مەن ئالغان بىر دەرس

(قىزىمغا مەكتۇپ)

تاجىگۈل سەمەت

(ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىلشۇناسلىق كەسپى ماگىستىر ئاسپىرانتى)

جىمجىت كېچە، رابىيە ھۇجرىسىدا ئولتۇرۇپ ئويلانماقتا. ھاياتنىڭ ئۆزىگە بەرگەن ھەدىيەلىرى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلماقتا. رابىيەنىڭ «تارىخى تىلشۇناسلىق ئىمتىھانىدا نېمىشقا 85 ئېلىپ قالغاندىمەن» دەپ ئويلىشى، ئۆتمۈشتىكى ئاچىچىق بىر ساۋاقنى ئېسىگە سالدى. ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «ھايات ھەقىقەتەن ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىكەن» دېدى ئۆز-ئۆزىگە ۋە دەپتىرىگە شۇ قۇرلارنى يېزىشقا باشلىدى.

 سۆيۈملۈك قىزىم!

مانا بۈگۈن يەنە سىزگە گۈزەل بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرىش ئۈچۈن قولۇمغا قەلەم ئالدىم. بۈگۈن ھاياتنىڭ ئانىڭىزغا بەرگەن بىر ئاچچىق دەرسنى سىزگە بايان قىلىپ بەرمەكچىمەن. ئۇنداقتا سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭ.

مەن  ئاتا-ئانامنىڭ ئەتىۋارلىق كەنجى قىزىمەن. گەرچە دادام ۋە ئانام دېھقان بولسىمۇ، مېنى ئەتىۋارلاپ، ھېچنېمەمنى كەم قىلماي مەلىكىدەك چوڭ قىلدى. ئۇلار مېنىڭ پارلاق بىر كېلەچىكىمنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى، شۇڭا ئىزچىل تىرىشىپ ئوقۇتقۇچى بولغان ئاكا ھەدىلىرىمدىنمۇ بەكرەك ياخشى ئوقۇشىمنى، ھەر دائىم ئەڭ ياخشى بولۇشۇمنى ئۈمىت قىلاتتى. شۇڭلاشقا مەن ھەر دائىم بىرىنچى بولۇشقا تىرىشتىم. بۇ مېنىڭ ۋەزىپەم، ھەتتا ھاياتتىكى بىردىنبىر نىشانىم بولۇپ قالدى. مەن ھاياتنىڭ ئىنتايىن رەڭدار ۋە گۈزەللىكىنى، پەقەت  بىرىنچى بولۇشتىنلا ئىبارەت ئەمەسلىكىنى ئۇنتۇپ، خۇشال ياشىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم.

باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلار ئىدى. سىنىپتا مەن دائىم بىرىنچى بولاتتىم. بىر قېتىم ئىمتىھاندا قوشنىمىزنىڭ قىزى مەندىن بەش نومۇر يۇقىرى ئاپتۇ. ئۇ كېلىپ ئىنتايىن مەغرۇر ھالدا: «مەنچىلىكمۇ نومۇر ئالالماپسىز» دېدى. ئۇنىڭ بۇ بىر جۈملە سۆزى مېنى بىر كۈن ئازاپلىدى، يىغلىدىم، ئازاپلاندىم. ئەمما ھېچكىم ماڭا بۇنىڭ ئىنتايىن نورمال بىر ئىش بولۇپ يىغلاپ كۆڭۈلنى يېرىم قىلىشقا ئەرزىمەيدىغانلىقىنى، مۇھىمى ئۆگىنىش ۋە ئىلىم ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتمىدى.

