ئاچكۆزلۈكنىڭ ئاقىۋىتىى

مۇستافا مەخمۇت                             

بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا بىر ئاچكۆز تاشپاقا بولغان ئىكەن ،ئۇ ھەر كۈنى تاغدىن ئالتۇن ئىزدەيدىغان بولۇپ ئۇنىڭ ناھايىنى كۆپ ئالتۇنلىرى بار ئىكەن ،بىراق ئۇ يەنىلا بۇنىڭغا قانائەت قىلمايدىكەن ، بىر كۈنى بۇ تاشپاقا ئۆزى داۋاملىق ئالتۇن ئىزدەيدىغان تاغدىن باشقا بىر تاغقا بارماقچى بولۇپتۇ

ئۇ بارماقچى بولغان تاغنىڭ ئىسمى بولسا «قويۇن» ئىكەن ، ئۇ تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ پالتىسىنى ئېلىپ يولىغا راۋان بوپتۇ – دە ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرسىگە قاراپ يۈرۈپتۇ ، مېڭىپتۇ – مېڭىپتۇ ماڭغانسىرى ئۆزىنى يولدىن ئېزىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بوپتۇ، شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئالدىغا قاراپ مېڭىۋېرىپتۇ ، يولدا ئۇنىڭغا بىر ئاغمىخان ئۇچراپ قاپتۇ ۋە ئاچكۆز تاشپاقا دەرھال ئاغمىخاندىن: «قويۇن «دىگەن تاغنى بىلەمسەن؟ ئۇ تاغ قەيەردە ؟دەپ سوراپتۇ.ئاغمىخان : قارىغاندا .. ئۇ تاغدا ئالتۇن ئىزدەيدىغان ئوخشىمامسەن؟ ئۇ تاغ شىمالى قۇتۇپتا  دەپتۇ.

تاشپاقا ئاغمىخانغا رەھمەت ئېيتىپ يولىغا راۋان بوپتۇ . ئاغمىخان بولسا نىيتىنى «بۇزۇپ تاشپاقىغا ئەگىشىپ باقايچۇ «دەپ ئويلاپ دەرھال پالتىسىنى ئېلىپ تاشپاقىغا سەزدۈرمەي  ئەگىشىپ مېڭىپتۇ ،ئۇلار مېڭىپتۇ – مېڭىپتۇ ،كېچە -كۈندۈز توختىماي يول يۈرۈپتۇ

شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئاخىرى شىمالىي قۇتۇپقا يېتىپ كەپتۇ ،شىمالى قۇتۇپنىڭ سوغاقلىقىدىن ئاغمىخان توڭلاپ دىر- دىر تىترەشكە باشلاپتۇ. لىكىن تاشپاقا سوغاققا پەرۋامۇ قىلماي يولىغا مېڭىۋېرىپتۇ .يولدا تاشپاقىغا بىر قۇتۇپ ئېيىقى ئۇچراپ قاپتۇ .تاشپاقا ئېيىقتىن: «قۇيۇن دىگەن تاغنى بىلەمسەن؟ دەپ سوراپتۇ»ئېيىق بولسا :ھە ،بىلىمەن ئۇ تاغ ئاۋۇ ياقتا دەپ بېشىنى ئىشارەت قىلىپ كۆرسىتىپ قۇيۇپتۇ . تاشپاقا ئېيىققا رەھمەت ئېيتىپتۇ، ۋە ئىچىدە ناھايىتى خوش بوپكىتىپتۇ -دە ئاخىر يىتىپ كىلەي دىدىم دەپتۇ . ئېيىق بولسا «بۇ تاشپاقا، ئۇ تاغدا نىمىش قىلىدىغاندۇ ؟»دەپ ھەيران بوپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ يولىغا راۋان بوپتۇ ،ئاغمىخان بولسا تاشپاقىغا ئەگىشىپ مېڭىۋېرىپتۇ

