ئانا مېنى  كەچۈرۈڭ

زۇلھايا ئابدۇرازاق

پەرزەنت يېڭى  تۇغۇلغاندا ئاتا-ئانىغا چەكسىز خوشاللىق بېغىشلايدىكەن . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئانا ھەم دادا بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىكەن . پەرزەنتكە بارلىقىنى ئاتايدىكەن . ئانا! مەن تۇغۇلغاندا سىزمۇ شۇنداق بەخىت ۋە خۇشاللىققا چۆمگەن بوغىيمىتىڭىز ؟ چۇقۇم شۇنداق بولغان . سىزنىڭ كۆزلىرىڭىزدىن خۇشاللىق نۇرلىرى چاقنىغا ، قەلبىڭىز ئانا بولغانلىقىڭىزدىن چەكسىز سۆيىنگەن بولغىيتى ؟ مېنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشنى دادام بىلەن بەست-بەستە شېرىن خىياللار ئىلكىدە تاتلىق مۇڭداشقان بولغىيتىڭلار- ھە

مەن ئاستا-ئاستا چوڭ بولدۇم . مەن يەنىلا سىزنىڭ بارلىقىڭىز بولماقتىمەن . ئانا! سىز بەكلام مېھرىبانكەنسىز . مەن سىزنىڭ ماڭا بەرگەن ئاق سۈتلىرىڭىزنىڭ ھەققىنى قانچە قىلساممۇ قايتۇرۇپ بۇلاممايدىكەنمەن . سىزنىڭ كېچىلىرى تاتلىق ئۇيقۇڭىزدىن ئويغۇنۇپ مېنى ئەللەي ئېتىشلىرىڭىز . سىزنىڭ ئاشۇ مېھرى ئىللىق قۇچىقىڭىزغا چىقساملام يىغلاشتىن توختاشلىرىم . توۋۋا كىچىك بولساممۇ شۇ چاغلاردا ئۇششۇق بولسام كېرەك. سىز يەنىلا مېنى بارلىق مېھىر مۇھەببىتىڭىز بارلىق سۆيگىڭىز بىلەن پەپىلىدىڭىز . ھەرقىتىم چۇچۇك تىللىرىمبىلەن سىزدى سورىغان گۆدەكلەرچە سۇئاللىرىمغا مەيلى كۆڭلىڭىز يېرىم بولغان ۋاقىت بولسۇن ياكى ئاغرىپ قالغان ۋاقتىڭىز بولسۇن سىز ئېرىنمەستىن سۇئاللىرىمغا جاۋاپ بەردىڭىز . مېنى ئاشۇ ئىللىق قوينىڭىزدا مەھكەم قۇچاقلىغىنىڭىزچە تەبىئەتنى ھۇزۇرلاندۇردىڭىز . بىركۈن كەشكىچە ئىشلەپ ھېرىپ چارچاپ كەتكەن بولسىڭىزمۇ كەشلىرى يەنىلا ئىللىق قوينىڭىزنىڭ ئىچىدە مېنى باغرىڭىزغا بېسىپ تۇرۇپ ھېكايە سۆزلەپ بەردىڭىز تاكى مەن ئۇخلىغىچە . كۆزىڭىز قىززىرىپ ئۇيقۇڭىز كېلىپ كەتكەن بولسىمۇ لېكىن  سىز يەنىلا مەندىن كېيىن  يەنى  مېنى  شېرىن ئۇيقىغا غەرىق قىلىۋەىكەندىن كېيىن  ئاندىن ئۇخلىدىڭىز . ئانا! دادام ۋاپات بولغاندىن كېيىن سىز بىزنى بېقىش ئۈچۈن  يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك كۆز ياشلىرىڭىزنى ئىيتىۋېتىپ رەھىمسىز تەقدىرنىڭ چاقچاقلىرىغا پەرۋا قىلماستىن بارلىق دەرتلىرىڭىزنى پىنھار كۆمىۋىتىپ ھازىرغا قەدەر ئىرادە كەمىرىنى بېلىڭىزغا مەھكەم باغلاپ جاسارەت مەيلىرىگە قەدەھ كۆتۈرۈپ غالىپلارچە