باشلانغۇچنىڭ 6- سىنىپىدا ئوقۇۋاتاتتىم. چوڭ ھەدەم ئىچكىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ باقسا دەپ چوڭ ئاكام بىلەن مەسلىھەتلەشتى ۋە مېنى مەخسۇس ئىمتىھانغا تەييارلىق ئۈچۈن ئېچىلغان سىنىپقا ئەكىرىپ قويدى. بۇ سىنىپتا مۇئەللىم مەندىن ئائىلەمدىكىلەرگە ئوخشاش ئەلاچى بولۇشۇمنى كۈتەتتى، دائىم :«ھېچكىم ئۆتمىسىمۇ سىز بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتمىسىڭىز بولمايدۇ.» دەيتتى ماڭا. بۇلار خىتايچە ۋە ماتېماتىكا ئىمتىھانلىرى بولۇپ، بىر تەرەپتىن توختىماي خىتايچە تېكست يادلاپ، يەنە بىر تەرەپتىن ماتېماتىكا سۇئاللىرى ئىشلەيتۇق. ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇپ توختىماي ئۆگىنىش قىلدۇق، بېسىم شۇنچىلىك يۇقىرى ئىدىكى، ھەتتا بىر كۈنى ھەدەم ماڭا كېچىسى خىتايچە جۆيلىگەنلىكىمنى ئېيتقانتى. ئىمتىھانغا ئاز قالغانسېرى، تېخىمۇ جىددىيلىشىشكە باشلىدۇق، كېچىلىرىمۇ سىنىپتا ئۆگىنىش قىلىدىغان بولدۇق، ئاي كۈن  ساناپ تۇراتتۇق. بىر كۈنى چوڭ ھەدەم ماڭا مانچە كۈندىن كېيىن تەقدىرىڭ بەلگىلىنىدۇ دېدى. ئۇنىڭ بەلكىم جىق ئويلىمايلا ئېيتقان بۇ بىر جۈملە سۆزى مېنى چوڭقۇر ئويلاندۇردى. بىر كۈنى چۈشۈمدە بۇلۇتلار يېنىمغا كەپتۇ، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە  ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەپتىمەن. ئويغىنىپ  بەك ئەپسۇسلاندىم. بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەم خۇددى چىقىش يولۇم يوقتەك، ھاياتىم ئاخىرلىشىدىغاندەك تۇيۇلدى.

ئاخىرى ئىمتىھان كۈنى كەلدى، ئىمتىھاننى بېرىپ ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىدىميۇ نەتىجىسى قانداق چىقار دېگەن  ئەندىشىنىڭ ئىچىدە ئۇياق بۇياققا مېڭىپ يۈرۈپ نەچچە كۈننى بەك تەس ئۆتكۈزدۈم. ئاخىرى، 240 نومۇردىن 224 ئېلىپ ناھىيىمىز بويىچە بىرىنچى بولۇپ ئىچكىرى تولۇقسىزغا قوبۇل بولغانلىقىم ئېلان قىلىندى. سەھنىدە ئالقىشلاندىم، قىزىل گۈللەر سۇنۇلدى، ئۇھ دەپ يەڭگىللىدىم. ئائىلەم ۋە ئوقۇتقۇچۇمنىڭ كۆزلىرىدە رازىمەنلىك، ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆزىدە ھەۋەس قىلىش ئىپادىلىرى كۆرۈپ يەڭگىللىدىم. 12-13 ياشلاردىكى بىر قىز ئۈچۈن بۇ بېسىم بەكلا ئېغىر ئەمەسمىدى؟ شۇنداق، ئوقۇش ھاياتىمىزنى، ھەتتا تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتىدۇ، ئەمما ئوقۇشتىكى مەقسەت چوقۇم بىرىنچى بولۇش بولماسلىقى كېرەك ئىدى، چۈنكى بىرىنچى بولمىساممۇ چىقىش يولى ھەر دائىم مەۋجۇت. مېنىڭ بۇنى ھەقىقىي تونۇپ يېتىشىمگە بەش يىل كەتتى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىچكىرى تولۇقسىزدا ئوقۇش ھاياتىم باشلاندى، ھەش- پەش دېگۈچە چارەكلىك ئىمتىھان ۋاقتى كېلىپ قالدى، بىرىنچى بولالامدىم يوق دەپ ئەنسىرەش ئىچىدە ھېچ بولمىسا ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرىمەن دەپ نىيەت قىلدىم. ئەمما تەلىيىمگە بىرىنچى بولدۇم. 750 نومۇردىن 640 ئالغىنىم، مۇئەللىمنىڭ ماختاشلىرى ۋە ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەۋەس قىلىپ قاراشلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە. بۇ بىرىنچىلىك ئۈچ يىل داۋاملاشتى. ئەمما ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىغا كەلگەندە تەلىيىم ئوڭدىن كەلمەي قالدى.

تولۇقسىز ئوتتۇرىدا سىنىپتىكى ھەممىمىز ئۇيغۇر ئىدۇق، بەلكىم بۇ سەۋەپتىن مەن ئۈچۈن بىرىنچى بولۇش بەكمۇ قىيىن بولمىغاندۇ. ئەمما تولۇق ئوتتۇرىدا بىز ئۇيغۇرلاردىن باشقا خىتاي، تۇڭگان، قازاق، ئۆزبەك قاتارلىق  ھەرخىل مىللەت بىرلىكتە ئوقۇدۇق. تۇنجى قېتىملىق چارەكلىك ئىمتىھاندا 15- بوپتىمەن. بۇنى كۆرۈپ ئاسماندىن چۈشكەندەك بولۇپ كەتتىم. شۇ كۈنى يالغۇز ئولتۇرۇپ قانداق قىلسام بىرىنچى بولارمەن دەپ كۆپ ئويلاندىم. ئەتىسى مۇئەللىمىم بىلەن پاراڭلاشتىم، قاتتىق تىرىشىشقا بەل باغلىدىم ۋە تىرىشتىم. تەنەپپۇس ۋە شەنبە يەكشەنبىلەرنىمۇ قولدىن بەرمەي ئۆگىنىش قىلدىم، ئەمما بەشىنچى بولدۇميۇ، بىرىنچى بولالمىدىم.