ئاچكۆز تاشپاقا بىلەن ئاغمىخان شۇنداق قىلىپ «قويۇن «دىگەن تاغقا يىتىپ كەپتۇ،ئەسلىدە ئۇ تاغنىڭ ئىچىدە يوغان بىر ئەجدەرھا بار ئىكەن ،ئۇ ئەجدەرھانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئادەم ئىسكىلىتقا ئايلىنىپ قالىدىكەن ئاچكۆز تاشپاقا بىلەن ئاغمىخان تاغنىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ ، ئۇلار مېڭىپتۇ – مېڭىپتۇ ۋە بىر خورەك ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ ، بۇ ئاۋازدىن ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى شۈركۈنۈپ تىترەشكە باشلاپتۇ .تۇيۇقسىز تاشپاقا ئارقىسىدىن بىر ئاياق ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ – دە ،دەرھال ئارقىغا قارىسا كەينىدە ئاغمىخان تۇرغۇدەك تاشپانىڭ قاتتىق ئاچچىقى كىلىپ :«ھەي ئاغمىخان، سەن بۇ يەرگە نىمىگە كەلدىڭ؟ » دەپ سوراپتۇ .ئاغمىخان خىجىل بولۇپ :«مەن سىنى ئالتۇن ئىزدىگىلى ماڭدىمىكىن ،دەپ سەن بىلەن بىللە ئالتۇن تاپقىلى كەلدىم » دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.ئاچكۆز تاشپاقا ئۇھسىرغان ھالدا :«بوپتۇ ،ئەمدى كەپبوپسە، ئىككىمىز بىللە ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە كىرەيلى »دەپتۇ، ئاغمىخانمۇ بۇ گەپكە قوشۇلۇپتۇ ، ئۇلار ئۆڭكۈرگە كىرىپتۇ ، كىرىپتۇ ۋە  ئالدىغا ناھايىتى چوڭ بىر ئالتۇن ئۇچراپتۇ ،ئىككەيلەن بولسا بۇ ئالتۇننى تالىشىپ قاپتۇ ،ئاچكۆز تاشپاقا: (بۇمېنىڭ دىسە) ئاغمىخان:( بۇ مېنىڭ) دەپ تازا ئۇرشۇپتۇ، دەل بۇ ۋاقىتتا ئەجدەرھا ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇپتۇ ۋە ئىككىسىنى قوغلاشقا باشلاپتۇ، تاشپاقا بىلەن ئاغمىخان پۈتۈن كۈچى بىلەن قېچىشقا باشلاپتۇ بىراق ئەجدەرھا بوسا ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئۇلارنى قوغلاپ تۇتىۋاپتۇ ۋە ھاپپىدە قىلىپ ئاغزىغا بىر سېلىپلا ئىككەيلەننى يۈتىۋېتىپتۇ ، شۇنداق قىلىپ تاشپاقا بىلەن ئاغمىخان ئاچكۆزلۈكى  سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىپتۇ


4.9
4.9 out of 5 stars (based on 33 reviews)
5 يۇلتۇز91%
4 يۇلتۇز9%
3 يۇلتۇز0%
2 يۇلتۇز0%
1 يۇلتۇز0%

ماقالىگە يېزىلغان ئىنكاسلار

ماشائاللاھ ،بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ،تېخىمۇ تىرىشىڭ

Avatar for رەناگۈل
رەناگۈل

بەك ياخشى يېزىپسىز تېخىمۇ تىرىشىڭ

Avatar for ئادالەت
ئادالەت

ماشائاللاھ يارايسەن. مۇستافا شۇنداق مەنىلىك بىر ھېكايە بوپتۇ . مەن ئابدۇللا بىلەن ئابدۇراھمانغىمۇ ئوقۇپ بەرگەنتىم شۇنداق ياخشى كۆرۇپ ئاڭلىدى. تېخىمۇ كۆپ مەزمۇندا توختاپ قالماي ئىلگىرىلەپ يېزىشىڭنى ساقلايمىز.

Avatar for رۇقىيە
رۇقىيە

مۇقەددەس شەھەر مەدينە مۇنەۋۋەردە ئۆسۈپ يىتىلگەن بۇ كىچىك يازغۇچى يىگىتنىڭ يازغان ئەسىرىنى ئوقۇپ، شۇنداق ھاياجانلاندىم، دىمەك ئاچكۆزلۈك ، قانائەتسىزلىك دىگەن بۇ يامان ئىللەت ئىنسانىيەتكىلام ئەمەس ، بەلكى ھايۋاناتلارغىمۇ ياراشمايدىغان يىرگىنىشلىك ، قەبىھلىك ھىساپلىندىكەن.

بۇ ئوماق ئوغلىمىز ھايۋاناتلار ئوبرازى ئارقىلىق بىزگە ياخشى بىر ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپتۇ. ئاففىرىن سىزگە پەخىرلىك ئوغلىمىز مۇستافا . سىلەردەك پەخىرلىك ئوغلانلارغا كۆپ ئىھتىياجىمىز بار.