ياشاۋاتىسىز . توۋۋا ئانا! سىزنىڭ سۈتتەك  ئاپئاق يۇزلىرىڭىزگە قورۇق  چۈشۈشكە باشلاپتۇ . چاچلىرىڭىزغا ئاندا- ساندا ئاق كىرىشكە باشلاپتۇ . كۆزلىرىڭىزنىڭ نۇرلىرى قېنى؟  ئۇ نۇرلارنى ماڭا بەردىڭىزمۇ ئانا!؟ ئانا! مەن سىزنى قېرىتىپ قويدۇممۇ ؟ سىز مەن ئۇچۇن مېنى قاتارغا قوشۇش ئۇچۇن تىرشىۋاتىسىز مەن ئۇچۇن شۇ ياشلىق باھارىڭىز توزىماقتا . ئانا! مەن رەھىمسىز بالىڭىزنى كەچۈرۈڭ

پەرزەنت تۇغۇلغاندىن كېيىن  ئاتا-ئانا شۇ پەرزەنت ئۇچۇنلا ياشايدىكەن . ئۇلار سوغۇقنى سوغۇق دېمەي ئىشلەپ بالىلىرىم دەپ ئاز بولسىمۇ ئاشۇ بىر تىيىن – بىر تىيىن دىن تاپقان پۇللىرىغا بالىلىرىنى ياخشى يىگۈزۈپ باشقىلارنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالماسلىقى ئۈچۈن

ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتايدىكەن . ئۆزى يىمىسىمۇ يىمەي ئۆزى كىيمىسىمۇ كىيمەي بالام دەپ تۇرۇپ  ياشايدىكەن

ئانا! سىزنى غەمگە پاتقۇزدۇممۇ؟ توغىرا مەن ۋاپاسىز بالىڭىزنىڭ دەدى ! مەن نېمانچە ۋاپاسىز ! ئانامنىڭ مەن ئۇچۇن چەككەن جاپاسىنى مەن نېمىشقا ئويلىمايمەن ؟ ئانامنىڭ مەن ئۈچۈن تۆككەن ياشلىرىنى نېمىشقا ئويلىمايمەن ؟ مانا قاراپ بېقىڭە بەزى ۋاقىتلاردا ئولتۇرغان يېرىڭىزدە نەچچە مىنۇتلاپ ھاڭۋىقىپ قالىسىز . ئاشۇ نۇرسىز كۆزىڭىزدىن چىققان ياشلىرىڭىز قۇرۇق باسقان يۇزىڭىزنى بويلاپ چۇشمەكتە . بىلدىم ئانا ! سىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ھاڭۋىقىپ ئولتۇرغىنىڭىزنى بىلدىم ! مەن ئۈچۈن يەنە شۇ مەن ۋاپاسىز بالىڭىز ئۈچۈن. سىزنى شۇنداق مىسكىن ئويچان قىلىۋەتكەن ئەتىۋار بالىڭىز ئۈچۈن. ئانا مېنى كەچۈرۈڭ . مەن نادان بالىڭىزنى كەچۈرۈڭ ، سىزنى مۇشۇنداق خاپا قىلىپ سىزنى غەمگە پاتقۇزۇپ قويغانلىقىمدىن تولىمۇ خىجىل بۇلىۋاتىمەن . ( ئىشىڭ ئوڭۇشلۇق بولسۇن دېسەڭ ئاناڭنىڭ

دۇئاسىنى ئال دەپتىكەن) ئانا يەنە مەن ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتامسىز ؟ مېنىڭ بەختىم ئۇچۇن دۇئا قىلىۋاتامسىز ؟ بىراق مېنىڭ دۇئارىمچۇ ؟ مەن سىزگە بىر قېتىممۇ دۇئا قىلىپ باقماپتىمەن