بۇ بىرىنچى بولۇش «جېڭى» جەريانىدا دوستلىرىم بىلەن بىرلىكتە ئويناش ۋاقتىم ئازىيىپ كەتتى، مەقسەتكە يېتەلمىگەنسېرى كەيپىياتىممۇ  ياخشى بولمايتى. بىر كۈنى مەكتەپنىڭ باغچىسىدا بىرىنچى بولۇش ئۈچۈن «ئىستىراتېگىيە» ئويلاپ  ئولتۇرسام ئىككى ساۋاقدىشىم ۋېلسىپىت مىنىۋېتىپتۇ. مېنى كۆرۈپ كېلىڭ بىرلىكتە مىنەيلى دېدى. ئۇلار ناھايىتى خۇشال كۆرۈنەتتى. ئۆزۈمگە ئاخىرقى قېتىم قاچان ئۇلاردەك خۇشال كۈلدۈم دەپ سورىدىم، ئەمما بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرەلمىدىم. ئۇلارنىڭ يېنىغا قانداق كەلگىنىمنى بىلمەيلا قالدىم ۋە ئىگەرگە ئولتۇرۇپ ۋېلسىپىت مىنىشكە باشلىدىم. مەن بارغانسېرى پىدالنى تېز تىپىشكە باشلىدىم، ۋىلىسپىت كەڭرى مەيداندا ئۇچقاندەك ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى. ئاسمان كۆپكۆك، ئاپئاپ بۇلۇتلار ئەركىن لەيلەپ يۈرەتتى، ئۇلار خۇددى ماڭا قاراپ كۈلىۋاتقاندەك تۇيۇلدى. مەنمۇ ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرىدىم، گويا ۋېلىسپىت ئۈستىدە ئەمەس ئۇچار گىلەم بىلەن كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقاندەك ئەركىن ھېس قىلدىم. شۇ كۈنى ياتاققا قايتىپ كىلىپ ئويلىنىپ قالدىم، ئەسلىدە ۋېلىسپىت مىنىش شۇنچە كۆڭۈللۈك ئىشكەن، مەن پەقەت بىرىنچى بولغاندىلا ھېس قىلغان خۇشاللىقنى بۈگۈن ۋېلىسپىت مىنىپمۇ ھېس قىلدىم. ھەتتا بىرىنچى بولغان چاغدىنمۇ بەكرەك خۇشال بولدۇم.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىككى ساۋاقدىشىم بىلەن پات-پات بىرلىكتە ۋېلىسپىت مىنىدىغان بولدۇق. دەم ئېلىشلاردا بىرلىكتە ئويۇن ئوينىدۇق، يەكشەنبە كۈنلىرى پاراڭلاشتۇق. بىرلىكتە سىرتلارغا چىقىپ ئايلاندۇق. مەنمۇ بارا-بارا شۇنى ھېس قىلدىمكى ئەسلىدە ھايات رەڭدار ۋە گۈزەل ئىكەن. ئۆگىنىش قىلىش ۋە بىرىنچى بولۇشتىن باشقا خۇشاللىنارلىق نۇرغۇن ئىش بار ئىكەن. بۇ چاغدا مېنى ھەيران قالدۇرغان بىر ئىش بولدى. مېنىڭ ئۆگىنىش نەتىجەم بۇرۇن توختىماي ئۆگىنىش قىلغان چاغدىكىدىن يۇقىرى بولدى. سىنىپ بويىچە ئۈچىنچى بولدۇم. سىنىپتىكى بىر خەنزۇ ۋە خۇيزۇ ساۋاقدىشىمنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمىگەن بولساممۇ ئاستا-ئاستا بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنىشكە، ھاياتتىكى بىرىنچى بولۇشتىن باشقا خۇشاللىقلارنىمۇ كۆرۈپ ھوزۇرلىنىشنى ئۆگىنىشكە باشلدىم.