Avatar for ozlem
ozlem

بەك ياخشى يىزلىپتۇ ، تىخىمۇ تىرشىڭ، كۆپلىگەن گۈزەل ھىكايىلەرنى داۋاملىق يىزىڭ..

Avatar for مەرۋەنىڭ ئاپىسى
مەرۋەنىڭ ئاپىسى

ماشائاللاھ مەزمۇنى چوڭقۇر يىزپسىز

Avatar for سۈمەييە
سۈمەييە

ماشائاللاھ بەك ياخشى يېزىپسىز

Avatar for مۇھەممەت
مۇھەممەت

ماشائاللاھ مۇستاپا ئوغلۇم بەك ياخشى يېزىپسىز ئاللاھ زېنىڭىزنى تېخىمۇ ئۆتكۈر قىسسۇن

Avatar for رەيھان
رەيھان

بارىكاللا

تېخىمۇ تىرىشىڭ

Avatar for زەينۇرە
زەينۇرە

ئېسىل 👍

Avatar for سۈبھىنۇر ئادىل
سۈبھىنۇر ئادىل

ماشائاللاھ ياخشى يېزىپسىز

Avatar for شەھىدە
شەھىدە

ئاچكۆزلۈكتىن ئىبارەت يامان ئىللەتنى قىزىقئارلىق بىر ھېكايە بىلەن تەسۋرىرلەپ بېرىپتۇ … يارايسىز

Avatar for Ayishe
Ayishe

يارايسىز ، مۇستاپا .

تېخىمۇ تىرىشىڭ

Avatar for پەرىدە
پەرىدە

بارىكاللاھ

Avatar for ئارزىگۈل
ئارزىگۈل

بەك قىزىقارلىق ھەم مەزمۇنلۇق يېزىپسىز

Avatar for جاللات خېنىم
جاللات خېنىم

ماشاء الله تبارك الله

Avatar for نور الإيمان
نور الإيمان

تېخىمۇ تىرىشىڭ، يارايسىز

Avatar for ئادالەت
ئادالەت

قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

Avatar for شەھىدە
شەھىدە

گۈزەل

Avatar for سابىرە
سابىرە

ماشاء الله ، بارك الله فيك

Avatar for ئىلمىنۇر
ئىلمىنۇر

Dawamliik tirixing

Avatar for Mukarram
Mukarram

ئېسىل

Avatar for سۈمەييە
سۈمەييە

Yahxi yezipsiz

Avatar for Uyghur
Uyghur

ماشائاللاھ،

Avatar for مەرھابا
مەرھابا

ياخشىكەن

Avatar for گۈزەلنۇر
گۈزەلنۇر

ئۆزگىچە تەپەككۇر بىلەن يېزىلىپتۇ ، ماشائاللاھ

Avatar for ئائىشە
ئائىشە

ياخشى يېزىلىپتۇ

Avatar for ئارمان
ئارمان

ياخشى مەنىلىك يېزىلىپتۇ….ئاللاھ زېھنىڭىزنى تېخىمۇ ئۇچۇق قىلسۇن….ئۇتۇقلار تىلەيمەن….تېخىمۇ تىرىشىڭ

Avatar for Asmarim
Asmarim

ماشا ئاللاھ بەك ياخشى يېزىپسىز

Avatar for يەھيانىڭ ئانسى
يەھيانىڭ ئانسى

ماشائاللاھ مۇستافا بەك ياخشى يېزىپسىز شاكىرە بىلەن ئۇقۇپ بەك خوشال بولدۇق داۋامىنى كۈتىمىز ، ئاللاھ زېھنىڭىزنى ئۇچۇق قىلسۇن

Avatar for خەدىچە
خەدىچە

ماشائاللاھ مۇستافا بەك ياخشى يېزىپسىز

داۋامىنىمۇ كۈتىمىز

ئاللاھ زېھنىڭىزنى تېخىمۇ ئۇچۇق قىلسۇن !

Avatar for مۇھەممەدنىڭ ئاپىسى
مۇھەممەدنىڭ ئاپىسى

ماشا ئاللاھ بەك ياخشى يېزىلىپتۇ

Avatar for نەفسە
نەفسە

ماشائاللاھ مۇستافا، بەك ياخشى يېزىپسىز، تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن . ئابدۇللاھنىڭ ئاپىسىدىن

Avatar for سۈمەييە
سۈمەييە

جاۋاب يېزىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button