توۋۋا ئانا سىز نېمە دېگەن ئەخمەق . مەندەك ۋاپاسىزغىمۇ دۇئا قىلامسىز ؟ ئانىنىڭ مۇھەببىتى ھەقىقەتەن مىننەتىسز مۇھاببەت ئىكەن . لېكىن مەن نېمىشقا كېچىكىپ ھېس قىلدىم؟ ھەر قېتىم سىزنىڭ شۇ قورۇق باسقان يۇزلىرىڭىزگە ، ئاق چۈشكەن چاچلىرىڭىزغا قارىغىنىمدا ئىچىم ئاچچىقىتىن تولغىنىپ كېتىدۇ . سىزگە يۈز كىلەممەيمەن ئانا! ئانا سىز مېنى  بېقىش ئۈچۈن نۇرغۇن جاپالارنى چېكىپسىز. بۇنىڭغا ئاشۇ قورۇق باسقان يۇزلىرىڭىز گۇۋاھ .سىز قىزىل گۇلدەك باھارىڭىزنى ماڭا ئاتىدىڭىز . لېكىن مەنچۇ سىزنىڭ ئاشۇ مىننەتىسز ئەجرىڭىزگە نېمە بەردىم ؟ مەن سىزگە نېمە قىلىپ بىرەلىدىم ؟ سىزگە ئاشۇ يىللارنىڭ يالدامىسى بولغان ئاشۇ رەھىمسىز قورۇق ۋە نۇرغۇن غەم قايغۇدىن باشقا نېمە بىرەلىدىم ؟ ئانا مېنى كەچۈرۈڭ ! ئۆتۈنەي ئانا مېنى كەچۈرۈڭ . غورۇرۇم ، ئىززىتىم، مېھىر مۇھەببىتىم ، يۆلەنگەن تېغىم ، ئانا مېنى كەچۈرۈڭ


5.0
Rated 5.0 out of 5
5.0 out of 5 stars (based on 10 reviews)
5 يۇلتۇز100%
4 يۇلتۇز0%
3 يۇلتۇز0%
2 يۇلتۇز0%
1 يۇلتۇز0%

ماقالىگە يېزىلغان ئىنكاسلار

Rated 5.0 out of 5

Maga bek tesirlik bilindi kelimigiz daim bölsün

Avatar for Muhammet
Muhammet
Rated 5.0 out of 5

Nahayiti yahşi hem tesirlik boptu maaşaallah

Avatar for زوحره
زوحره
Rated 5.0 out of 5

ماشائاللاھ بەك ياخشى بۇپتۇ

Avatar for ئىرپان
ئىرپان
Rated 5.0 out of 5

ناھايىتى ياخشى ھەم كۆڭۇلدىن بولۇپتۇ مىنى ناھايىتى تەسىرلەندۇردى ماشا ئاللاھ 🌹

Avatar for ئائىشە
ئائىشە
Rated 5.0 out of 5

Bak tasirlik ata na ulug

Avatar for Bilal
Bilal
Rated 5.0 out of 5

ئاجايىپ تەسىرلىككەن ماشااللاھ👍

Avatar for ئۆمەر
ئۆمەر
Rated 5.0 out of 5

بەك تەسىرلىك بوپتۇ ماشااللاھ

Avatar for ئابدۇراھمان
ئابدۇراھمان
Rated 5.0 out of 5

ئاللاھ قەلىمىڭىزگە بەركەت بەرسۇن زىھنىڭىزنى ئۇچۇق قىلىپ بەرسۇن ئاتا ئانىڭىزنىڭ ماقالىڭىز بەك تەسىرلىك ھەم بەك ئۇلگۇلۇك بۇپتۇ ماقالىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم

Avatar for Salahiddin
Salahiddin
Rated 5.0 out of 5

بەك تەسىرلىق ھەم ئاتا ئانىسىغا بولغان مىھىر مۇھاببىتىنى ئىپادىلەپتۇ ئاتائانىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلدىرىپتۇ

Avatar for جەمىلە
جەمىلە
Rated 5.0 out of 5

بەك تەسىرلىك بۇپتۇ

Avatar for رۇقىيە
رۇقىيە

جاۋاب يېزىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button