شۇنداق قىزىم، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۆيدىن ئايرىلىپ ئوقۇغاندىن كېيىنكى بەش يىلدا مەن بۇنى تونۇپ يەتتىم. ھايات ماڭا بەرگەن بۇ ئاچچىق دەرسنى دائىم ئەسلەپ تۇرىمەن. بۈگۈن بۇنى سىزگە سۆزلەپ بېرىشتىكى مەقسىتىم ھەرگىز ئاتا-ئانامنى شىكايەت قىلىش ئەمەس، مەن ئۇلارنى ئىنتايىن توغرا چۈشىنىمەن، ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن ۋە ئۇلاردىن پەخىرلىنىمەن. ئۇلارنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغانلىرىنى ھەرگىزمۇ ئىنكار قىلمايمەن. مېنىڭ مەقسىتىم پەقەت بېشىمدىن ئۆتكەن بۇ ساۋاقنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق سىزگە ئازراق بولسىمۇ ھايات توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىش، خالاس.

جېنىم قىزىم، ھايات ئىنتايىن گۈزەل. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ۋە نىشانىمىز ئەھمىيەتلىك ياشاش بولۇشى كېرەك. ئۆگىنىش بولسا بىزنىڭ ئەھمىيەتلىك ياشىشىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك.

ھايات بىزگە دائىم ھەرخىل دەرسلەرنى بېرىدۇ. بىز يېڭىمىز، يېڭىلىمىز، بىرىنچى بولىمىز ياكى ئونىنچى بولىمىز. ئەمما بۇ جەرياندا بىز پىشىپ يېتىلىمىز ۋە ھاياتنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتىمىز.

گۈزەل قىزىم، شۇڭلاشقا مەن سىزگە ھاياتىڭىز چوقۇم بەك ئوڭۇشلۇق بولىدۇ، دېيەلمەيمەن. مۇھىمى ھاياتنى سۆيۈش ۋە ھاياتنىڭ بىزگە بەرگەنلىرىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىشتۇر. ئۈمىدىم شۇكى، سىزنىڭ ھاياتىڭىز گۈزەل بولغاي، بىرىنچى بولۇش نىشانىڭىز ئەمەس بەلكى نىشانغا يېتىشتىكى بىر قەدىمىڭىز بولغاي.

2023-يىلى 19- ئىيۇن، دۈشەنبە، ئىستانبۇل


4.0
Rated 4.0 out of 5
4.0 out of 5 stars (based on 4 reviews)
5 يۇلتۇز75%
4 يۇلتۇز0%
3 يۇلتۇز0%
2 يۇلتۇز0%
1 يۇلتۇز25%

ماقالىگە يېزىلغان ئىنكاسلار

Rated 1.0 out of 5

ئىچتىن چىققان گۈزەل سۆزلەر

Avatar for قەلبىنۇر
قەلبىنۇر
Rated 5.0 out of 5

تولۇقسىزدىكى ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپ قالدىم ، سىنىپىمىزدىكى تېلفۇن ئىشلەتمەيدىغان ، بەك تىرىشچان ئۆگىنىش باشلىقىمىز بىرىنجىلىكنى قولدىن بەرمەيتتى ، مەن ۋە خىتاي مەكتەپتە ئوقۇغان ساۋاقدىشىم ئىككىنچىلىكنى تالىشاتتۇق . يەنە بىر ساۋاقدىشىمىز بولۇپ خىتاي تىلى دەرس ۋەكىلى ئىدى ، خىتايچىدىن 99 ئېلىپ قالسا 100 ئامماپتىمەن دەپ يىغلايتتى .

بۇ ئىشلار بىرسىگە ئاتا – ئانىمىزدىن زىيادە تەلەپچانلىقى، يەنە بىرسىگە بىزدىكى بىرىنچى بولۇش ھەۋىسىدىن بۇلىدىكەن . بۇ ماقالىدە ناھايىتى گۈزەل بىر ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز . قەلەم كۈچىڭىزگە بارىكاللا !

Avatar for مەربىيە
مەربىيە
Rated 5.0 out of 5

گۈزەل ئانا ،ئەڭ گۈزەل تەربىيەنى كۈچلۈك قەلمىڭىز بىلەن قالدۇرۇپسىز . بەك ياخشى تەربىي ئەھمىيەتلىك بىر ماقالە بوپتۇ .بەكلا ياقتۇردۇم .

Avatar for گۈزەلنۇر ئابدۇللاھ
گۈزەلنۇر ئابدۇللاھ
Rated 5.0 out of 5

ئاددىي بىر ھىكايە، كېچىكىپ ھىس قىلىنغان بولسىمۇ يەنىلام قىممىتىنى يوقاتمىغان بىر ھاياتى ساۋاق…

Avatar for نۇرمۇھەممەت
نۇرمۇھەممەت

جاۋاب يېزىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button