىلەرنى يېزىپ قويۇشى، ئولتۇرغان سورۇنلاردا بىر بىرىگە ئەھۋالدىن قاقشاپ ئاھ ئۇرۇپ قويۇشى بىلەن ھەل بولىدىغان ياكى ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلە ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن كوللېكتىپ ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بىردەك كۈچ چىقىرىشى، ئۆز سالاھىيەت ۋە ئورنىغا قارتا بۇ ئىسلاھات ھەرىكىتىدە ئۆزىگە چۈشكەن ۋەزىپىنى تۇلۇق ئادا قىلىشى بىلەن ئاندىن ئۆزگىرىش ھاسىل بولىدۇ.

1-ئالىملارنىڭ ئۈستىگە مەسىلىنى دىنى نۇقتىدىن ياخشى چۈشەندۈرۈش، تۇنجى نازىل بولغان  (إقرأ باسم رب الذي خلق … خلق الانسان من علق) بۇ ئىككى ئايەتنىڭ بىرىنچى ئايىتىدىن ئاللاھنى تونۇش ئۈچۈن ئوقۇش ئىشارەت قىلىنغىنىدەك، ئىككىنچى ئايىتىنىڭ ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرى ھېسابلىنىدىغان كائىنات ۋە ئىنساننىي تونۇش ئۈچۈن ھەم ئىلىم تەلەپ قىلىشقا ئىشارەت بار ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشەندۈرۈش، ئەڭ مۇھىمى ئىسلامنى ئۆگىتىمىز دىگەن نام بىلەن پەرزەنتلىرىنى ھەر تەرەپتىن تەربىيىلەشكە سەل قاراشتىن، ھەتتا بەزىدە تەربىيە ئۇسلۇبىدىكى خاتالىقلار سەۋەبلىك پەرزەنتلىرىگە قۇرئاننى، ئىسلامنى ئۆچ كۆرىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇشىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشى، شۇنداقلا ئىسلامنىڭ تەلىم تەربىيە ئىشلىرىدىكى تەلىماتلىرى ھەققىدىكى تەلىماتلىرىنى يەتكۈزۈپ تۇرىشىغا توغرا كېلىدۇ.

2-ئاكادېمىكلار ھەم بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئۆزىگە چۈشكەن ۋەزىپىلىرىنى ياخشى تونۇشى لازىمكى، ھە دېسىلا مەسىلىنى مۇسۇلمانلارغا، ئېغىرراق بولغاندا ئىسلام تەلىماتلىرىغا تىل تەگكۈزۈش ئارقىلىق ئۆز مىللىتى، قېرىنداشلىرىغا، ئۇلارنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ھۇجۇم قىلغان شەكىلدە ئەمەس، چىرايلىق ئىلمىي ئۇسلۇب بىلەن مەسىلىنىڭ جىددىيلىكنى، بۇنىڭغا سەل قاراشنىڭ مىللەتنى، مائارىپتىن مەھرۇم قالغان پەرزەنتلەرنى قانداق ئېغىر ئاقىۋەتكە قالدۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى ياخشى ئىزاھلىشى، بۇنىڭغا قارتا مەخسۇس خىزمەتلەرنى ئۇرۇنلاشتۇرالىشى مۇمكىن.

3-تەربىيىلەش كۇرسى، مەدرىسە، قۇرئان كۇرسى ۋەياكى يەسلىلەرنى ئېچىۋاتقان، مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا تولىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەت يۈكلىنىدۇ، چۈنكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مائارىپنىڭ يۆلىنىشىنى بەلگىلەشتە بۇ ئورگانلارنىڭ رولى تولىمۇ مۇھىم، چۈنكى كۆپ قىسىم ئاتا ئانىلار ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەگىشىدۇ، ھىچ بولمىسا ھۆرمەت قىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئورگانلار ئۆزىنىڭ ئورگىنىنىڭ مەنپەئىتىدىن سىرت ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئىستىقبالىنى، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەكرەك ئويلاشقان ئاساستا قەدەم ئېلىشى بۇ مەسىلىلەرنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل بولىشىدىكى مۇھىم ئامىللاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

4-ھەر بىر شەخسكە ھەم بۇ ئىسلاھاتتا ئۆز ئورنىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتى يۈكلىنىدۇ، ئىنسانلار ئېقىمغا ئەگىشكە ئىنتايىن مايىل كېلىدۇ. مەسىلەن: پەرزەنتلىرىنى بوكس كۇرسىغا ئەۋەتىدىغان ئاتا ئانىلار ئۆزىنىڭ ئالاقە چەمبىرىدىكىلەرگە تەسىر قىلالايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق تۇغقان دوستلىرى ھەم ئۇلارغا قاراپ پەرزەنتلىرىنى بوكسقا ئەۋەتىدۇ. شۇڭلاشقا ئىجتىمائىي ئاڭنى يوقرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە قارتا ھەر بىر شەخس ئۆزى مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشى، شۇنداقلا ئۇرۇق تۇغقان دوستلىرىنى تەرغىپ قىلىش ئارقىلىق ھەسسە قوشالايدۇ.

5- ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىدە ئاساسلىق جاۋابكار ئاتا- ئانىلار ھېسابلىنىدۇ، ئاتا ئانىلار ئۆزىنىڭ جان پارىسى شۇنداقلا بۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدى ھېسابلىنىدىغان پەرزەنتلىرىنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە چىقارغان قارارىنىڭ قانچىلىك توغرا بولغانلىقى، ئۆزى ئارزۇ قىلىۋاتقان نەتىجىگە ئېرىشتۈرەلەمدۇ يوق؟ مەكتەپتە ئوقۇتماسلىق ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئۇ سەۋەبلەر ھەل  قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىمۇ ياكى پەقەتلا بىر باھانىمۇ؟ ئەگەر چىقارغان قارارى خاتا بوپ قالسا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋىتى قانچىلىك ئېغىر بولىدۇ؟ بۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟ خاتا قارارنىڭ كەلتۈرگەن زىينىنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولامدۇ؟ تولدۇرالمىغاندا نېمىلەرگە سەۋەپ بولىدۇ؟ دىگەن ھەقتە ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشى. پەرزەنتلىرىنى قارى قىلىش ئۈچۈن چوقۇم مەكتەپتىن ئايرىش كېرەك، بولمىسا قارى بولىشى مۇمكىن ئەمەس، ياكى ئۇ بىر قۇرۇق گەپ دەپ چۈشىنىۋالىدىغان ئاتا ئانىلار تۈركىيەدە ھەر يىلى يۈزمىڭلىغان قارىيلارنىڭ چىقىدىغانلىقىنى ۋە بۇ قارىيلارنىڭ مەكتەپتىن قالماستىن داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئويلىشى، مەكتەپلەردە تۈرك ئوقۇغۇچىلاردىن ھەرتەرەپتىن ئۈستۈن نەتىجىلەر بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ ئەقىللىق پەرزەنتلىرىنىڭ ياخشى شارائىت يارىتىلسا ئەلبەتتە ئۇلار قىلغاننى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنى، كېرەك بولسا ئۇسلۇبنى ئۆزگەرتىپ بېقىشى، ساھەنىڭ ئەھلى بولغان كىشىلەردىن مەسلىھەت ئېلىپ ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە يول تۇتۇشى ئاتا ئانىلارنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قارتا توغرا يولنى تاپالىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا: مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مائارىپىمىز گەرچە يىلدىن يىلغا ياخشىلىنىپ مېڭىۋاتقان، كۇرس مەدرىسىلەر كۈنسېرى تەرەققىي قىلىپ ياخشىلنىشقا قاراپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا بىر قىسىم مەسىلىلەر ھېلىھەم مەۋجۇد بولۇپ كەلمەكتە. بەزىلەر پەرزەنتلىرىنى دىنىي تەلىم تەربىيەدىن پۈتۈنلەي يىراق بىر مۇھىتتا تەربىيىلەۋاتقان پەقەتلا ماتېماتىكا، ئىنگلىز تىلى… دېگەندەك مەكتەپ دەرسلىرىگە قوشۇمچە كومپيۇتېر ۋەياكى باشقا تېخنىك بىلىملەرنى ئاساس قىلىپلا تەربىيلەۋاتقان بولسا، يەنە بەزى ئاتا ئانىلار ھەممىنى قايرىپ قويۇپ پەقەتلا قۇرئان يادلىتىش ۋەياكى ئەرەب تىلى، ئىسلام بىلىملىرىگلا مەزكەزلەشتۈرۈپ (بۇ يەردە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلار ئەمەس، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار كۆزدە تۇتۇلغان) تەربىيلىمەكتە. پەرزەنتلەرنىڭ كەلگۈسى، مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بالىلارنىڭ تەلىم تەربىيىسىگە ئۆز خاھىشىمىز بويىچە يول تۇتۇشتىن ھەزەر ئەيلىشىمىز، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى نەتىجىلىك قۇرۇپ چىقالىشى ئۈچۈن ئۇلارغا توسالغۇ بولماسلىقىمىز، پەرزەنتلىرىمزنى كوڭلىمىزدەك ياراملىق تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئوقۇشىغا تېخىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىق كۆرىشىدە بىزگە ھەر تەرەپتىن يېتىشكەن ئىقتىدارلىق كىشىلەر كېرەك. ئۇلار مائارىپ ئارقىلىق يېتىشىدۇ. دىنىنى تونىمىغان بىرى ۋەتىنى ئۈچۈن جېنى بىلەن كۈرەش قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇ بۇ يولدا ئۆلۈشنىڭ ئارزۇ قىلنىدىغان مەرتىبە ئىكەنلىكى ھېس قىلىپ يېتەلمەيدۇ.   قۇرئاننىلا يادقا بىلگەن ئەمما دۇنيا ئىلىم پەن بىلىملىرىدىن ھېچ خەۋىرى بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھەم ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ دەۋىردە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئازادلىق كۆرۈشىدە مۇھىم رول ئالالىشى مۈشكۈل بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىدە ھازىرلاشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى ھازىرلىمىغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلاي دېسىمۇ قولىدىن كەلمەي ئاھ ئۇرۇپ قالىدۇ.

شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى بىر مىللەتنىڭ يۈكسىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرى مائارىپتۇر. مائارىپى تەرەققىي قىلسا مىللەت تەرەققىي قىلىدۇ. مائارىپى تۈگەشكەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ.

مالكوم ئىكس مۇنداق دەيدۇ: «مائارىپ كەلگۈسىنىڭ پاسپورتى، چۈنكى كەلگۈسى بۈگۈن ئۇنىڭغا ياخشى تەييارلىق قىلغانلارغا مەنسۇپ بولىدۇ».

نېلسون ماندىلانىڭ «مائارىپ يۈزى كۆرمىگەن بالا قاناتسىز قۇشقا ئوخشايدۇ» دېگىنىدەك پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قانىتىنى قېرقمايلى، ئۇلارغا قانات چىقىرىپ كۆكتە پەرۋاز قىلىش پۇرسىتى بېرەيلى. 

ئىستانبۇل-تۈركىيە

11-06-2023

ئا.ئارمان


4.6
Rated 4.6 out of 5
4.6 out of 5 stars (based on 5 reviews)
5 يۇلتۇز60%
4 يۇلتۇز40%
3 يۇلتۇز0%
2 يۇلتۇز0%
1 يۇلتۇز0%

ماقالىگە يېزىلغان ئىنكاسلار

Rated 4.0 out of 5

بەك مۇھىم تېما بوپتۇ.

Avatar for فاتىمە
فاتىمە
Rated 5.0 out of 5

بەك ياخشى مەزمۇن بوپتۇ ، رىئاللىقىمىزدىكى ئاچچىق ھەقىقەتلەر ، يازغۇچىنىڭ قولى دەرت كۆرمىسۇن 🌹

Avatar for Hatice
Hatice
Rated 5.0 out of 5

ئېسىل ۋە مۇھىم تېما

Avatar for ئابدۇلھەكىم ئايدىن
ئابدۇلھەكىم ئايدىن
Rated 4.0 out of 5

ماقالە ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ. لىكىن بىر نۇقتا بار. بالىلارنى مەكتەپكە بەرمەسلىكنى پۈتۈن ئەيىپلىگىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانا ئۈزى بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىسا ۋە ئەجىر قىلسا بالىلار ئۈچۈن ئائىلە ئەڭ ياخشى مەكتەپ، ئانا ئەڭ ياخشى ئۇستاز بۇلالايدۇ. مەن بۇ ھەقتە كۆپ ئىزدەندىم، ۋە چوڭ ئوغلۇمنى بىر قانچە شەخسى مەكتەپتە ئوقۇتۇپ باقتىم. مەكتەپتىن رازى بولالمىدىم، ۋە بۇ جەرياندا ئېرىشكەنلىرىمدىن يوقاتقانلىرىم كۆپ بولدى. ئاخىر شۇنى ھىس قىلدىمكى ئانا ئەڭ ياخشى ئۇستاز ئىكەن. باللىرىمنى مەكتەپتىن ئېلىپ چىقتىم، ۋە ئۈزۈم بىر يىلدىن بىرى ئائىلىدە ئوقۇتىۋاتىمەن. ئەلۋەتتە بۇ ئاسان ئەمەس، لىكىن بىز قىلالىغۇدەك دەرىجىدە قىيىنمۇ ئەمەس. ھەم ئاللاھ خالىسا تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگۈچە ئۈزۈم يىتەكچىلىك قىلغۇم بار. بۇ قانداقتۇر مەن يالغۇز چىقارغان ھۆكۈم ئەمەس. ھازىر پۈتۈن دۇنيادا بولۇپمۇ ئامرىكا، كانادا قاتارلىق ئەللەردە ئومۇملاشقان بىر مائارىپ ئۇسۇلى.

Avatar for ئۇممۇ مەريەم
ئۇممۇ مەريەم
Rated 5.0 out of 5

ماشائاللاھ، رىئال مەسىللەر ئۈستىدە توختىلىپتۇ

Avatar for muhammed
muhammed

جاۋاب يېزىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button